خەۋەر ھازىرقى «قوش تىل» ئوقۇتىشى ھەققىدە/ Q# t; I2 f4 T
ھازىر مىللىي مەكتەپلىرىمىزدە قوللىنىلىۋاتقان "قوش تىل" ئوقۇتىشى مېنىڭچە مەغلۇپ بولىدىغان ئوقۇتۇش شەكلى دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ خىل ئوقۇتۇش شەكلى چەتئەللەردە قوللىنىلىپ مەغلۇپ بولغاچقا، ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانكەن. بۇنى ياش ئالىمىمىز ئەسئەت سۇلايمان "ئۆزلۈك ۋە كىملىك"ناملىق كىتاۋىدا بايان قىلغان. شۇڭا بۇ ھەقتە ئارتۇقچە سۆزلىمەيمەن. ئەمما ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان "قوش تىل" ئوقۇتىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنبەرداشلارغا سۇنماقچىمەن.
4 @2 }* \# |9 P% p" N1 f 1. ھازىرقى يەسلىدىن باشلاپ "قوش تىل" ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈنلەي ئانا تىلدا تەربىيىلەپ، بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭغا ماس ھالدا، دۆلەت تىلىمىز(خەنزۇ تىلىنى دېمەكچىمەن)نىڭ ئەڭ ئاددىي تېرمىنلىرى بولغان پىنيىن ھەرىپلىرى ۋە تون بەلگۈلىرىنى تاكى ئۈچىنچى سىنىپقا چىققۇچە پىششىق ئگەللىتىشلا كۇپايە قىلىنىدۇ.
4 f' k4 v( X- W$ g4 u8 u 2. ئۈچىنچى سىنىپقا چىققان ئوقۇغۇچىلار 3-4 يىل تەربىيىلىنىش جەريانىدا، بىرىنچىدىن، مەكتەپكە كۆنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تەپەككۈر ئىقتىدارى خېلى ياخشى يېتىلگەن بولىدۇ؛ ئۈقىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپنى سۆيۈش، كوللىكتىپنى سۆيۈش، ئەمگەكنى سۆيۈش، پائالىيەتچانلىق.... قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك يېتىلگەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدىلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق تىلى بولغان دۆلەت تىلىمىز(خەنزۇ تىلى)نى ئۆگىنىشكە مۇكەممەل ئاساس سېلىنغان، مەيلى قانداق تىل بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆگىنىش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ.- L3 S" G2 l7 t8 X* W0 f* e- U
3. خەنزۇ تىلى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلى. شۇڭا نوقۇل ھالدا "خەنزۇ تىلى" دەپ بىر مىللەتنىڭ تىلى دەپ چۈشىنىدىغان تار مەنىدە ئالماي "دۆلەت تىلى" دەپ قوللۇنۇپ، دۆلەت تىلىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلىكە كۆتۈرىپ تۇرۇپ، يىللار سېرى كۈچەيتىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارساق، ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلىكەن دەپ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تەپەككۈرى يېتىلگەن پەرزەنتلىرىمىگە ماس قەدەمدە دۆلەتنى، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بارساق قوش ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.! T: ]+ |0 o" w6 g! n, V
4. يوقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۆمەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاتونومىيە قانۇنىغا ئساسەن ەۆلەت تىلىنى بىلمەسلىك نومۇس، بىلىش شەرەپلىك، چوقۇم ھەر بىر پۇقرا چوقۇم ئۆگىنىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەلىم-تەربىيە ئېلىش، ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقوقىنى قوغدىشى كېرەك.
, P9 t2 S6 D; ]( B 5. ھازىرقى ئۆلۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا ئىسلاھ قىلىپ، ئازراق نەزەرىيە سۆزلەپ، كۆپرەك ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەللبەتە، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە، ھۆكۈمەت، مائارىپ تارماقلىرى، مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە كۈچ چىقارغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان مەسىلە دەپ قارايمەن.! ? N& I5 e$ l2 J' F( g
6. پاتىيىمىز ئادەمنى ئاساس قىلىش، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مائارىپ سېلىنمىسىنى يىلسېرى ئاشارۇشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، خەلىققە پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكتە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىمۇ خېلى يوقۇرىلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇئاشى يەنىلا تۆۋەن، مەنچە بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇئاشىنى ئەڭ يوقىرى قىلىش كېرەپ دەپ تەكلىپ بېرىمەن.
$ I# u( a3 R3 a/ W: Q# C مەنبە :باغداش تورى
# s( {, V- B9 k6 Hچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |