شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسلامئابادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى، ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلانى 8-چېسلا شەھەردە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قوراللىق ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنغان دەپ گۇمانلانغان ئۆيگە باشقۇرىلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغان بولۇپ، جەمئىي ئاز بولغاندىمۇ 8 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 4 ئادەمنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پاكىستان تاراتقۇسىنىڭ 8-چېسلادىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلانى 8-چېسلا شەھەردە ئالدى بىلەن شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدىكى دېھھالى يېزىسىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ رەھبىرى يوشۇرۇنغان دەپ گۇمانلانغان ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر قورۇغا قارىتا 8 باشقۇرىدىغان بومبا ئېتىپ، 5 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 4 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئارقىدىن يەنە مەزكۇر رايوندىكى ئىسقەيىر يېزىسىدىكى بىر قوراللىق ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنغان دەپ قارالغان ئۆيگە ھۇجۇم قىلىپ، 3 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكلاتتا پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ جەمئىي 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، 8 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېيىلگەن. |