ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تۇتۇپ قالسا بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تۇتۇپ قالسا بولامدۇ؟
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسە، ئەمگەكچىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىنىڭ ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ، ھەم شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىدارىنىڭ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەش ياكى باشقا ناملار بىلەن ئەمگەكچىدىن پۇل-مال ئېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئەگەر بۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېپىللىك ياكى باشقا نام بىلەن ئەمگەكچىدىن پۇل-مال ئالسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇسا ۋە ھەربىر ئادەمگە 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.