شىنخۇا تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى: (نۇر
تورى تەرجىمىسى) «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش
مەھكىمىسىنىڭ پارا بېرىش دېلولىرىنى بىجىرىشتە، قانۇننى كونكرت تەتبىقلاش
توغرىسىدىكى بىر قانچە ئىزاھات» 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
ئىزاھاتتا جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىنىڭ 390-ماددىسىدىكى پارا بىرىش
«قىلىمىشى ئېغىر»، «دۆلەت مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش»، «قىلمىشى
پەۋقۇلئاددە ئېغىر» قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا كونكرت بەلگىلىمە
چىقىرىلدى. قانۇن ئىزاھاتىغا ئاساسەن، ناتوغرا مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە پارا بەرگەنلەرنىڭ، پارا سوممىسى ئونمىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى 390-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئىزاھاتتا مۇنداق بەلگىلەندى: ھارام مەنپەئەت ئۈچۈن، بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى پارا بەرگەن بولسا، ياكى كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىيان سوممىسى بەش مىليون يۈەندىن ئاشقان بولسا، «قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر» دەپ بىكىتىلىدۇ. كۆپ قېتىم پارا بىرىپ جازالانمىغان بولسا، پارا بىرىش سوممىسى جۇغلىنىپ ھېسابلىنىپ جازا بىرىلىدۇ. ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 31-دېكابىر «پارا بېرىش دېلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇننى كونكرت تەتبىقلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە ئەدلىيەلىك ئىزاھات»نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا، كۆپ قېتىم پارا بىرىپ، بىر تەرەپ قىلىنمىغانلار جۇغلانما پارا بەرگەن سوممىسى بويىچە جازالىنىدۇ. پارا بەرگۈچىلەر ھارام نەپ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، پارا بىرىش جىنايىتى بىلەن قوشۇپ جازا بىرىلىدۇ. ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: پارا بەرگۈچى جىنايىتى سۈرۈشتە قىلىنىشتىن بۇرۇن پارا بەرگەنلىك قىلمىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، پارىخورلۇق دېلولىرىنى پاش قىلىشقا ياردەملەشكەن بولسا، پارا بەرگۈچىگە جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىنىڭ 68-ماددىسىدىكى خىزمەت كۆرسىتىش بەلگىلىمىسى تەدبىقلانمايدۇ، جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، جازا يىنكلىتىلىدۇ ياكى جازا بىرىلمەيدۇ. ئىدارە-ئورۇنلار پارا بەرگەن بولسا، جىنايىتى سۈرۈشتە قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىدارە-ئورۇنلار جىنايىتىنى تاپشۇرۇش قارارىنى كوللىكتىپ ياكى ئورۇن مەسئۇلى ئۆز ئالدىغا چىقارغان بولسا، جىنايى جازا يىنكىلىتىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئىزاھاتتا يېنىكلىتىپ جازا بىرىش ھەققىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى: پارا بەرگۈچى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئۆز ئەينى ئىقرار قىلسا، جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە يىنىك جازا بىرىلىدۇ؛ جاۋابكارنىڭ ئۆز ئەينى ئىقرار قىلىشى بىلەن، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلانغان بولسا، جازا يىنىكلىتىپ بىرىلىدۇ. پارا بەرگۈچى پارا ئالغۇچىنىڭ پارا ئېلىشتىن باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان بولسا، تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدىكى جاۋابكارلارنىڭ خىزمەت كۆرسىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جازا يېنىكلىتىپ بىرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. پارا بىرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھارام مال-مۈلۈكلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: پارا بىرىپ ئېرىشكەن ھارام مال-مۈلۈكلەر جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قايتۇرېلىنىدۇ، تۆلىتىۋېلىنىدۇ ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ. پارا بىرىش يولى ئارقىلىق مال-مۈلۈكتىن باشقا تىجارەت ئىجازىتى ۋە تۈرلۈك سالاھىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسا ياكى مەنسەپ ئۆسۈش قاتارلىق ناتوغرا مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدۇ. |