
شىنخۇا تورىنىڭ 30 – دېكابىر ئىسلامئابادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى پاكىستان
تاراتقۇلىرىنىڭ 30 – چىسلا سەھەردە خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تالىبانلىرى
پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى دېلاياداڭ خېللېر رايونىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا
تۇتقۇن قىلىۋالغان 21 نەپەر پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئادەملىرىنى
ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى، 21 نەپەر تۇتقۇن قىلىنغان بىخەتەرلىك
قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ جەسىتى پېشاۋار
ئەتراپىدىكى خاسانخېللېر رايونىدا بايقالدى. ۋەقەدىن كېيىن، پاكىستان تالىبانلىرى
بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 21 نەپەر تۇتقۇننى يەنى پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ
21 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەردە
مۇنداق دىيىلدى، تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى 26 – چىسلا كېچىدىن 27 – چىسلا سەھەرگىچە
بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا تەخمىنەن 30 نەپەر تالىبان قوراللىق
ئۇنسۇرلىرى پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋارنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى
تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قوزغىغان، ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، تالىبانلار
قالغان 23 نەپەر بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئادەملىرىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە،
ئىككى تۇتقۇن تالىبانلار قاماپ قويغان جايدىن قېچىپ چىقىپ ئامان قالغان |