维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى مەمۇر ...

2013-1-20 10:00| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 82| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇرتورى

قىسقىچە مەزمۇنى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ھىلارىخەلق تورى 19 – يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ھىلار ...

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ھىلارى

خەلق تورى 19 – يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ھىلارى بۈگۈن ئامېرىكا گوۋۈيۈەنى بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو كۆرۈشكەندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، گەرچە ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرەلمىسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا بولغان مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ھەمدە ياپونىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغەن ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكا ھەرقايسى جايلارنى تەدبىر قوللىنىپ توقۇنۇشتىن ساقلىنىش، تېنچ يول ئارقىلىق ماجرالارنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.
كىشىدا فۇمىئو مۇنداق دىدى، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياپونىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بىرى. ئابىشىنزو ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئىشلاردا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە پايدىلىق، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق ئۇ مۇنداق دىدى، ياپونىيە ھەرگىزمۇ دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە (جۇڭگوغا) يول قويمايدۇ. ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دىدى، «ياپونىيە چوقۇم (بۇ ئىشقا) سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ چىشىغا تېگىپ قويمايدۇ».

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ