ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىستىپا بېرىش ھوقۇقى بارمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىستىپا بېرىش ھوقۇقى بارمۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەكچى مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش قىلسا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
بۇ يەردە، ئەمگەكچىنىڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق سەۋەبى بولۇشى كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق. يەنى، بۇ بەلگىلىمە ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىستىپا بېرىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، پەقەت مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش قىلسىلا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەمگەكچى خۇسۇسىي سەۋەب بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ، ئەمگەك توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلسا، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش شەكىللىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك(مەسىلەن مۇلازىمەت مۇددىتىگە ئائىت كېلىشىم).