维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

جۇڭگوغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان تەيۋەن ...

2013-1-6 09:10| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 159| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: جۇڭگوغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان تەيۋەننىڭ ئۈچ ئوفىتسېرى شىكايەت قىلىندىبىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 5- ...
جۇڭگوغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان تەيۋەننىڭ ئۈچ ئوفىتسېرى شىكايەت قىلىندى


بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 5-يانۋار خەۋىرى: تەيۋەن 2012-يىلى 10-ئايدا ئاشكارىلىغان كۆپلىگەن ئوفىتسېرلارنى كومپارتىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش دېلوسىدا يېقىندا يېڭى ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن.
تەيۋەن «ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز ئارمىيىدىن چېكىنگەن گېنرال چىيەن جىڭگونىڭ تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى گىدروگرافىك ماتىرىيالى ۋە باشقا تۈرلەرگە ئالاقىدار ئاخباراتلارنى جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، گاۋشيوڭ تەپتىش مەھكىمىسى ھەربىي پىلانغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلغان.دېلوغا چېتىشلىق باشقا كىشىلەرمۇ شىكايەت قىلىنىشنى ساقلاۋېتىپتۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، چىيەن جىڭگو گاۋشيوڭ سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قارار قىلغان. ئۇنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ گىدروگرافىك ئەھۋالى قاتارلىق ماتىرىياللارنى ئاشكارىلىغان ئاشكارىلىمىغانلىقى ھەققىدە ھەربىي تەرەپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئوخشاش دېلو سادىر قىلغان دېڭىز ئارمىيە داچى دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ ئۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشىقى جاڭ جىشىن پودپولكوۋنىك ھەمدە پايدىلىنىپ كېتىلگەن سابىق دېڭىز ئارمىيە فلوت قوماندانلىق شىتابىنىڭ لېيتىناتى لى دېڭخۇيمۇ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شىكايەت قىلىنغان. ھەربىي تەپتىش ئورگىنى جاڭ جىشىننى دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ دۈشمەن ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى، پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن، لى دېڭخۇينى دۈشمەنگە ياردەم بېرىپ جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ھەمدە پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شىكايەت قىلىپ، ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 40 نەچچە ياشلىق چىيەن جىڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن، قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن قىسىمدىن چېكىنگەن مەلۇم ئوفىتسېر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مەلۇم ئەمەلدارى بىلەن تونۇشقان، جۇڭگو ئەمەلدارى ئۇنىڭغا نەق پۇل ۋە ساياھەت مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن، ئۇ كېيىن جۇڭگو ئەمەلدارىغا ھەربىي مەخپىيەتلىك تەمىنلىگەن. چىيەن جىڭگو كېيىن جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن ھەمدە تەيۋەندە ئەزا قوبۇل قىلغان، قىسىمدىن چېكىنگەن ياكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلاردىن بولۇپ جەمئىي 10 نەچچە ئادەمنى قوبۇل قىلغان.
(نەپرەت)

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ