شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : خەۋەرلەرگە كۆرسىتىلىشىچە ، كۆپلىگەن ئىسرائىلىيەلىكلەر پەلەستىن دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىكەن ، ھەمدە پەلەستىن بىلەن تېنىچ - ئىناق ئۈتۈشنى خالايدىكەن . " بۈگۈنكى ئىسرائىلىيە " گېزىتىنىڭ 4- يانىۋاردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، % 54 ئىسرائىلىيەلىك پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىكەن ، % 38 ئادەم قارشى تۇرىدىكەن . % 54 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قارىشىچە ئىسرائىلىيە پەلەستىن بىلەن تېنچلىق كىلىشمىسى تۈزۈشى مۇمكىن ئەمەسكەن ؛ % 55 ئادەم مۇنداق دىگەن : پەلەستىن مىللىي ھوقوق ئورگىنىنىڭ رەھبىرى ئابباس تېنىچلىقتىكى ھەمدوس بۇلالمايدۇ ، دەپ قارىغان . ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى رايۇنلارغا يەھۇدىلەر رايۇنى قۇرۇشقا قارىتا % 43.4 ئادەم قوللىغان ، % 43.5 ئادەم قوللىمىغان . |