ئەمگەكچىنى قانداق ئەھۋالدا ئادەم قىسقارتىش ئوبيېكتى قىلغىلى بولمايدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەكچىنى قانداق ئەھۋالدا ئادەم قىسقارتىش ئوبيېكتى قىلغىلى بولمايدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرەرسى بولسا، ئىدارە ئۇنى قىسقارتىۋەتسە بولمايدۇ:
1.كەسپىي كېسەل خەتىرى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغان ئەمگەكچى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈش قىلمىغان بولسا، ياكى كەسپىي كېسەل بىمارى دەپ گۇمان قىلىنىپ، دىئاگنوز قويۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ياكى تىببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛
2.مۇشۇ ئىدارىدە كەسپىي كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەت سەۋەبلىك يارىلىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقاتقان دەپ قارالغان بولسا؛
3.كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛
4.ئايال خىزمەتچى ھامىلدارلىق، تۇغۇت، ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛
5.مۇشۇ ئىدارىدە ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئون بەش يىلغا توشقان، ھەم شۇنداقلا قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا بەش يىل قالمىغان بولسا؛
6.قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.