ياپونىيە ‹‹توكيو خەۋەرلىرى›› تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا،
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مائارىپنى گۈللەندۈرۈش مىنىستىرى
خىروفۇمى شىمومۇرا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى قايتا ■تەختكە چىققاندىن
كېيىنكى مائارىپ ئىسلاھاتى لاھىيىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ
مۇھىم نۇقتىسى، مەجبۇرىي مائارىپنى بەش ياشقىچە سۈرۈش، كىچىك ياشتىكىلەرنى
بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ھازىرقى مائارىپ كومېتىتى
تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە
ئالىدىكەن. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش لاھىيىسىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى تېمىسى- مەجبۇرىي مائارىپنى بەش ياشتىن باشلاپ يولغا قويۇش بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە جانلىق ئوقۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مائارىپ دەرسكلىكلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ساقلىنىۋاتقان تارىخنى تونۇش قارىشى ئۆ〗زگەرتىلىدىكەن. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مائارىپ كومېتىتى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى مۈجمەل بولغانلىقتىن، كىچىك، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان كونا كېسەلنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولمىغان. دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە قارىتا، خىروفۇمى شىمومۇرا تەكىتلەپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتىن باشلاپلا مائارىپ ئىسلاھاتى لاھىيىسىنى يولغا قويۇشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. |