维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ئامېرىكا سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداشنى دۆلەت م ...

2013-1-4 23:00| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 162| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-يانۋار خەۋىرى: ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاين ...
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-يانۋار خەۋىرى: ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پارلامېنت ماقۇللىغان 2013-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لاھىيىسىگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداش مەزمۇنى بار بۇ قانۇن لاھىيىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىغان.
بۇ قانۇن لاھىيىسىدە، سېنكاكۇ ئارىلى (جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلى دەيدۇ) نى قوغداشنى ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىنىڭ 5-ماددىسىغا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈشى ھەمدە قانۇن لاھىيىسىدە ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق يازغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوباما قانۇن لاھىيىسىگە ئىمزا قويۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ھېچقانداق مەيداندا تۇرماسلىقتىن ۋاز كېچىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالغان.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «2013-يىللىق مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لاھىيىسى» دا جۇڭگوغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىچكى سىياسىيسىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمۇ ئوخشاش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.
(نەپرەت)

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ