ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك مۇھاپىزىتى خىراجىتى چىقىمى ۋە خىزمەت فورمىسىنىڭ باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

ئەمگەك مۇھاپىزىتى خىراجىتى چىقىمى ۋە خىزمەت فورمىسىنىڭ باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 485 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەك مۇھاپىزىتى خىراجىتى چىقىمى ۋە خىزمەت فورمىسىنىڭ باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
بىرىنچى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى خىراجىتى چىقىمىنى قوشۇۋېتىش (列支) نىڭ سىياسەت ئاساسى
يېڭى كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنىڭ 48-ماددىسىدا، كارخانىدا يۈز بەرگەن مۇۋاپىق ئەمگەك مۇھاپىزىتى چىقىمىنى تۇتۇپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە كېلىپ سوممىسىغا چەك قويىدىغان بەلگىلىمە يوق. شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تەرەپتىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتى دەپ ھېسابلانمايدۇ. ئەمگەك مۇھاپىزىتى جەھەتتىكى چىقىملار، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرگە چىقىم قىلغان خىزمەت فورمىسى، زەھەر قايتۇرۇش دورىسى، سوغۇق ئىچىملىك خىراجىتى قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىراجەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى پاراۋانلىق تەمىناتىغا كىرىدۇ.
ئىككىنچى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى چىقىمىنى قوشۇۋېتىشنىڭ چەكلەش شەرتلىرى
ئەمگەك مۇھاپىزىتى چىقىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛
1. ھەقىقەتەن خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان بولۇشى كېرەك؛
2. ئۆزى ياللىۋالغان خادىملار ئۈچۈن سەپلەنگەن ياكى تەمىنلەنگەن بولۇشى كېرەك؛
3. خىزمەت فورمىسى، پەلەي، بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيۇملىرى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش بۇيۇملىرى قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن چەكلىنىدۇ. ئەمگەك مۇھاپىزىتى چىقىمىنىڭ ھەقىقىي، مۇۋاپىق بولۇشى كارخانىنىڭ تەننەرخى ياكى خىراجىتىگە قوشۇۋېتىشتىكى نۇقتىلىق ھالقا، شۇنداق بولغاندىلا كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاپ تاپشۇرغاندا تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
1. شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى بىر تەرەپ قىلىش
كارخانا نەق پۇل ياكى ماددىي بۇيۇم شەكلىدە تارقاتقان ئىسسىقتىن ساقلىنىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىراجىتى قاتارلىقلار ئىش ھەققى، مائاش تاپاۋىتىدىن تارقاتقان ئىقتىسادىي ياردەمگە تەۋە بولۇپ، ھەممىسى ئىش ھەققى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىلىپ، قانۇن بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. لېكىن، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى يەرلىك باج ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولغاچقا، نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بارلىققا كەلدى.
#p#
2. كارخانا تاپاۋەت بېجىنى بىر تەرەپ قىلىش
(3[2009]) نىڭ 2-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا، خادىملارنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش، تۇرمۇش، ئولتۇراق ئۆي، قاتناش قاتارلىق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن تارقىتىلغان ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم ۋە پۇلسىز (پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان) تەمىنات، كارخانا خىزمەتچىلەرگە تارقاتقان خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا يەردە داۋالىنىش خىراجىتى، داۋالاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش يولغا قويۇلمىغان كارخانا خادىملىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، خىزمەتچى باقىدىغان بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ داۋالىنىش ئىقتىسادىي ياردىمى، پار بېرىش خىراجىتى ئىقتىسادىي ياردىمى، خادىملارنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىراجىتى، خادىملارنىڭ قىيىنچىلىق ئىقتىسادىي ياردىمى، قۇتقۇزۇش پۇلى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاشخانا چىقىمى ئىقتىسادىي ياردىمى، خىزمەتچىلەرنىڭ قاتناش ئىقتىسادىي ياردىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىراجەتلەر خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق خىراجىتى ھېسابلىنىپ قوشۇۋېتىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. يەنى كارخانا خىزمەتچىلەرگە تارقاتقان ئىسسىق ئۆتۈشتىن ساقلىنىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىراجىتىنى كارخانىنىڭ تاپاۋەت بېجىدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
 
تۆتىنچى، خىزمەت فورمىسى چىقىمىنىڭ باج ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
2011-يىلىدىكى 34-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشنىڭ 2-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «كارخانىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كارخانا تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەييارلىنىپ خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بىر تۇتاش كىيىشى تەلەپ قىلىنغاندا يۈز بەرگەن خىزمەت فورمىسى خىراجىتىنى، «يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كارخانىنىڭ مۇۋاپىق چىقىمى دەپ قاراپ باجدىن ئىلگىرى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.» ئەگەر سودا سارىيىدىن بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى چىقىم ھېسابىدا خىزمەتچىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن كىيىم بولسا، خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق خىراجىتى چىقىمى دەپ ھېسابلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى ۋاكالەتەن تۇتۇپ قېلىشى ۋە ۋاكالەتەن تاپشۇرۇشى كېرەك.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى