ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى يەنە جۇڭگو ئايروپىلانىنى توستى بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 5-يانۋار خەۋىرى: ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىغا قاراشلىق بىر كىچىك تىپتىكى چارلىغۇچى ئايروپىلان 1-ئاينىڭ 5-كۈنى غەربىي شىمال يۆلىنىشتىن سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقاندا، ياپونىيە ھاۋا قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ رادارى بايقاپ قالغان، ناخا بازىسىدىكى F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جىددىي ئۇچقان ھەمدە جۇڭگو ئايروپىلانىنى توسقان. ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ چارلاش ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلمىغان. ئىگىلىنىشچە، جۇڭگونىڭ چارلاش
ئايروپىلانى دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىغا قاراشلىق جۇڭگو دېڭىز باشقۇرۇش
شەرقىي دېڭىز باش ئەترىتىنىڭ B-3806 运-12 ئايروپىلانى ئىكەن. (نەپرەت) |