ھىندىستان ئارمىيەسى: پاكىستان ئاۋۋال قاراۋۇلخانىمىزغا مىناميوت ئاتتى يەر شارى تورى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى بېيجىڭ ۋاقتى 6 – يانۋار چۈش سائەت ئىككىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پاكىستان ئارمىيەسى ھۇجۇمنى توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھىندىستان ئارمىيە تەرەپنىڭ چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا مىناميوت ئوقى قويۇپ بەردى، دىدى. بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دىدى: «سەھەر سائەت ئۈچتىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى ئالتىدىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە)، ئۇلار (پاكىستان ھەربىي تەرەپ) بىزنىڭ Uri رايونىمىزنىڭ Churunda كەنتىدىكى قاراۋۇلخانىمىزغا مىناميوت ئوقى قويۇپ بەردى». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مىناميوت ئوقلىرى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىغا چۈشكەن، بىراق ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان ئارمىيە تەرەپ تېزدىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن، كېيىن ئىككىلا تەرەپ ئوت ئېچىشنى توختاتقان. |