ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

بەش مىليۇن يىلدىن كېيىن ئەرلەرنىڭ نەسلى قۇر ...

2013-4-13 14:39| يوللىغۇچى : تەمكىن| كۆرۈش: 359| باھا: 2|يوللىغۇچى: نۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: ئاۋسترالىيە ئالىملىرى يەنە بەش مىليوندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ نەسلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ، دېدى ئەنگلىيە ئاخبا ...


ئاۋسترالىيە ئالىملىرى يەنە بەش مىليوندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ نەسلى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ، دېدى

 

 

ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە كوپېرا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى جېننى گراف قىياس قىلىپ، Y خىروموسومى بارغانسىرى چېكىنگەنلىكتىن، ئەر ئىنسانلار بەش مىليون يىلدىن كېيىن يەر شارىدىن يوقىلىدۇ دېگەن.

گراف ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئالىملارنىڭ بىرسى بولۇپ، يېقىندا، ئۇ ئاۋسترالىيە ئاكادېمىيىسىدە سۆزلىگەن بىر قېتىملىق ئاشكارا نۇتىقىدا، ئەرلەردىلا بار بولغان Y خىروموسومى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ئۆزىنى ئوڭشاش گېننىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ يوقىلىش گېردابىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا نەسلى قۇرۇش جەريانى ئاللىقاچان باشلاندى دېدى.

گرافنىڭ ئېيتىشىچە، X خىروموسومىدا تەخمىنەن 1000 دانە ساغلام خىروموسوم بار ئىكەن، Y خىروموسومى دەسلەپتە X خىروموسومى بىلەن ئوخشاش كۆپ گېنغا ئىگە بولغان، ئەمما ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ئەرلىرىدە بار بولغان Y خىروموسىمىدا 100 گىمو يەتمەيدىغان گېن ئېشىپ قالغان.

ئۇ چۈشەندۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئىككى دانە X خىروموسىمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، گېننىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدا ‹‹ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ››، ئۆز ئارا ساغلام گېنلارنى كوپىيە قىلىپ ئۆزىنى ئوڭشاشنى تاماملايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەرلەرنىڭ تېنىدا Y خىروموسومى پەقەت بىرلا بولغاچقا، ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈكنى ئوڭشىيالمايدىغانلىقىنى، بۇ كەمتۈك گېنلارنىڭ بىر ئەۋلادتىن-بىر ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن Y خىروموسومىنىڭ بارغانسىرى چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ قىياسىغا ئاساسلانغاندا. بەش مىليون يىلدىن كېيىن، Y خىروموسومى پۈتۈنلەي يوقايدىكەن، بۇ خىروموسوم يوقىسىلا ئەرلەرنىڭ نەسلىمۇ قۇرۇيدىكەن.

ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ نەسلى قۇرىدىغاندىن كېيىن، ئىنسانلار يەنىلا ھايات كەچۈرەلەمدۇ؟ گرافنىڭ قارىشىچە، Y خىروموسىمى يوقىغاندىن كېيىن، ئاياللار يەنىلا ‹‹تاق جىنىسلىق كۆپىيىش›› ئارقىلىق داۋاملىق كۆپىيەلەيدىكەن. نۆۋەتتە، ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى ئاللىقاچان ئەرلەرنىڭ يىلىكىدىكى ھۈجەيرە ئارقىلىق ‹‹سۈنئىي ئىسپىرما›› تېخنىكىسىنى تېپىپ چىققان، كېيىنكى قەدەم بولسا ئاياللارنىڭ يىلىكىدىكى ھۈجەيرە ئارقىلىق مۇشۇنداق ‹‹سۈنئىي ئىسپىرما›› يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىكەن. بۇنداق بولغاندا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئاياللار ئەرلەرگە تايانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزى كۆپىيەلەيدىكەن. ئەمما، ئاياللارنىڭ يىلىكى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان ‹‹سۈنئىي ئىسپىرما›› دا Y خىروموسومى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قىزلار بولىدىكەن.


 


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

ئىنكاس يوللاش

يېڭى ئىنكاس

نەقىل ئارال 2013-5-29 15:52
ۋاي ئۇ چاغدا كىم با كىم يوق بۇجااندا.............
نەقىل ئارال 2013-5-29 15:52
ۋاي ئۇ چاغدا كىم با كىم يوق بۇجااندا.............

بارلىق ئىنكاسنى كۆرۈش(2)



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش