مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى كىم ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى كىم ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
مەسلىھەتلىشىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنىڭ شەرتلىرى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئوخشاش، پەقەت ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلەلىسىلا ئەمگەك توختامىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلسا بولىدۇ.
لېكىن قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاننىڭ ئاقىۋىتى تامامەن ئوخشىمايدۇ، ئەمگەكچى ئالدى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئالدى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەك.