«ئەمگەك توختامىنىڭ بىكار قىلىنىشى» دېگەن نېمە؟
يانفوندا كۆرۈش
«ئەمگەك توختامىنىڭ بىكار قىلىنىشى» دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ بىكار قىلىنىشى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»نى يولغا قويۇشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلىلەرگە بولغان پىكىرنىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامىنى تۈزگەندىن كېيىن، تولۇق ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى ئەمگەك توختامىدىكى بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى يوق قىلىدىغان قانۇنىي قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن بىكار قىلىش ۋە كېلىشىم بويىچە بىكار قىلىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. مانا بۇ كېلىشىم بويىچە بىكار قىلىش.
ئەمگەك توختامىنىڭ بىكار قىلىنىشى پەقەت تېخى ئىجرا قىلمىغان قىسمىغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە، ئىجرا قىلىنىپ بولغان قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.