维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

جۇڭگو 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈنئىي ھەمرا ئېتىپ چۈش ...

2013-1-7 22:47| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 265| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان خەۋەرلىرى

قىسقىچە مەزمۇنى: جۇڭگو 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈنئىي ھەمرا ئېتىپ چۈشۈرۈش تەجرىبىسى قىلىدۇيەر شارى تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكا را ...
جۇڭگو 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈنئىي ھەمرا ئېتىپ چۈشۈرۈش تەجرىبىسى قىلىدۇ

يەر شارى تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاخبارات ساھەسىدە جۇڭگونىڭ سۈنئىي ھەمرانى ئېتىپ چۈشۈرۈش تەجرىبىسى قىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار قاراشلار تارقالغان. تەھلىللەردە قارىشىچە، جۇڭگو تەجرىبە قىلىش تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىكەن. 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا كونسېرنىد ئالىملار ئىتتىپاقى (The Union of Concerned Scientists) دىكى ئالىم گروگورىي مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئېھتىمال جىددىي كەيپىياتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو تەجرىبە پىلانىنى ناھايىتى تېزلا يولغا قويىدىكەن، 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، چۈنكى 2007-يىلى ۋە 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو ئوخشاش بىر كۈندە سۈنئىي ھەمرانى ئېتىپ چۈشۈرۈش تەجرىبىسى قىلغان.
ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇ قېتىمقى تەجرىبى ئىستراتىگىيىلىك تەھدىت دېگەن، چۈنكى بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى ھەربىي ئالاقە ۋە يول باشلاش سۈنئىي ھەمرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش سىگنالىنى بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، 2007-يىلدىكى تەجرىبىسىمۇ جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان دەپ قارالغان. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىلا دۇنيادا ئەمەلىي ئۇرۇشتا سۈنئىي ھەمرانى توسۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ھازىرلىغان بىردىنبىر دۆلەت.
كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ھەربىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇرۇشنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن. نۆۋەتتە، ئالەم بوشلۇقى يادرو قورالى بىلەن ئوخشاش سەزگۈر ساھە بولۇپ قالغان. 
(نەپرەت)



ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ