• 2010-12-09

    ئېرلاندىيە ئەدەبىيات باغچىسىدىكى خۇشپۇراقلىق گۈل – ۋىليام ترېۋور - [ئەدىبلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87966291.html

    ئېرلاندىيە ئەدەبىيات باغچىسىدىكى خۇشپۇراقلىق گۈل – ۋىليام ترېۋور

    جۇخۇا

     ئېرلاندىيىلىكلەر بۇرۇن كۆپ قېتىم تاجاۋۇزچىلىققا، ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان مىللەت، شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئېرلاندىيىلىكلەر تۇغما ئەدەبىيات تالانتىغا ئىگە، ئۇلاردىن نۇرغۇن مەشھۇر ئەدىپلەر يېتىشىپ چىققان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللەنگەن مەزگىلدە ئېرلاندىيىدىن ياتس، راسسېل، سىنگېر، جويسې قاتارلىق خەلقئارا تەسىرگە ئىگە يازغۇچىلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق مىللىتىگە بولغان ھەسرىتى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بولسا پىشىپ يېتىلگەن ئېرلاندىيە يازغۇچىلىرى ئەجداد يازغۇچىلارنىڭ مىللى ھەسرەت ۋە دىنىي كەيپەياتىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش بىرگە، تېخىمۇ كۆپ جەھەتتىن ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى نىسبەتەن سوغۇققانلىق بىلەن كۈزەتتى، مۇلاھىزە قىلىشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئۇدا مۇكاپات ئالغان، مول ھوسۇللۇق، تاكى ھازىرغىچە قەلمىنى توختاتمىغان يازغۇچى – ۋىليام ترېۋور(William Trevor) بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە 29 رومان، 16 ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلدۇردى، نەچچە ئون قېتىملاپ زور مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى، ئېنگىلىز تىلى ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ۋىليام ترېۋور 1928-يىلى ئېرلاندىيىنىڭ كوكېر ۋىلايىتىنىڭ مىدلېتون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ۋىليام ترېۋور كوكس. 1942-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە دۇبلىننىڭ سانتا كولۇمبا ئىنىستىتۇتى ۋە ترىنىتي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، 1950-يىلى تارىخ پەنلىرى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېرلاندىيىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن لوندوندا ئولتۇراقلاشقان، ئۇزۇن مەزگىل ئېلان ماقالە يازغۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەنگىلىيە، ئېرلاندىيە ئىككى خىل ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچقا ئۇ پروتىستانت دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. دادىسى بانكا خادىمى بولغاچقا ئۇنىڭ بالىلىقى كۆچۈپ يۈرۈش ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 13 مەكتەپتە ئوقۇغان. داۋالغۇش ئىچىدىكى تۇرمۇش ۋە ئۆزگىچە ئېتىقاد ئۇنىڭدا يازغۇچىلارغا خاس ئالاھىدە كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تۇنجى مۇھىم ئەسىرى « مەكتەپداشلار» بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر توپ مەكتەپداشلار كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بىر نۆۋەتلىك كومىتېت باشىلىقىنى سايلاش جەرياندىكى بىرى-بىرى بىلەن پۇت تېپىشىش، بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىمە شەكلىدە بۇ بىر توپ مەكتەپداشلارنىڭ ئەينى چاغدىكى زىددىيەت ۋە رىقابەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇلار گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئەينى چاغدىكى خورلۇقنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار سىرتنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىلەنمىسە تېخى، ئۆزلىرىنىڭ ياشىنىپ قالغاندىكى كېسەل-ئاغرىقلىرىغا تاقابىل تۇرمىسا تېخى تۇرغان، دېمەك ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسى قاتتىق يالغۇزلۇق ۋە چۇڭقۇر ھەسرەتكە تولغان. بۇ روماندا – ئادەم ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك، مۇۋەپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتكە قانداق پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەك، قانداق قىلغاندا ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ، دېگەن تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە ترېۋورنىڭ ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن ئەنگىلىيىلىك شەخسلەر بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ترېۋور ئۆزى ئېرلاندىيە ۋە ئېرلاندىيىلىكلەرنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ خۇددى جويسېغا ئوخشاشلا ئۆزىنى ئۆزى سۈرگۈن قىلىشنى تاللىغان بولۇپ، ئانا ۋەتىنىدىن يىراق ياقا يۇرتتا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ترېۋورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەيلى ۋاقىت ياكى ئارىلىق جەھەتتىن بولسۇن بىر تاماشا كۆرگۈچى سۈپىتىدە تۇرۇپ ۋەتىنىنىڭ مەدەنىيىتىنى سوغۇق قانلىق بىلەن كۈزىتىشىگە، ئىرق، سىنىپ، دىن قاتارلىق سۈنئىي توساقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ مائارىپ، مۇھەببەت، نىكاھلىرىغا قانداق تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بېرىشتە زور پايدىسى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلىرى: «تەقدىرنىڭ چاقچىقى» ۋە «گۈلزارلىقتىكى سۈكۈنات» تىن ئىبارەت. «تەقدىرنىڭ چاقچىقى» تارىخنىڭ ئېغىر يۈكىنىڭ ئېرلاندىيىلىكلەر تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئىنتايىن كەڭ بولغان تارىخ سەھىپىسىدە ئوخشىمىغان مەزگىلدىكى ۋەقەلىك كىرىشتۈرۈپ بايان قىلىنغان. ئېرلاندىيىلىك كۋىنتون جەمەتى بىلەن ئەنگىلىيىلىك ۋوئودكۇم جەمەتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق نىكاھ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئاننا ۋوودكۇم كۋىنتون ئائىلىسىنىڭ كوكېر ۋىلايىتىدىكى كىلنى قورۇقىغا ياتلىق بولۇپ كېلىدۇ. پۈتكۈل ئېرلاندىيىنى ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەندە، ئاننا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزماقچى بولىدۇ ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەنگىلىيە مۇستەملىكە ئەمەلدارلىرىغا پۇقرالارنىڭ ھالىغا يېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نەتىجىدە پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرنىڭ زىتىغا تېگىپ قويۇپ مىراسخورلۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. كىلنى قورۇقىدىكى كېيىنكى ئەۋلاتلارمۇ ئەنگىلىيىدىن كېلىن ئەكىلىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. ۋەقەلىك ئېرلاندىيە تارىخىدىكى يەنە بىر جاراھەت مەزگىلى بولغان ئەنگىلىيە-ئېرلاندىيە ئۇرۇشى مەزگىلىگە ئۆتىدۇ. ۋىليام كۋىنتون ۋە ئۇنىڭ ئەنگىلىيىلىك خوتۇنى ئېۋنىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى گۈلدەك گۈزەل ئۆتەتتى. ئۇلار پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايتتى، ھەمدە ئەنگىلىيە-ئېرلاندىيە ئۇرۇشىدا ماك كورىنسقا مايىل ئىدى، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىقىسى دائىرىسدە، دىن دائىرىسىدە يىتىم قالىدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىي پائالىيىتى ئاخىرى كىلنى قورۇقىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوتتا ۋىليام، ئىككى قىزى ۋە بىرمۇنچە ئىشلەمچىلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ، ئېۋ ئوغلى ۋىلېي بىلەن كوكېر شەھىرىدىكى بىر بىنادىكى كىچىك بىر ئۆيگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئېۋ ئېرى، قىزىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي، كۈندىن –كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ، ھاراق بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ۋىلېي چوڭ بولۇپ ئەنگىلىيىدىكى نەۋرە تۇققىنى مارىئاننا بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ قالىدۇ. ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان مارىئاننا خارابىلىققا ئايلانغان كىلنى قورۇقىغا كەلگەندە بولسا ۋىلئېي غايىب بولغانىدى. مارىئاننا ۋىلئېينىڭ ھاممىسى ۋە پوپلىقنى تاشلىغان باستىرنىڭ ياردىمىدە قىزى ئېمىلدانى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ياشانغاندا ئاخىرى ۋىلېي بىلەن جەم بولىدۇ، ئەسلىدە ۋىلئېي كىلنى قورۇقىغا ئوت قويۇۋەتكەن ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئېرلاندىيىدىن قېچىپ كەتكەنىدى. كۋىنتون جەمەتىنىڭ خارابلىشىش جەريانى ئېمىلدانىڭ بۇ بىر نەچچە ئەۋلات تۇققانلىرىنىڭ روھىي بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن ئەقلىدىن ئېزىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ترېۋورنىڭ تارىخ قارىشى مەيلى شەخسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ئۆزگىچەلىككە ئىگە. گەرچە ئۇ ئەسىرىدە ئەەىلىيە ئېرلادىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاقان چاغدا ئېرلاندىيىنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا قورال كۈچى ئىشلەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ ترېۋور يەنىلا ھەممە گۇناھنى تارىختىكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغرا ھۆۈمرانلىقىغا دۆڭگەپ قويۇشنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ باشتىن ئاخىرى تارىخنىڭ ھايات قالغانلارغا ئېپ كەلگەن ئازابلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئەسلىمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانسېرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىش، ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن يىپيېڭى كەلگۈسى يارىتىشتىن بىشارەت بېرىدۇ. «گۈلزارلىقتىكى سۈكۈنات» مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «تەقدىرنىڭ چاقچىقى»نىڭ داۋامى بولۇپ، يەنىلا چوڭ ساراينى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىش ئارقىلىق، ئۆتنۈش بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە ھاسىل قىلماقچى بولىدۇ. بۇ ئەسەردە ”زوراۋانلىق“ نىڭ ئەگشمە خاراكتىردىكى تەسىرى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ئېرلاندىيە تارىخىنىڭ خەلققە كۆرسەتكەن پاسسىپ تەسىرىنى سۆكۈشتە قىلچە يۈز خاتىرە قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېرلاندىيىنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىنى ئويلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دىققىتىنى ئاياللار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قاراتقان. «تەقدىرنىڭ چاقچىقى»دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنى – مىراسخورلۇقتىن مەھرۇم قالغان ئاننا، ھاراققا بېرىلىپ كەتكەن ئېۋ، تاشلىنىپ كەتكەن ئېمىلدالارنى تەسۋىرلىگەندە قەلىمى ھېسىداشلىققا چۆمىدۇ. ۋەقەلىكتىكى ئەرلەرنىڭ بىرسىمۇ ئەنگىلىيىلىك ئاياللىردىن دانا، قەيسەر ئەمەس، ئاياللىرى ئەرلەرنىڭ ئالىجاناپ ناملىرى بەلگىلىگەن قۇربانلىقتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەرلىرى بىر بولسا ھېچ قانداق ھەرىكەت قوللىنىشنى خالىمايدۇ، بىر بولسا ھەرىكەت قوللىنىشقا مادارى يەتمەيدۇ، يەنە بىر بولسا ئەقىلىسىز ھەرىكەت قوللىنىدۇ. «گۈلزارلىقتىكى سۈكۈنات»تا بولسا ئاياللارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلىنىدۇ، جاسارەت ۋە ئاقىلانىلىق بىلەن جەمەتلىرى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغان خارابلىشىش ۋەزىيىتى بىلەن قەيسىرانە ھالدا قارشىلىشىدۇ. تارىخ بىلەن ئەرلەرنىڭ كوردىنات ئوقىدا، ترېۋورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئاياللار ئەرلەر بىلەن پاراللىل ھەتتا ئەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن دولقۇنسىمان سىزىق ھالىتىدە تارىخنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ترېۋور ئاياللار تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق دېتاللارنى ۋە ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى نازۇك پائالىيەتلەرنى تەسۋىرلەشكە ئىنتايىن ماھىر. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى «ئونېل سارىيىدىكى ئېكداۋل خانىم»، «گېرمز خانقىز ۋە دىنداشلار»، «غېربسىنغان ئېلزابىت»دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاياللار تېمىسىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ، ئاياللارنىڭ غېربسىنغان پىسخىك ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە «غېربسىنغان ئېلزابىت» ئالاھىدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئېلزابىت ئۈچ قىزى بار ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال بولۇپ، بالنىستتا ياتقان چاغدا ئۆزى بىلەن بىر قىسمەتتىكى ئۈچ ئايال بىلەن تونىشىدۇ. ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش جەريانىدا ئېلزابىت ئۆزىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى كۆرۈپ يېتىدۇ، ھەمدە ھاياتلىقتىكى ئەشەددى غېربلىقنى، ھەمدە بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسىغا ھەرگىز كىرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ترۋورنىڭ ھېكايىلىرىدا ئاياللار ئوبرازى تېخىمۇ كۆپ. «رومانتىك تانسىخانا»، «ئارتېرراكتا»، «تەلەي سىناش» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە ئاياللارنىڭ ئوبرازى جەمىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل ھەر ياڭزا بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ چۇڭقۇر قەلبىدىكى غېربلىق باشتىن ئاخىر گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئاييالر تېمىسى پەقەت ترېۋورنىڭ ئېرلاندىيە جەمئىيىتىنى سېتېئولۇق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈش، ئۆزىنىڭ گۇمانىزملىق ئىدىيىسىنى يەتكۈزۈشتىكى ۋاستىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ باشقا تېمىدىكى مەسىلەن: دىن تېمىسىدكى ئەسەرلىىرى بىلەن بىرلىكتە ئالغا باسقان. جەمئىيەتنىڭ ئەمىلىكى، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى دىن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان دۆلەتتە، بالىقلىق دەۋرىدىن تارتىپلا ئاساسىي ئېقىم بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلسا، ئۇنداقتا بۇنداق يازغۇچى ئۆزىنىڭ دىنىي كۆز قارىشىنى ئەسەرلىرىدە قانداق گەۋدىلەندۈرىدۇ؟ يېقىنراق مەزگىلدە يېزىلغان «تاغدىكى بويتاق» دېگەن ھېكايىلار توپلىمىدا چۈشتەكلا خىيالىي بىر ھېكايە «بۈۋى مەريەمنىڭ سوۋغىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىخلاسمە دىندار مايك ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم بۈۋى مەريەمنى كۆرىدۇ، خىيال شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇ 18 يېشىدا بۈۋى مەريەمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن دادىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ بىر موناستىرغا كىرىدۇ؛ 35 يېشىدا يەنە بۈۋى مەريەمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن موناستىردىن ئايرىلىپ، ئېگىز تاغنىڭ تىك يارلىرىدىن ”قەلب ئارامىنى تاپىدۇ “؛ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۈۋى مەريەم يەنە تۇيۇقسىز پەيدا بوۇپ ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بارلىق قىسمەتلەردىن قىلچە گۇمان قىلمىغان مايك ئېرلاندىيىنىڭ كەنت-قىشلاقلىرىنى پىيادە بېسىپ بەئەينى سەرگەردان ئىت كەبى غايىب بولۇپ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن يۇرتىدا پەيدا بولىدۇ. گەرچە ھېكايىدا قىلچە مەسخىرە كەيپىياتى بولمىسىمۇ، ئەمما ترېۋور ئوقۇرمەنلەرنى مايكتەك بۈۋى مەريەمنىڭ پەيدا بولىشىغا ئىشىنىشنى ئۈمىد قىلىشىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. مايك سېزىمىگىلا تاينىپ ئىش كۆرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل. ئۇنىڭ خىيالى راسمىدۇ؟ بۇ مىسكىننىڭ پۈتۈن ئۆمرى بىكارغا كەتمىدىمۇ؟ دىندىن ھالقىپ قارىغاندا دىندىكى ئەۋلىيالارنىڭ پەرشكە چۈشۈشى ۋە ئالدامچىلىق بىر ئىشمىدۇ؟ ترېۋور بۇلارغا جاۋاپ بەرمەستىن مايكنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ غايىپ بولغان ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ توپلامدىكى «پونىڭ تونى» دا تېڭىرقاپ قالغان يېڭى دىن پوپى ئۆزىنى كاتولىك دىندىكى ئېرلاندىيە بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندەك، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەندەك ھېس قىلىدۇ. «ئېرۇسالىمدا ئۆلۈش»تە دىننىڭ دۇنيادىكى ئورنى مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، كاتولىك دىنى ۋە يېڭى دىندىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاشلا ھېسىداشلىق تەسۋىرى بىلەن تولغان. ئەسەرلىرىدىن قارىغاندا ترېۋورنىڭ روشەن دىن قارىشى ئىپادە قىلىنمىغان، بەلكىم ئۆز قارىشىنى مەقسەتلىك ھالدا يوشۇرغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ كۆپ ھاللاردا دىنغا گۇمانىي قاراشتا گەۋدىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىردە تەڭرىنىڭ ھەممىگە قادىر قۇدرىتى كەمدىن-كەم ئىپادىلىنىدۇ. ترېۋورنىڭ ئەسەرللىرىدىكى پىرسۇناژلار تەبىئىي ھالدا ناھايىتى ئېنىق، دەل– كونكېرت ۋاقىت، ئورۇن بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ، گويا ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ ھېكايىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان داستانلاردەك بولۇپ، مەلۇم بىر خىل ئەسلى تىپقا ئىگە.تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ قەلىمدىكى پىرسۇناژلارنىڭ تىپى ئىنتايىن كۆ بولۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ترېۋورنىڭ ھېكايىلىرىدا پىرسۇناژلار بىلەن ئورۇن ئوتتۇرىسىدا مەلۇم سىرلىق باغلىنىش مەۋجۇت بولۇپ، گويا بىر مىللەتنىڭ جېنى(روھى) ئۇلار تۇرۇۋاتقان زېمىن تەرىپىدىن يارىتىلغاندەكلا. بولۇپمۇ چەت، خىلۋەت كەنتلەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ھېكايىلىرىدە شەخسلەر گويا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كچىككىنە زېمىننڭ ئاپىرىدسدەك، ئىرادە ئەركىلىكى ۋە ياقا يۇرتلارغا بېرىپ جان ساقلاش ئىرادىسىدىن مەھرۇم بولغان. ھېكايىلەر توپلىمى «تاغلىق بويتاق»تىكى مۇشۇ تېمىلىق ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ بۇ خىل ئىدىيىسى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ھېكايىدا 29 ياشلىق بوۋلېي دېگەن يىگىتنىڭ ئانىسىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۆزى نەپرەتلىنىدىغان كىچىككىنە يەر مۈلىكىنى قوبۇل قىلىپ خىلۋەتتىكى كچىككىنە دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىدۇ. بۇ دەۋردىكى ئېرلاندىيە قىزلىرى ماي پونكىتى ياكى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەشنى خالىسىمۇ، بوۋلېيدەك بويتاقلارغا ياتلىق بولۇپ، بىخۇتلۇق ئىچىدە ياشاشنى خالىمايتتى. بوۋلېيدەك ئېرلاندىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بولغان چۈشىنىشى دەل ئۇلارنىڭ قىيالمايدىغان تەرىپى ئىدى. بوۋلېي قەھرىمان؟ ئەخمەقمۇيا؟ ياكى بولمىسا ئۇ پەقەت بىر رايىش ئوغۇلمۇ؟ ئۇنى ئېرلاندىيىنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دېيىلسە، ئۇ بىر ئىككى تايىن تۇرسا؛ ئۇنى ئېرلاندىيىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دېيىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بويتاق ئەۋلادى يوق، ئۇلار ۋەكىللىك ىلىدىغان بارلىق نەرسە داۋاملىشالمايدۇ. بۇنداق ئىستىقبال خۇددى قەدىمكى ئېرلاندىيە خەلق قوشاقلىرىغا ئوخشاش مەزمۇنى كونىراپ كەتكەن، شەكلى مەۋجۇت ئەمما داۋاملاشمايدۇ. جويسېنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا ترېۋورنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوبرازلىق ئىنچىكە تەسۋىرگە ئەھمىيەت بېرىپ، درامماتىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىتىلمىگەن؛ خىيالغا پېتىش، ئۆتمۈشنى سېغىنىش پۇرىغى كۈچلۈك ئەمما ئاشكارا بايان قىلىنمايدۇ، ھەمدە جويسېنىڭ ھېكايىلىرىدىكى تىپىك «خىرەلەشتۈرۈپ» ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: «رومانتىك تانسىخانا»، «تاغلىق بويتاق»، «ئائىلىدىكى جىنايەت» قاتارلىق. يىغىپ ئېيتقاندا مۇنداق تەسىرنىڭ ئىجابى پايدىسى بار، ئەمما ئاخىرلاشتۇرۇلسا كىشىگە بىر خىل جانسىز تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ترېۋور يەنە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنىمۇ ئىجاد قىلغان. مەسىلەن: «ئالبومدىكى مەنزىرە»(سىنارىيە)، «جۇلېتتانىڭ ھېكايىسى»(بالىلار ئەدەبىياتى) قاتارلىق. «مەكتەپداشلار» غا ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن سەھنە تىياتىرى 1971-يىلى ئوينالغان، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھېكايىلىرىغا ئاساسەن بىرمۇنچە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان سەھنە تىياتىرى ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك بىرەر تىياتىرى ياكى تېلېۋىزىيە فىلىمى لوندوندا قويۇلۇپ تۇرغان. ترېۋور ئېرلاندىيىنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن بوران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت 80 يىللىق سەرگەردانلىق كەچۈرمىشلىرىگە ئوزۇق بولۇپ، ئېرلاندىيە ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر شانلىق سەھىپىنى ياراتتى، شۇڭا ئۇ ئېرلاندىيە ئەدەبىيات باغچىسىدىكى خۇشپۇراقلىق گۈل بولۇشقا مۇناسىپ.

     (جۇخۇا شاڭخەي سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرىستېتى چەتئەل تىللىرى فاكۇلتىتىدىن)

    «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2007-يىل 6-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: