维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاكىستانلىق ق ...

2013-1-7 22:44| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 139| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان خەۋەرلىرى

قىسقىچە مەزمۇنى: تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاكىستانلىق قىز دوختۇرخانىدىن چىقتىجۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى: چەت ...
تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاكىستانلىق قىز دوختۇرخانىدىن چىقتى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە داۋالىنىۋاتقان پاكىستانلىق قىز مالالا يېقىندا ۋاقىتلىق دوختۇرخانىدىن چىققان، ئەنگلىيەدىكى تۇرالغۇسىدا ئائىلىسىدىكلەر بىلەن جەم بولىدىكەن. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش مالالانى داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ئۇ ئېھتىمال بىرىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ياكى ئىككىنچى ئاينىڭ بېشىدا دوختۇرخانىغا قايتىپ داۋاملىق داۋالىنىشى مۇمكىن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مالالا دوختۇرخانىدىن چىققاندا گەرچە تېنى ئاجىز كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يول مېڭىشى نورمال ئىكەن. ئۇ كېتىدىغان چاغدا دوختۇر ۋە سىستېرا بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقان.
مالالا ئەنگلىيەنىڭ بېرمىنھامدىكى كۋىن ئېلىزابىس (Queen Elizabeth ) دوختۇرخانىسىدا داۋالانغىلى نەچچە ئاي بولغان بولۇپ، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىش بېشىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەن.
مالالانىڭ دوختۇرى دېيىشىچە، ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق دوختۇرخانىدىن چىققان، ئۇ ھەر ھەپتىدىكە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرىدىكەن، دوختۇرمۇ مالالانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزۈتۈپ تۇرىدىكەن.
2012-يىلى 9-ئايدا، مالال مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا، تالىباننىڭ 3 قوراللىق خادىمى مالالاغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ئوق ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ ئېغىر يارىدار بولغان، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن پىشاۋۇردىكى ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن، مالالا ئەنگلىيە بېرمىنھامدىكى كىۋىن ئېلىزابىس دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن.
(نەپرەت)


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ