ئالما كومپيۇتېرىنىڭ ماركىسى نېمىشقا چىشلىۋېلىنغان؟
ۋاقتى: 2016-10-03
ئاۋاتلىقى: 623 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەربىر ماركا ۋە مەھسۇلات نامىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئالما كومپيۇتېرىنىڭ شىركەت بەلگىسى بار. لېكىن ئالما كومپيۇتېرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىركەت بەلگىسىنى بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇقماسلىقى مۇمكىن، ئەينى چاغدىكى شىركەت Logo بولسا نىيوتۇننىڭ ئالما دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان بىر رەسىمى ئىدى. بەلگىنىڭ ئاستى ئۈستى لېنتىلار بىلەن ئورالغان،يۈزىگە Apple Computer Co. دېگەن خەت بېسىلغان بولۇپ، سىرتقى جازىسىغا ئەنگىلىيە شائىىرى ۋىللىئام ۋوردسۋورس (William Wordsworth)نىڭ مۇنداق بىر قىسقا شېئىرى يېزىلغان ئىدى :
نىيوتۇن، بىر روھ، ناتونۇش خىياللار دېڭىزىدا مەڭگۈ ئۈزىۋاتىدۇ......يالغۇز...
(Newton……A Mind Forever, Voyaging Through Strange, Seas of Thought……Alone)
بۇ بەلگە ھەقىقەتەنمۇ رومانتىك تۈسكە ئىگە. ئالما پەقەت بىر ماشىنىلا ئەمەس، ئۇ ئەدەبىيلىك ۋە ئادىمىيلىك بىلەن تولغان. بۇ بەلگىنى Ron Wayne دېگەن بىر كىشى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ باشقا ئىككى قۇرغۇچىسىدىن قالسا ئەڭ بۇرۇن ئالما شىركىتىگە كىرگەن كىشى. لېكىن بۇ نىيوتۇن بەلگىسى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلمىدى. جوبس ئۇنى بەك مۇرەككەپ، كۆپەيتىپ تارقىتىشقا ئەپسىز دەپ قاراپ ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى Regis McKenna نىڭ گۈزەل سەنئەت نازارەتچىسى Rob Janov غا يېڭىدىن بىر بەلگە لايىھەلەشنى تەكىتلىدى.
Janov ئەڭ بۇرۇن بىر رەڭسىز ئالمىنىڭ تەسۋىرىنى ياساپ چىقتى، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا بىر نەرسە كەمدەك تۇيۇلاتتى، ئۇ مۇنداق چۈشەندۈردى: «مەن ئالمىنىڭ شەكلىنى ئاددىلاشتۇرۇشنى ئويلىدىم، ھەم ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتە پەمىدۇرغا ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يان تەرەپتىن بىر چىشلەم چىشلىۋېلىنغان كۆرۈنۈشنى چىقاردىم.» (باشقۇرۇش ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان)
#p#
ئالما بەلگىسىنى كۆرگەن ھەربىر كىشى ئختىيارسىز ئويلايدۇ: ئالما نېمىشقا چىشلىۋېلىنغان؟ بۇ دەل بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا لايىھەلىگۈچى ئۈمىد قىلغان ئۈنۈم بولۇشى مۇمكىن. ئالمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن تونۇش بولغان كىشىلەر ئۇنى ھاياتىي كۈچ ۋە جاسارەتكە ۋەكىللك قىلىدۇ، چىشلىۋېلىنغان يوچۇق بولسا كىشىلەرنىڭ گۇمان ۋە قىزىقىشىنى قوزغايدۇ دەپ چۈشەندۈردى. ئالمىنىڭ تەمىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز ئېغىزى بىلەن تېتىپ بېقىش كېرەك، توغرىمۇ؟ يەنە بەزىلەر ئېنگلىز تىلىدىكى "چىشلەش (bite)" دېگەن سۆز كومپيۇتېردىكى ئاساسى ھېسابلاش بىرلىكى"بايت (Byte)" بىلەن ئاھاڭداش دەپ قارايدۇ.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بەلگە ئۈچۈن ئالما شىركىتى نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلغان بولۇپ، ئەمەلىي سانى ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىغان. ئالما شىركىتىنىڭ سابىق باش لىدىرى Michael M. Scott ئۇنى : " ھازىرغىچە لايىھەلەنگەن ئەڭ قىممەتلىك دەھشەت بەلگە (the most expensive bloody logo ever designed)" دەپ ئاتىغان.
ئالما كومپيۇتېرى ناھايىتى تېزلا بازاردىكى خاسلىققا چوقۇنىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى، بۇ Logo ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئىنتىل تەشكىللىگەن رەسمى يوسۇندىكى كومپيۇتېر لاگىرىدا كۆرۈنەرلىك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئالما كومپيۇتېرى ئشلەتكۈچىلەر ھەتتا مۇشۇ بەلگە ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئوخشاش قىممەت قارشى بار كىشىلەرنى ئىزدەيدىغان بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار بىلەن ئالما كومپيۇتېرى ئوتتۇرىسىدىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت بارلىققا كەلدى.
لېكىن خاسلىقنى تەكىتلەيدىغان ئالما كومپيۇتېرى جوبس iPod بىلەن قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانغا قەدەر، تەننەرخ ئەۋزەللىكىگە تايىنىدىغان كومپيۇتېر لاگىرىدا ئۇتۇپ چىقالمىدى. بۇ جوبس ۋە ئالما شىركىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن مەھسۇلات بولۇپ، تور دەۋرىدىكى بارلىق روھى كۈچ ۋە ئىقتىدارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشمۇ سەھنىگە iPodنى كۆتۈرۈپ چىققاندا، «خاككىر ئىمپېرىيەسى» ئېلىكتىرونلۇق مۇقەددەس كىتاب سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەندە، سىز ئاندىن بەلكىم ئىستېمالچىلارنىڭ ھەۋىسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
2003-يىلى ئالما شىركىتى بەلگە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى رەڭلىك ئالمىنى يېرىم سۈزۈك، يالتىراپ تۇرىدىغان كۈمۈش رەڭلىك بەلگىگە ئۆزگەرتتى. يېڭى بەلگە كۆرۈنۈشتە تېخىمۇ ستېرېئولۇق، مودا ۋە قالتىس بولۇپ، ئالما بايرىقى ئاستىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولغان ئىككى مەھسۇلات itunes ۋە iPod مەھسۇلات ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېستېتىك ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ماس كەلدى.