ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خەيئېر گۇرۇھىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە

خەيئېر گۇرۇھىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-03-28 ئاۋاتلىقى: 779 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەيئېر گۇرۇھى: تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى تۆت چوڭ تەرەپ

خەيئېر گۇرۇھى 1984-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 20 يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، بىر ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغان كىچىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى زاۋۇتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا ئايلاندۇردى. بۇ 20 يىلدا، نۇرغۇن كارخانىلار ئۇنداق ياكى مۇنداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولدى. لېكىن خەيئېر بارغانچە ياخشى تەرەققىي قىلىپ ماڭدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، مېنىڭچە ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

1998-يىلىدىن باشلاپ، خەيئېر تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشىلاشنى مەركەز قىلىپ، پۈتۈن گۇرۇھ دائىرىسىدە ئەسىلىدىكى كەسپ ھالقىسىغا قايتىدىن لايىھەلەش ۋە تۈزۈش ئېلىپ باردى. خەلقئارالاشقان شىركەتلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىپ، كارخانىنىڭ بازارغا ماسلىشىپ ئۆزگىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. خەيئېرنىڭ بازارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە، خەيئېر مالىيە شىركىتىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. خەيئېر گۇرۇھىنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىدىن نۇرغۇنى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئىدى. ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت خەيئېر گۇرۇھى بىلەن مۇقىم مال بىلەن تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، خەيئېرنىڭ زور مىقداردىكى زاكاس تالونىغا ماسلىشىش ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن بانكىدىن مەبلەغكە ئېرىشمىكى بەسى مۈشكۈل ئىدى. مەبلەغكە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى بولاتتى. بۇ چاغدا خەيئېردە بىر مەزگىللىك تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەيئېر مالىيە شىركىتى گۇرۇھنىڭ ھېساباتىدىكى زور سوممىدىكى تۆلەشكە تېگىشلىك قەرز پۇلنى رەنىگە قويۇپ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەيئېر مالىيە شىركىتى شىركەتنىڭ كەسپىنى بېيىتىپ، مالىيە شىركىتىنىڭ پايدا مەنبەسىنى كۆپەيتتى، يەنە تېخى گۇرۇھنىڭ ماليە ئېقىمنى قايتىدىن تۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەبلىغىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، خەيئېرنىڭ قىلغىنى قالتىس بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
خەيئېر تەمنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە، بەزى كارخانىلارغا ئوخشاش ئېغىزىدا شەھەر ئالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كونكېرت مەسىلىنى كونكېرت تەھلىل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تەڭشىدى.
#p#
1. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يادرولۇق كەسپ ۋە رىقابەت كۈچى
جاڭ رۈيمىننىڭ ئېيتقىنىدەك، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىدىيە دەل كارخانىنىڭ يادرولۇق كەسپى ۋە رىقابەت كۈچى. كارخانىنىڭ بايلىقى چەكلىك بولغاچقا، كارخانىنىڭ ھەممە ساھەدە رىقابەت ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇشى ناھايىتى مۈشكۈل.كارخانا تەرەققىي قىلماقچى بولسا، چوقۇم مەلۇم ئۆزى ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان ساھەگە، يەنە يادرولۇق كەسپىگە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. خەيئېرنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇپ چىقالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ بولغانلىقىدا ھەمدە بۇ خىل رىقابەت كۈچىگە تايىنىپ يۇقىرى ئېقىندىكى كارخانىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، خېرىدارلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىدىغان بىر ئورگانىك زەنجىر بەرپا قىلغانلىقىدا. تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەرقايسى شېرىكلەرنىڭ خەيئېر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالىشىدىكى  سەۋەب بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان رىقابەت كۈچىگە كۆزى چۈشكەنلىكىدە.
ھەممىگە مەلۇم، خەيئېرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى  خەيېئر مەدەنىيىتى ئاستىدا شەكىللەنگەن بازار ئېچىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدا. خەيئېرنىڭ خېرىدار ۋە ئابونت مەنبەسىگە ئېرىشىشتە باشقا كارخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارى بار.

2. يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا غەلىبە قىلماقچى بولسا، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. خەيئېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر ئىدىيە بار، ئۇ بولسىمۇ ئالدى بىلەن بازار بولسا ئاندىن زاۋۇت بولىدۇ. ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ بازارلىق بولۇشىنى ئىزدەيدىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئالدى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كېرەك.
 خەيئېرنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزدىن ناھايىتى زوقلىنىدۇ: «تاۋارنى ئويلاپ چىقىش». تاۋارنى ئويلاپ چىقىش دېمەك، يېڭى بازار ئويلاپ چىقىش دېمەكتۇر، يەنى يېڭى بازار يارىتىش دېمەكتۇر. كارخانا بازار يارىتىپ ئىستېمالنى يېتەكلەش ئارقىلىق بازارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. بازار تورتىنى چوڭايتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، مەھسۇلات خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەتلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى ساقلىشى كېرەك.
#p#
بۇ جەھەتتە، خەيئېرنىڭ يېتەرلىك پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار. ئۇنىڭ يادرولۇق كەسپى بولغان توڭلاتقۇ ساھەسىدە، خەيئېر «تاۋارنى ئويلاپ چىقىش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئاسىيا قىتئەسىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك توڭلاتقۇ، جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد ھەشەمەتلىك توڭلاتقۇ، جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد تولۇق يېپىق تارتمىلىق توڭلاتقۇ، جۇڭگودىكى تۇنجى بىرىكتۈرۈلگەن توڭلاتقۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەيئېر ياساپ ئىشلەپچىقارغان. كەينىدىنلا جۇڭگودىكى تۇنجى كەڭ كىلىمات بەلبېغىلىق توڭلاتقۇ، جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد نەملىكنى ساقلايدىغان قىروۋسىز توڭلاتقۇ، جۇڭگودىكى تۇنجى پۈتۈنلەي فتور بولمىغان توڭلاتقۇلارنى ياسىدى، ھەر بىر يېڭى مەھسۇلات بىر يېڭى بازارنى، يېڭى ئىستېمال توپىنى ياراتتى. دەل مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلات ئېقىمى، خەيئېرنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

3. تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاساس قىلغان كەسىپ ئېقىمىنى تۈزۈش
كەسپ ئېقىمى كارخانىنىڭ ھەرخىل خام ئەشيا ۋە خېرىدارلار ئېھتىياجىنى سېلىنما قىلىشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كارخانىنىڭ خېرىدارلارغا نىسبەتەن قىممەتكە ئىگە بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى يارىتىشىنى ئاخىرقى نۇقتا قىلغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەردىن ئىبارەت. بۇ بىر كارخانىنىڭ كەسپ ئېقىمى تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ كارخانىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ مەنبەسى. خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەسلىدىكى كەسپ ئېقىمىنى قايتىدىن ئويلىنىش ۋە لايىھەلەش ئېلىپ بېرىش، باش-ئايىقى باغلانغان، مۇكەممەل باغلىنىشلىق كەسىپ ئېقىمىنى بۇرۇنقى ھەرقايسى كەسپىي تارماقلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېتىلگەن پارچە-پارچە ئېقىمنىڭ ئورنىغا قويۇپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، تەننەرخى، ۋە ھەرخىل ئۈنۈم نىشانلىرىنى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ.
خەيئېرنىڭ كەسپ ئېقىمىنى قايتىدىن تۈزۈشى -تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يادرولۇق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، بازار خېرىدار ئېھتىياجىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى ۋە مەبلەغ ئوبوروتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، «ئۈچ نۆل» (مۇلازىمەتتە نۆل ئارىلىق، مەبلەغدە نۆل ئىگىلىۋېلىش، سۈپەتتە نۆل نۇقسان)نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئېقىمنى قايتىدىن تۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ماس قەدەمدىكى سۈرئىتى ۋە SST نىڭ سىجىللىقى ئارقىلىق، بازار ئۈنۈمى مائاشى بىلەن خادىملارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زاكاس تالونىنى تاماملاپ، كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى قۇرۇپ چىقتى.
#p#
4. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىش
تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇچۇر ئېقىمى كارخانىنىڭ خىزمەتچىلىرى، خېرىدارلىرى ۋە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ئالاقە جەريانى. بۇرۇن پەقەت تېلېفون، فاكس ھەتتا كۆرۈشۈش ئارقىلىقلا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولاتتى، ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ھەتتا ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق  ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. گەرچە ۋاسىتە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مەزمۇن ئۆزگەرمىدى. كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئاپتۇماتىك مەشغۇلاتى ۋە زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خاتالىقنى ئازلاتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، چوقۇم مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرىنچى قەۋەت تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن باشلاپ، ھەر بىر ھالقىنى بىر-بىرىگە باغلاپ، تاكى مال ئەڭ ئاخىرىدا خېرىدارنىڭ قولىغا يېتىپ بارغۇچىلىك ، ھەقىقىي رەۋىشتە كارخانىنىڭ كەسپ ئېقىمىنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ھەرقايسى تۈگۈنلەردىكى كارخانىلارنى ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئوبوروتىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئۆز-ئۆزىنى تەشكىللەش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش كېرەك. خەيئېرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئالاقىسى IT نىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 1998-يىلى، شىركەت تۇنجى قېتىم زاكاس بىرتەرەپ قىلىشنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەسپكە قايتىدىن تەشكىللەش ئېلىپ بېرىپ، ئامباردا ساقلىنىش مىقدارىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىشنى زاكاسقا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى خەيئېر ھازىرقى زامان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنى باشلىدى.
ئەشيا ئوبوروت تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېردا باشقۇرۇشنىڭ قوللنىلىىشى سەۋەبلىك، خەيئېر ئەشيا ئوبوروتى 3 JIT، يەنىJIT سېتىۋېلىش، JIT تەقسىملەش، JIT ئايرىپ يۆتكەش ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق ماس قەدەملىك ئېقىمنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنداق يۈرۈشۈش سۈرئىتى خەيئېرنى ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان توختامغا ئېرىشتۈردى. نۆۋەتتە، خەيئېر گۇروھى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 200 دىن ئارتۇق سېتىش تالونى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 دىن ئارتۇق سېتىش تالونى تاپشۇرۇۋالىدۇ. زاكاس قىلىپ ياسىتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەم تۈرى 7000 دىن ئاشىدۇ، سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ماتېرىيالنىڭ تۈرى 150 مىڭدىن ئاشىدۇ. بارلىق ئىشەپچىقىرىش تالون ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بىر ھەپتىگە قىسقىرىدى؛ بارلىق تەقسىملەش تالون ئاساسىدا بولغاچقا، مەھسۇلات لىنىيەدىن چىققان ھامان، مەركىزىي شەھەرلەر 8 سائەت ئىچىدە، رادىئاتسىيە رايونى 24 سائەت ئىچىدە، مەملىكەت ئىچى 4 كۈن ئىچىدە مالنى تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، خەيئېرنىڭ خېرىدارنىڭ تالونىنى تاماملىشىغا پەقەت 10 كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ، مەبلەغ يىلدا 15 قېتىم قايتىپ كېلىدۇ (1999-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تۇراقسىز كاپىتالىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىر يىلدا ئاران 1.2 قېتىم ئىدى)، بېسىلىپ قالغان ماددىي مەبلەغ %73.8 تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەيئېرنىڭ تىرانسپورت ۋە ساقلاش بوشلۇقىغا بولغان پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، رىقابەت ئايرىم كارخانىلار ئارىسىدىكى رىقابەت ئەمەس، بەلكى تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى ئارىسىدىكى رىقابەت. يۇقىرىدىكى 4 نۇقتا سەۋەبىدىن، خەيئېرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئومۇمىي تەننەرخى تۆۋەن، بازارغا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى تېز، بازىرى كەڭ بولدى. خەيئېر خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، مانا بۇ خەيئېرنىڭ شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئالدىدا ماڭغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى. مەن خەيئېرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە بولغان ئانالىز ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ باشقا كارخانىلىرىنى مەلۇم ياردەم ۋە ئىلھامغا ئېرىشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى