ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

بولاق ئىچىگە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدىبىيات دەرىسلىكى ئۈچ يىللىق دەرىسلىك لاھىيىسى قاچىلانغان دە

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك لايىھىسى7-يىللىق تىل ئەدەبىيات مۇكەممەل دەرىسلك لاھىيىسى بۇلۇپ تورداشلارنىڭ پ

ئەركىن سىدىق 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 120 يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىل

2012-يىلدىكى ئوتتۇرا شەرىقتىكى قانلىق ئاۋارىيە http://play

ئافغانىستان خەلقى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى2398«خەلق گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرال ئىسلامئاباد

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzQwMDY0ODg0/v.swf

2946 تۈركىيەنىڭ تارىخىي ئاسار-ئەتىقىلەر ئەڭ كۆپ بولغان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرى تۈركىيى

«گۈل چاي»نى بىلەمسىز؟ 2585كىشىلەر گۈلچاي دە

خوتەن قاشتېشىنى بىلەمسىز؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/24.gif  خ

ئۇيغۇر دوكتۇر رەيھان ئەسئەت-ئامىرىكا ئادوۋكاتلار يېغىنىدا رەيھان ئەسەت شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى قانۇن ئىنىستوتىنىڭ ئو

3285 يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشرىياتىدىن ئارخېئولوگ ئابدۇكېرىمسابىتو

قانات ئىسلام ئامىرىكا كەسپى بوكىس سەھنىسىدە http://player.56.com/v_NjUxNTgzMDQ.swf]

1924192319221921

2409 مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى ق

شىنجاڭ شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى 2436 سەي جىنسوڭ 1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چاۋشىيەندە قوللىنىلىشى ئۆمەرجان نۇرى 2521 ئىلاۋە تارىخ پەنلەر دوكتو

بىرقىسىم تورداشلارنىڭ توردا QQ توپلىرىدا سۆزلەشكەندە، يۇقار

بۇ ئادەملەر نىمىدىگەن رەھىمسىزلىشىپ كەتكەن ئەڭ ياخشىسى يۈرىكى ئاجىزلار بۇ فىلىمىنى كۆرمەڭلار ،

بۇ تىمىنى ئۈنچىلەر تورىدا كۈرۈپ ئازغان ياشلىرمىز

3067 نۇرغۇن ئاياللار كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلماي ياكى بىپەرۋاسىزلىق قىلىپ ئېرىنىڭ ياكى مۇھابىتىنىڭ ئۆشلىكىن

-مارت ئاياللار بايرىمى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ 2532 "8-مارت"خانىم قىزلار بايرىمى بولسا خەل

بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز ئەنبۇسى(ياپونىيە) ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى

3491 پىژغىرىم ئىسسىقتا كىشىلەر تاۋۇزنى توڭلاتقۇدا توڭدۇرۇپ يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى با

2859 ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىزئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزە

بىر يىگىت بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا،يىگىت قىزنىڭ ئاۋازىغا ئىنتايىن سەزگۈر ب

مۇنداق ئالتە خىل بالا ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئۆز بالىسىنىڭ تېخىمۇ ئەقى

زامانىمىزدىكى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتى .1ماشىنىنىڭ ئەڭ ئەرزىنىنى سىتىۋال؛ئۆينىڭ ئەڭ

ئەرلەر نىمىشقا خۇتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ ئەرلەر نېمىشقا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ

سىز مۇھەببەتلىشىشنى بىلەمسىز ؟ http://www.uy11.com/bizak/rasim/52.gif 1 - ت

3288 30- ماي سەھىيە مىنىستىرلىكى تۇنجى قېتىم «جۇڭگونىڭ تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنل

ئۇخلاشتىن ئىلگىر 5 ئىشنى ئۇنتۇماڭ 2522 1 .چىش چوتكىلاڭ ۋە يۇز يۇيۇڭ

چىرايىلىقىنىڭ قىلىقىمۇ چىرايىلىق بولىدۇ. ئ

بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى 536 بىر تورخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئالدىد

جاۋابىنى تاپالىسىڭىز كۈلۈپ تىلىقىپ قالىسىز http://www.uy11.com/bizak/rasim/14.gif 1.بىر تاكسى شوپۇرى

تېپىشماق قارىغا

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چوقۇم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپىيۇتېر بىلىملىرى http://www.hawar.cn/rasim/hawar/20110705/20110705_707080.jpg 1. CMOS دىن قات

ئوقۇتقۇچىلاركومپىيۇتېرئىمتىھانى ئۈچۈن 1 كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى مىكرو بىر

كومپۇيۇتېرىڭىز قىزمۇ ياكى ئۇغۇلمۇ؟ سىناپ بېقىڭ ... كومپىيۇتېرنىڭمۇ قىز ياكى ئوغۇلغا ئايرىلدىغان

بۇزۇلغان بارماق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ (رەسىملىك) نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەري

QQ رىڭىز قانچە پۇلغا يارايدۇ بىلىپ باققۇڭىز باما ؟ ماۋۇ تور بىكەتكە كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ : مىنى

يېقىندا تىڭشۈن(چچ شىركىتى) جۇڭگۇ تىلگىرافى(180/189/133/153)بىلەن بىرل

تاۋباۋدىن مال زاكاس قىلغاندا پۇل تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە سودىنىڭ ئاخىرلىششى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن، مۇشۇ 10

ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟2302 ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كى

1.) مەخپىي نومۇرىنى بىكار قىلماقچى بولغان Excel ھۆججىتىنى ئاچىمىز. 2.) قورال ئىستونىدىن(工具) (宏) (录制新宏

ئەپچىل چارە : ئوقۇيالمايدىغان خەنزۇچە خەت ئۇچراپ قالسا توردا ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بەزى ئوقۇيالمايدىغا

ئالما شىركىتى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئاسىيە تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسى قۇردى http://player.youku.com/player.php/sid/XMjI3NjI4Njg=/v.swf

يېقىندا ئەنگلىيىدە چىقىدىغان > 15 يىل ئىچىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 15 تو

ھۆججەت سومكىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش دىتالى بۇ دىتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سىز كومپىي

384385 بەك ياخشىكەن جۇمۇ مەنمۇ بىر قانچە مۇزىكا ئ

928 كومپىيۇتېرنىڭ كۈنسايىن ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر كومپىيۇتېردا ماتىرىيال كۆرۈشكە ئادەتلىن

تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە قاچىلاش سىناق مەيدانى:nokia 5800 ،،

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

بۇ دىتال ئارقىلىق java قوللايدىغان تېلىفۇنلاردا قۇرئان ئۇقۇش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 08:44 ئەقلى دەرىس جەدىۋىلى (

بۇ ئىلكىتابلارنى چۇشۇرۋېلىڭ كىتاپلارنىڭ تۈرى ۋە تىزىم

قوش مەسچىت (ھىكايە)،ئوقۇپ بىقىڭ ،

ھەرقانداق ناخشا-فىلىملارنى چۈشۈرەلەيدىغان دېتال(ئۇيغۇرچە)-ئاپشاركا -چۈشۈرۋېلىڭ ئەسسالام دوستلار ياخشىمۇ سىلەر ... يېڭى يىلدا يېڭى

ئۇيغۇرچە تىز-تىز خەت بېسىشنى ئۈگۈنۈش دىتالى?㻷??Ԙ??teztez.rar ?㻷??Ԙ??teztez.rar بۇ يازمىنى ئاخىرىد

يېقىندا خەنزۇلارنىڭ يۇمشاق دىتال بازىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر توربەت باركەن.دۇوتې دەپ،مۇشۇ تورب

مەزكۇر دىتالنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ flash ھالەتتى

جەمئىي مىكروبلوگ 864 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2699|ئىنكاس: 3

سېرىق قوش تىل ئويغاتقان خىياللاريانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
مائارىپ قوش تىل ئويغاتقان خىياللار, i: \1 \; B) y
ئابدۇللا ئېلى بەگزاد+ \' @9 ~1 }! N$ z9 z
  
8 k% |$ d4 C4 Q% n
1 Z/ S8 W6 h  u/ qمەيلى زامانىۋىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيىكتىپ تەلىپى بولسۇن، مەيلى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدەك ئىجتىمائىي رىئاللىقىنىڭ تەرەققىيات تەلىپى بولسۇن، قوش تىل خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش بارا- بارا تەخىرسىزلىككە ئايلاندى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردا بۇ خىزمەت تېخىمۇ سالماقلىققا، كۆلەملىككە ئىگە قىلىندى.3 l. x9 A$ d: N
* o, ?7 s! S# p4 t3 a4 _
مىللىتىمىز نوقتىسىدىن قارىغاندا، بىز جوڭگۇ نوقتىسىدىنلا ئەمەس، پۈتكۈل دونيا نوقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئاز سانلىق مىللەت. گەرچە مىللىتىمىز دونيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى 100 مىللەت قاتارىغا كىرسىمۇ، پۈتكۈل دونيا يەر شارىلىشىشقا، بىر كەنتلىك ھالەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى دونياغا يۈزلىنىمىز دەيدىكەن، تىل ئۆگەنمەي مۇمكىن ئەمەس. گەرچە باشقا تىللارنى ئۆگەنمەسلىك ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قوغداش ئاقىلانىلىقتەك كۈرۈنسىمۇ، دونيانىڭ تەرەققىيات نوقتىسىدىن قارىغاندا باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش مۇقەررەر تاللاش. بۈگۈنكى دەۋر مىللەتلەر ئارا ئالاقە ئىنتايىن كۈچىيىۋاتقان بىر دەۋر. بۇ بىزگە تىل ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ تورىدۇ. بىز 21- ئەسىرگە كىرگەندىن كىملەر بىلەن بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، كىملەر بىلەن ھاياتلىق رىقابىتىگە چۈشىۋاتقانلىقىمىزنى، كىملەر بىلەن مەدەنىيەت رىقابىتىگە  چۈشىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىشقا باشلىدۇق.% E8 e! J% U; T3 Q3 E
! s1 c7 V6 L8 O0 q5 V2 T
ئەسلىي بۇنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ھېس قىلساق توغرا بولاتتى.& N1 D' X! z/ M* F6 }

& w0 u1 W$ S3 T- U; {8 iبۈگۈنكى دەۋردە دۇنيادىكى ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەر كۆپ تىل ياكى قوش تىل ھادىسىسىگە دۈچ كېلىدۇ.  بىزدە قوش تىل 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇنتىزىم باشلاندى. ئاساسىي مائارىپتىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى مائارىپتىكى قىزىق نوقتا ۋە مۇھىم نوقتا قىلىندى. پارتىيە، ھۆكۈمەت بۇ خىزمەتكە ئادەم كۈچى، ئىقتىسادنى يىلسېرى ئاشۇردى. مەكتەپلەردە قوش تىللىق سىنىپلار بارا- بارا كۆپەيدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ تۈركۈم- تۈركۈملەپ قوش تىل بويىچە تەربىيىلىنىشكە ماڭدۇرۇلدى. مەنمۇ شۇ قاتاردا 2010-يىلى كۈزدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىتىغا ئىككى يىللىق قوش تىل تەربىيىلىنىشىگە كەلدىم. راست گەپنى قىلسام، مەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتەك تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم بىلەن بۇ ئوقۇشقا ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېس قىلدىمكى، ئۈرۈمچى ياكى ئىچكىي ئۆلكىلەرگە قوش تىلغا ئوقۇش بارىدىغانلار ھەر خىل ئېھتىياج، سەۋەبلەر بىلەن بارىدىكەن. بەزىلىرى ھەقىقەتەن تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن بارسا، بەزىلىرى «ئارام ئېلىش» ئۈچۈن بارىدىكەن. بەزىلىرى مەكتەپ تەرىپىدىن مەجبۇرىي ماڭدۇرۇلىدىكەن. بەزىلىرى ئائىلە بەختسىزلىكى تۆپەيلىدىن ئوقۇشقا بېرىپ، كاللىسىنى تۇرمۇشنىڭ دەردلىرىدىن بىر دەم بولسىمۇ خالى توتۇشنى ئىستەيدىكەن. ھەتتا بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى باشقۇرالمىغان «ئۆكتىچى»لەرنى بىر ئىلاج قىلىپ، تۈرلۈك ئوقۇشلارنىڭ «سان»ىغا تۇتۇپ بېرىدىكەن.
, {" d# Y: _$ y% _  u6 ]8 T, R9 {. y% w( {$ f2 Q
قوش تىل ئوقۇتۇشىنى بىر خىل مەجبۇرلاش دەپ چۈشىنىش مېنىڭچە، ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. بىزنىڭ كۈپىنچىلىرىمىزدە قوش تىل ھەققىدە ئىلمىي تونۇش يوق، پەقەت سىياسەتكە ماسلىشىش قىزغىنلىقى بار خالاس.0 W: i; z+ w3 Q) H7 K. G. O

8 _% L: k& l( E" ^قوش تىل مەسىلىسى قەدىمدىمۇ، ھازىرقى زاماندىمۇ، جۇڭگۇدىمۇ، چەتئەلدىمۇ تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە شۇنداق بولىدىغان مەسىلە. كانادادىمۇ قوش تىل بار، ئامىرىكىدىمۇ قوش تىل بار. ئاۋىسترالىيىدىمۇ، ئەنگلىيەدىمۇ، ھىندىستان، پاكىستاندىمۇ قوش تىل بار. ئىسلام دىنىدىمۇ تىل ئۆگىنىش تەكىتلەنگەن. «ئېھ، ئىنسانلار، مەن سىلەرنى ياراتتىم. سىلەرنى ئەر- ئايال قىلىپ ئايرىدىم. ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە قۇۋملارغا بۆلدۈم. سىلەر ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شان- شەرىپىڭلارنى ئاللا بەرگەن.» («قۇرئان كەرىم» 49-سۈرە 13-ئايەت)
+ D' O) d+ _" Y* h  s7 N: U% {0 V) r+ i; F& _7 \1 h
قوش تىل ئۆگىنىش قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قويغان مۇھىم تەلىپى بولۇپ كەلگەن. دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجىدىن بولسۇن، مەدەنىيەت نوقتىئىنەزەرىدىن بولسۇن، ئۇيغۇرلار قوش تىللىق بولۇشنى دونياغا يۈزلىنىشنىڭ يول خېتى دەپ قاراشقان. بىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىمىز 2000 يىلغا بارىدۇ. مانى تىلى، شامان دىنىغا ئائىت ۋەسىقىيلەر، سانسىكىرت تىلىغا ئائىت ۋەسىقىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى بۇنىڭ مىسالى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ، ئەرەب، پارس تىللىرى بىزنىڭ تۈرك تىلىمىز بىلەن ياندىشىپ كەلگەن.  قاراخانىلار دەۋرىدە مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار تۈرك تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىنىڭ تىل ئۇستىلىرى ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ چوڭ مەسلىھەتچىلىرىمۇ بىزدىن بولغان. ئەمىر تۆمۈرنىڭ دەۋرىدە دۆلەتنىڭ چوڭ مەكتۈپلىرى، ھۆججەتلەر بىزنىڭ يىزىقىمىزدا يېزىلغان.   
5 ^( Z( Z: _6 F2 f6 f) W. u4 L1 c1 y& ]+ ~& s
دىمەككى، تارىختىن بويان ئەجدادلىرىمىز قوش تىلغا ئاكتىپ ھالدا ياندىشىپ كەلگەن. بىزنىڭ رايۇنىمىز يېپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە بولغانلىقتىن، كۆپ خىل تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، ئىقتىزاد گۈللەنگەن.8 H# J+ T4 A8 B3 y) ~6 w
  d- ]/ g0 w6 y' R  U# f
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىز ئەندىزىلەرنى رۇسلاردىن قۇبۇل قىلدۇق. 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىچە رۇس تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق.ئىبراھىم مۇتئىي، سەيپىدىن ئەزىزى، سەيپۇللايۇف قاتارلىقلار رۇسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلاردۇر.  دۆلىتىمىز بىلەن سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل سۇسلاشقاندا، رۇس تىلىنىڭ تەسىرىمۇ ئاجىزلاشتى. كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتتى. ھەممىمىز سىياسىي قىزغىنلىق ئىچىدە ئۈزۈندە يادىلاپ يۈردۇق. 80-يىللاردا يەنە رۇس تىلى سەل مودا بولسا، 90-يىللارنىڭ بېشىدا سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربنىڭ تەسىرى زورىيىپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش مودا بولدى., a8 s' n) S$ ^

4 o; `% q6 n7 \! f% c) Hھازىرمۇ بىزدە قوش تىلدا ئۆزىنى ئىپادىلەپ، ھاياتقا ئۈمىد ۋە نۇسرەت بىلەن ياندىشىپ كېلىۋاتقانلار خېلى بار. ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز، ئېتىقادلىق مائارىپچى، ئىجتىھادلىق پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىددىن خەنزۇچە كۈرەلەيدۇ، ئىنگلىزچە كۆرەلەيدۇ، تۈركچە كۆرەلەيدۇ. سىلاۋىيانچە كۆرەلەيدۇ. ئەكبەر غۇلام، غەيرەت ئاسىم، دىلمۇرات تەلئەت، تۇراخان توختى قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز بىۋاسىتە خەنزۇچە يازىدۇ.
% P0 [7 w$ q7 Y
5 i0 K" `( b' s% K. Nبىز تەرەققىي قىلغانلارغا يېتىشىۋىلىش، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن جەزمەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ نەدىلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بۇ ھەقتە مۇھەممەت ئەلەيھىسالام: «ئىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار» دەپ ئېيتقان.. E4 U+ Y% G8 B  ?" }/ F# B$ N

# C  x: L. V& y) t- Z! n) y«تارىختا تىلنىڭ دونيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى دونيادىكى كۈچنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىسپان تىلى، پارس تىلى ، ئەرەب تىلى، رۇس تىللىرى ھەممىسى ئېمپىرىيە تىلى ياكى تارىختا شۇنداق ئىدى. بۇ ئېمپىرىيىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ تىلنى ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان.»①         0 r& J, t3 v1 P: L# ], W, m4 c

8 t# O" i( J' y4 m8 Sمەشھۇر تەسەۋۋۇپ جالالىددىن رومىنىڭ بىر ھېكايىتى:
9 q4 w' \) M; N/ O
+ z5 f( z1 w% L) Oتۈرك، ئەرەب، پارس، يۇناندىن بولغان تۆت كىشى سەپەرگە چىقىدۇ. يولدا ساخاۋەتلىك بىر كىشى ئۇلارغا بىر تەڭگە سوۋغا قىلىدۇ.2 s+ N" b6 f9 k) ?: t4 g

: B/ q: c  P. x2 U2 pــ بۇ پۇلغا ئەنگۈر ئالايلى، ــ دەيدۇ پارس ئۆز تىلىدا.. W1 d& A; B8 _: h' b5 @; x

7 M/ m" ]4 J0 y  X% r! C- rــ ياق، بۇ پۇلغا ئەيناپ ئالايلى، ــ دەيدۇ ئەرەب ئۆز تىلىدا.
# N9 f$ Y/ A! {1 ^! Q3 }' f% w" h( n; D" W/ U
ــ ياق، بۇ پۇلغا ئۈزۈم ئالايلى، ــ دەيدۇ تۈرك ئۆز تىلىدا.( s7 [7 }# \. u% S% D, H8 Y

6 L! P; M7 C: }* W7 B  w5 J2 {ــ ياق، بۇ پۇلغا سىتافىل ئالايلى، ــ دەيدۇ يۇنان ئۆز تىلىدا.. s" q/ H  r6 y; \

9 j/ E9 W+ N4 K% I0 Bۋاھالەنكى، يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى «ئۈزۈم» دېگەن مەنىدە ئىكەن. لىكىن ئۇلار بىر- بىرىنى چۈشەنمەي ماجرالىشىپ قالىدۇ.   
& a. J7 g: r- ]; m* Z
6 W6 y' w; O' P* T. fبۇ پەقەت ئۆز ئارا تىل ئالاقىسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە پەلسەپە خاراكتېرلىك ئاددىي مىسال.
3 K8 B; ?: U* P1 r$ R8 R; A" z
" Z! @( C3 y2 M4 K2 k" lھاياتلىق رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ «كېمىسى»گە ئېسىلىۋېلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزدە مەيلى ئۆستەڭگىمۇ، دەرياغىمۇ، دېڭىز- ئوكيانغىمۇ ماسلىشالايدىغان ئۈزۈش ماھارىتى بولۇشى لازىم.
4 m) I( L1 C8 ]$ Q7 V% V+ V  R" i: z( o' E: I
مەن ئوقۇغان سىنىپتا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا سەككىزىنچى دەرىجىنى ئالغانلارمۇ، ئاران تۆتىنچى دەرىجىنى ئالغانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئوقۇش مەقسىتىمۇ ھەر خىل. كىچە- كۈندۈر دېگەندەك لوغەت ۋە كىتابلار ئىچىدە باش چۈكۈرۈپ ئۆگىنىۋاتقانلارمۇ بار، كۈننى كەچ قىلالماي، نىمە قىلىشىنى بىلمەي، دەرسخانىدا ئۇخلاپ، كەچلىرى ھاراق بىلەن ئۆتىۋاتقانلارمۇ بار.' v. A4 Q- y8 n# b

, n; x" p+ l9 {ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ خىل چوڭ شەھەردە ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. مەھىشەت سورۇنلىرىمۇ سىزنى توختىماي ئوۋلاپ تۇرىدۇ. سىز سەللا بىخەستە بولسىڭىز، ئىرادىڭىزنى بۇشاشتۇرسىڭىز، ماددىي پاراغەت ۋە مەنىۋىي ئېزىتقۇلار ۋاقتىڭىزنى، زېھنىڭىزنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭچە، ئۈرۈمچىگە قوش تىلغا ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىگە قانداق كەلسە، شۇ سەۋىيە بىلەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن تۆۋەن سەۋىيىدە يۇرتلىرىغا قايتىشىدۇ. بىلگەنلىرى بەزى كىچىلىك بەزمىخانىلار، پۇت يۇيۇش ئورۇنلىرى، ھورداقخانىلار، داڭلىق تاماكا، ھاراق، ياكى كىيىملەرنىڭ ماركىلىرى خالاس.
( y+ N9 L6 c5 W5 b' J) C1 K. m4 y: |+ ^/ U' ]8 r' }& L
تىل ئۆگىنىش ئادەمدىن پولاتتەك يېمىرىلمەس ئىرادە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپ ئاڭلاش، كۆپ يېزىش، كۆپ سۆزلەش، كۆپ مەشىق قىلىش ئارقىلىقلا بەلگىلىك نەتىجە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئازراقلا ئۆگىنىپ بولدى قىلىش، كىچىككىنە نەتىجىدىن مەغرۇرلىنىش ئادەمنى غەلىبىگە ئەمەس، ئوڭۇشسىزلىققا باشلايدۇ. بۇ جەھەتتە ئاز بىر قىسىملارنىڭ غەيرىتى بىزنىڭ ھەۋىسىمىزنى ۋە ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ. ئەتىگىنى تاڭ يۇرۇشى  بىلەن مەيدانلاردا تېكىست يادىلىۋاتقان، ئېغىز مەشىقى قىلىۋاتقان، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كۈتۈپخانىلاردا كىتاب كۆرىۋاتقان، تىل ئۆگىنىۋاتقان، ئاخشاملىرى ياتاقلاردا، ئۆگىنىش ئۆيلىرىدە سائەت 11، 12 لەرگىچە ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلار دەل بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار. بەلكىم، شۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرتكىسى بولسا كېرەك، مەنمۇ ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا دۆلەت بەلگىلىگەن قوش تىللىق تەربىيىلىنىشنىڭ دىپلومىنى ئىلىشقا زۆرۈر بولغان ئىمتىھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم. خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن سەككىزىنجى دەرىجىدىن ئۆتتۈم. يەنە كومپيۇتېردىن دەرىجە ئىمتىھانى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھانى، خەنزۇ ئورتاق تىلى ئىمتىھانى بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.7 L; k/ Z, B& `8 |& Q% M) K5 A  x

( T5 C1 z* _8 c8 W) Kئەنگىلىيە قوش تىل مۇتەخەسىسى كولىن بېكىر قوش تىلچىلارنى ئاكتىپ قوش تىلچى، پاسسىپ قوش تىلچى دەپ ئايرىغان.  مەن ئۆزۈمنى پاسسىپ قوش تىلچى دەپ ھېسابلىدىم. مەلۇم دەرىجىدىكى كۆرۈش، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدىم. ئەمما يېزىش، سۆزلەش جەھەتتە سەل ئاجىز. ئالىي  نۇتۇقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش مەن ئۈچۈن يەنىلا يىراقتا. بىزدە پىشىپ يېتىلگەن پاسسىپ قوش تىلچىلاردىن رەھمەتلىك رەھمۇتۇللا جارى، توختى باقى ئارتىشى قاتارلىقلار بار. ئۇلار شولۇخۇۋنىڭ «تىنچ دون»، رافائىل جۇۋايلىنىڭ «سىپارتاك»، شەيىخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان»، لۈشۈن ئەسەرلىرى،..  قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. رەھمۇتۇللا جارى قەشقەر شەھرىدە بىر موزدۇز ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. پارىسچىمۇ بىلىدۇ. لىكىن، سۆزلىشى ياخشى ئەمەس. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»لەرنى تەرجىمە قىلغان.8 F3 K; z" C/ J/ ^1 d- l) u" V5 @
- ]5 q/ H) s; e: }1 t% ]; S& K1 D
ئاخىرىدا يەنە كەسىپداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ: قوش تىل ئۆگىنىشنى نۇقۇل خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىش دەپلا چۈشىنىۋىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ كىچىككىنە تونۇش خاتالىقى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ يامىنى ئۆزىگە، ئۆزلۈكىگە بولغان خاتا سېگنالدۇر. تىل ئۆگىنىشتە ئانا تىلنى ئۆگىنىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. چىڭغىز ئايتماتوف: «كۆپ تىل بىلىش شەرەپلىك، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس.» دېگىنىدەك، ئانا تىلدىن ئايرىلىش ئۆزىمىزدىن ئايرىلغىنىمىز بىلەن باراۋەر.  ئانا تىل بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى بەرپا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. كېيىنكى مۇرەككەپ بىلىشلەرنىڭ ئاساسى پەقەت ئانا تىل بىلەنلا سېلىنىدۇ. ئانا تىل ئادەمگە ئادەم بولۇشنى، نېمىنى سۆيۈش، نىمىدىن نەپرەتلىنىشنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتىدۇ. «ئىنسان خاراكتىرى ئانا تىل ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ تاكاممۇلۇقىنى يارىتىدۇ. بىز ئانا تىلىمىز ئاساسىدا ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللارغا ئۆتەلەيمىز.»②  ئىنگلىز تىلى بىز ئۈچۈن خەلقئارا ئىلىم- پەن تىلىدۇر خالاس.      4 M+ j1 K+ k5 m2 O9 [, m, h; y+ l

% B: [" c. b+ c  v- o; R& h8 D) iتىل- سىتالىن ئېيتقان مىللەتنى شەكىللەندۈرىدىغان تۆت مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ماركىسىزىمنىڭ نوقتىئىنەزىرى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەت ئاخىرى يۇقىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ يۇقىلىشى بىلەن بىر خىل تەپەككۈر، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تىل ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي قۇۋۋەت يۇقىلىدۇ. خۇددى تەبىئەت ئېكىئولوگىيىسىدىكى بىر زەنجىر ئۈزۈلۈپ، بىر تۈردىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەندەك ئىش بولىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور يۇقىتىش. لىكىن يۇقىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولسا، مۇھىتنى بۇزغۇچىلارغا ئوخشاش جىنايەتچى ۋە جىنايەتنى ھېسىداشلىقنىڭ قانىتى ئاستىغا ئالغۇچىلاردۇر.   
6 l. Y! m+ _9 U6 p( L
" `- j5 K& s2 z* p$ q0 H- wياكوپ گىرىم: «بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تامغىسىدۇر.بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان- سۆڭەك، قەبرە- كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلىدۇر.» دەيدۇ.③      
  e4 ]$ u" \; W( C- c* y  A# {* h$ c
دىمەكچى بولغىنىم، قوش تىل ئۆگىنىش ھەم باشقا تىل ئۆگىنىش، ھەم ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئانا تىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.
+ [" `& b' S' A' |1 F+ x
: \. d7 H$ P/ jمىللىي تىل مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسى. تىل مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى.  «دونيا مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، بىر ئەل ياكى بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرى دەل ئۇلارنىڭ تىلىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تاكاممۇللاشقان دەۋرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.»④   6 ~8 G0 A) \3 h
: Z" w7 T6 T+ J$ p) |
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تەپەككۈرى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. تىل بايلىقى تەپەككۈر بايلىقى دېگەن سۆز.      
; e- d  Q$ J# D9 s4 ?: r2 t7 E' @* j. ^) e6 Q
ئۆز تىلىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىغا قاراپ، ھەر بىر كىشىنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى، پۇخرالىق قەدىر- قىممىتىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگىلى بولىدۇ. (ك. گ. پائوستوۋىسكىي)
: X: [# w" X8 `2 m# K# m. T- F! K5 W1 J
ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دونيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي جىددى قاراشقا تېگىشلىك بىر چەكسىزلىك. ئانا تىل تەربىيىسىگە سەل قارىغانلىق باشقا تەربىيىلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا تىل ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى «تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ. تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ھەم كېلىچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاسىتىدۇر.» (ئوشنىسكىي)
$ `5 L/ [6 c3 P: m% |
/ n8 H  H/ S8 y4 V- t) p" J9 T    نەتىجە كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ھالال تەر ئاققۇزغانلارغا، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. مەيلى قوش تىل تەربىيىلىنىشىدە بولسۇن، مەيلى باشقا تەرەپلەردە بولسۇن، گەپ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە. ئۆزىمىز ھاياتىمىزنىڭ ھەر  بىر مىنۇت- سكۇنىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجاد ۋە مېھنەت قىلالىساقلا، نۇرانە مەنزىل ئۆزىنى بىزدىن پىنھان تۇتمايدۇ. ماڭغىنىمىز تىكەنلىك چىغىر يول ئەمەس، بەلكى چىچەكلەرگە پۈركەنگەن داغدام يول بولىدۇ.% R. x' u3 h- ^" x* }  p: B& _$ Z

9 A7 R1 k* A0 o' w3 Q% b" X  / t: T9 _! u; H: k4 O
) O$ x  m$ C! Q& g
سىتاتا مەنبەلىرى:
- d. ~- E) B' r" b9 p* [1 t( |* G3 ~4 T6 H8 ]1 z, Y7 h8 p
    ① ساموئىل خانتىڭتون: «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دونياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 11-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 85-بەت ؛
, E. [& K) C/ J* h6 Y- \- j! G3 W3 S& Y
②  ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 283-بەت ؛
* _! s$ o2 o# ]8 T7 _, K* w  y
) F6 S) ]$ Y, b' ^  U6 @③  ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 215-بەت ؛3 A$ y! y. O5 y+ ~+ u) V$ v2 g

" n% ~8 r4 X) F' P5 c④  ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 215-بەت ؛
- Y3 s" S* z1 p! _- [
( \' o% H+ @. |; n& ?  
8 ~+ K+ z) E, q& p% D# L1 G9 r/ _( L! s
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
. U1 ~1 h$ u. K0 O' B' P
: x/ C- `% T# {1. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
+ q% O3 d; f; |8 g+ x/ }/ |  Y) {
2. ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛# A5 H8 ?" h0 ^6 P/ h

! T  s  [8 n) }( O9 H/ n4 t) P* X3. ساموئىل خانتىڭتون: «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دونياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 11-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛& h+ w9 s$ x" c& o/ \

7 s9 [: K; |* x0 A, T( i    4.  مورتېمېر ئادلېر: «غەربنىڭ تەپەككۈرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
9 z$ [- T: @! ]# Z, w
* t* V8 v* j9 E2 Q. P: W4 x' w5. «يۈرەك سوۋغىسى ــ جەزبىدار گۈلدەستىلەر»-3، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛* z* ~# m) `* z% j& K% ]
; r$ ~1 t1 j% V+ l" b
    6. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛, c* {6 y7 w7 a! X! @# X7 O' P" e

) ?1 G2 h1 P& X& C. S7. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛& E3 Q+ b( N3 S2 x: t
) L9 `. y- x" ^( o9 {% N
8.  يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، شىجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛) Q* y9 E& d* B& H" M

+ }8 x3 k' T9 e/ W4 ^# ?/ q  
: a( _6 K2 H+ z* \6 s( }7 ?
* p$ f( A6 {- |' b# K' U$ j. R# {, z   2011)–يىل 26-ئاۋغۇست، ئونسۇ)
* C3 B0 R  {; B- {, N! U* H2 {5 }* }7 ~  }: m0 q
ئىنتىل مۇنبىرىدىن ئېلىندى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +10 تىللا +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
سرداش + 10 + 10 + 10 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-8-9 06:14:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تارىختا تىلنىڭ دونيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى دونيادىكى كۈچنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىسپان تىلى، پارس تىلى ، ئەرەب تىلى، رۇس تىللىرى ھەممىسى ئېمپىرىيە تىلى ياكى تارىختا شۇنداق ئىدى. بۇ ئېمپىرىيىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ تىلنى ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان.»①

0

تېما

25

يازما

404

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
134 سەر
تۆھپە
84 سەر
تىللا
27 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2015-1-5 20:10:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممىتى بار تېما ئىكەن ... رەھمەت قېرىندىشىم ...

1

تېما

3

يازما

28

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
5 سەر
تىللا
4 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2015-1-10 11:58:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما مەن شىنجاڭ پىداگۇكىكا ئېنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان چاغدا يېزىلغان ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗