ئۇيغۇر
نىيوتون ھەققىدە8 @+ c; Q( j, E8 \
" i v7 o$ v2 `! U( ?
ئىساك نىيوتون (1643 – 1727). ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى، ئاستورونومىيە ئالىمى ۋە ماتىماتىكا ئالىمى، مېخانىكىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق قائىدىلىرى»، «يورۇقلۇق ئىلمى» قاتارلىقلار. نىيوتون ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىيىتى ۋە ماددىنىڭ مېخانىك ھەركىتىنىڭ 3 تۈرلۈك ئومۇمى قانۇنىيىتىنى كەشپ قىلغان، ئاتاقلىق نيوتون قانۇنى قەدىمقى كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولۇپ قالغان. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نيوتون تەلىماتىنىڭ چەكلىمىلىكلىگى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، مەسىلەن، ئۇنىڭ مېخانىكسى پەقەت ھەركەت سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدىغان ماكرو دۇنياغىلا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمما مىكرو دۇنيانى ۋە ھەركەت سۈرئىتى يورۇقلۇقنىڭ سۈرئىتىگە يېقىنلىشىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.$ Y% y2 K( `1 C, o& Y! }: o
تەبىئى پەن ساھەسىدە، نيوتون ماددا، ماكان ۋە زاماننىڭ ئوبېكتىپلىغى ۋە ئۇنىڭ ئوبېكتىپ قانۇنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت تەرىپىدىن بىلىۋېلىنىشنىڭ مۈكىنلىگىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەردە ئۇ ئىستىخيىلىك ماتېرىئالىزىمچى ئىدى. لېكىن، نىيوتون شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مېخانىست بولۇپ، ماددا بىلەن ھەركەتنى، زامان، ماكان بىلەن ماددا، ھەركەتنى ئاجرىتىۋېتىدۇ ھەمدە زامان بىلەن ماكاننىمۇ بىر بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىدۇ. ئۇ، ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئاتالمىش «ئىنېرتسىيە»دىن ئىبارەت، ماددا پاسسىپ بولىدۇ، ئۆزى ھەركەت قىلالمايدۇ، پەقەت تاشقى كۈچلەرنىڭ ماددىغا تەسىر قىلىشى ئارقىسىدىلا ھەركەت پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ھەمدە ھەركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى خۇدانىڭ تۈنجى تۈرتكىسگە باغلايدۇ. ئۇ يەنە زامان ۋە ماكاننى «بوش»، ماددا ۋە ھەركەتنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان، ماددا ۋە ھەركەت بىلەن ئالاقىسىز نەرسە دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىچقانداق نەسىگە بېقىنمايدىغان «مۇتلەق زامان» ۋە «مۇتلەق ماكان» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،نىيوتوننىڭ نەزىرىدە، پۈتۈن ئالەم بەزى يەككە، تارقاق، بىر بىرىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ھەمدە بىر - بىرىگە مېخانىك تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان جىسىملاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ، خۇددى مېخانىك ئايلانما ھەركەتكە ئوخشاش، دۇنيا تارىختا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ھىچقانداق تەرەققى قىلمايدۇ.8 {' E$ i- M. h$ {0 m" y1 ]& p% q
نىيوتوننىڭ پىكىر قىلىشى تەجرىبىچىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ رولىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرغان چاغدا بىۋاستە ئېرىشكەن تەجرىبە ماتېرىئاللىرىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك چۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى زور كۆپچىلىك تەبىئى پەن ئالىملىرىغا ئوخشاش، نەزىرىيىۋى تەپەككۈرنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىدۇ ھەمدە بارلىق نەزىرىيىۋى تەپەككۈرنى «مېتافىزىكا» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «فزىكا، مېتافىزىكىدىن ھەزەر ئەيلە!». دەل مۇشۇنداق خاتا ئەدىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇنلىغان تەبىئى پەن ئالىملىرى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى ۋە زېھنى كۈچىنى ئىسراپ قىلغان. مۇشۇنداق مېخانىكىچە مېتافىزىكىلىق نۇقتىئىنەزەر تۈپەيلىدىن، نىيوتوننىڭ ماتېرىئالىزىلىق مەيداندا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىستىخىيىلىك ماتېرىئالىزىملىق نۇقتىئىنەزىرى ئۇزۇل - كېسىل ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇ مېتافىزىكىدىن ئىدىئالىزىمغا قاراپ ماڭدى، ھەتتا دىننى ۋە ئەنگلىيە چېركوسىنى ھىمايە قىلىش يۈزىسىدىن نۇتۇق ئېلان قىلدى، ئومرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «جون كۆرسەتمىلىرىدىن خاتىرە» نى ئىزھلاش بىلەن بەنت بولۇپ كەتتى. نىيوتون پەلسەپىسىدە ئاشۇنداق ئۇزۇل - كېسىلسىزلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەشىپ قىلغان مېخانىكا يەنىلا ماتېرىئالىزىملىق تەبىئەت قارىشى ئۈچۈن مەشھۇر تۆھپە ھىساپلىنىدۇ.
) _: w3 g* a' e4 B9 V نىيوتون پەلسەپىگە، بولۇپمۇ 18 - ئەسىردىكى فرانسىيە ماتېرىئالىزىمىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى، نىيوتون مېخانىكىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېرىئالىزىم مېخانىتىسىزىم ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولۇپ قالدى.چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |