خەلق
تورىنىڭ 3 – يانۋار خەۋىرى: بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى خەۋىرىگە
قارىغاندا، ھىندىستان «قارا ئاپتوبۇستىكى باسقۇنچىلىق دېلوسى» تېخى
بېسىقماي تۇرۇپ، ئەمدىلا 2013 – يىلغا قەدەم قويغان ھىندىستاندا يەنە ئىككى
قېتىم باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دېلودا
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىز پەقەت ئالتە ياشتا. ھازىر ساقچى تەرەپ پۈتۈن
كۈچى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇۋاتىدۇ. |