ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن كېلىشكەن سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟

ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن كېلىشكەن سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-19 ئاۋاتلىقى: 410 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن كېلىشكەن سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟

 

جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن چوقۇم ئوخشاش بولمىغان ئەمگەك توختام مۇددىتىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇنلۇقتىكى سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتىگە كېلىشىشى كېرەك، ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت قانۇندا بەلگىلەنگىنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

 

بۇنىڭدىن سىرت، قانۇندا يەنە ئوخشاش بىر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئوخشاش بىر ئەمگەكچى بىلەن پەقەت بىر قېتىملىقلا سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتىگە كېلىشسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن؛ مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى مۇددەت قىلغان ئەمگەك توختامى تۈزگەن ياكى توختام مۇددىتى ئۈچ ئايغا يەتمىگەن بولسا، سىناق مۇددىتى بېكىتىشكە رۇخسەت يوق.

 

ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەگەر يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سىناق مۇددىتى بېكىتسە، سىناق مۇددىتىنى ئۇزارتسا ياكى سىناق مۇددىتىنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتسە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ كېلىشكەن سىناق مۇددىتى ئىجرا قىلىنىپ بولغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ سىناق مۇددىتىدىكى پۈتۈن ئايلىق مائاشىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئىجرا قىلىنىپ بولغان قانۇندا بەلگىلەنگەن سىناق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن مۇددەت بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلەم پۇلى بېرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى