نېگىرىيەدە 15 خىرىستىيان مۇرتى باشقىلار تەرىپىدىن بۇغۇزلىۋېتىلدى ئەنگلىيە " كۈندىلىك تىلىگراف گېزىتى " نىڭ 30- دىكابىردىكى خەۋىرىدە ، نېگىرىيە دىنىي رادىكال تەشكىلات " بوكې ھارام " مەيدۇگىرى ئەتراپىدىكى مۇسارى كەنتىدە 28- دىكابىر ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، قۇراللىق ئۇنسۇرلار 5 ئادەم قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا ، نامەلۇم بىر ئادەم كىچىدە ئاھالىلەر رايۇنىغا كىرىپ ، 15 نەپەر خىرىستىيان مۇرتنى بۇغۇزلىۋەتكەن . يەرلىك كىشلەر بۇ قانلىق پاجىئەنى " بوكې ھارام " تەشكىلاتنى قىلغان دەپ گۇمان قىلدى . 2009-يىلدىن بۇيان ، نېگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالى قىسمىدىكى پۇقرالار " بوكې ھارام " رادىكال تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ ، بۇ جەرياندا 3000 غا يېقىن ئادەم قازا قىلغان . نېگىرىيەنىڭ شىمالى قىسمى ئاساسلىق ئىسلام دىنى مۇرتلىرىنىڭ ، نىگىرىيەنىڭ جەنوبى بولسا خىرىستىيان دىنىدىكىلەر ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان جاي ھىسابلىنىدۇ . |
ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،