• 2011-09-26

    ئۈنۈڭنى چىقارما - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/163584048.html

    ئۈنۈڭنى چىقارما

    چېڭ گاڭ

    (ھېكايە)

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

    — ھەي، مايك قارىڭە، ئوغىرى!

    تومسون ئوڭ تەرەپتىكى بىر بىنانى كۆرسىتىپ توۋلىدى.

    ساقچى ئەمەلدارى مايك بىر قاراپلا چەبدەسلىك بىلەن تومسوننىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى.

    — شۈك، ھەرگىز ئۈنۈنڭنى چىقارما، —مايك شۇنداق دەپ تومىسوننى بىر ياققا تارتتى.

    بۇ تايگېرلال رايونى بولۇپ، مۇھىتى گۈزەل بولغاچقا بايلار كۆپ ئىدى، شۇنداق بولغاچقا بۇ يەر ئوغرىلارنىڭ جەننىتى بولۇپمۇ قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن يېقىندىن بېرى بۇ رايوننى چارلاش كۈچەيتىلگەن، ساقچى ئەمەلدارى مايك بىلەن ساقچى تومسونمۇ كېچىلىك چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتاتتى.

    ئوڭ تەرەپتىكى بىنانىڭ 6-قەۋىتىنىڭ دېرىزە سىرتىدا بىرەيلەن بەئەينى تامپاتمىچۇقىدەك تامغا چاپلىشىۋېلىپ بىر دېرىزىدىن يەنە بىر دېرىزە تەرەپكە سۈرۈلىۋاتاتتى. ھازىر كېچە سائەت 11دىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت بولغاچقا بۇ كىشى ھەرگىزمۇ تام تازىلايدىغانلار ئەمەس، بەلكى باشىقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىشكە تەمشىلىۋاتقان ئوغرى بولىشى مۇمكىن ئىدى.

    — مايك، بىز دەرھال قول سېلىشىمىز كېرەك!

    ياش ساقچى تومسون ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايۋاتاتتى. بۇ رايونغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بېرى ئۇ ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش پۇرسىتىنى كۈتۈۋاتقانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۇزۇندىن بېرى كۆيۈپ يۈرگەن قىز تايىسا ئۇنىڭغا: خىزمەت كۆرسەتسىڭىزلا سىزگە تېگىمەن، دېگەنىدى.

    — شۇنداق قىلىمىز، ئەمما ھازىر ئەمەس، — مايك ھامان ئۇنىڭ پىكرىگە قارشى تۇرۇۋاتاتتى.

    — ھازىر ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئەمەسمۇ، پەقەت بىز ئۇنىڭغا: قىمىرلىما! بىز ساقچى! دېسەكلا ئۇ ياۋاشلىق بىلەن قولىمىزغا چۈشەتتى. قارىڭە، ئۇ ئالدى-كەينىگە مېڭىشقا ئامالسىز تۇرۇۋاتىدۇ.

    تومسوننىڭ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ھەرگىزمۇ قولدىن بەرگۈسى يوق ئىدى.

    — دەل شۇنداق بولغاچقىلا بىز ھازىر قول سالساق بولمايدۇ.

    مايك مىت-مىت قىلىپ سىلجىۋاتقان قارا كۆلەڭگۈگە قاراپ قويدى-دە، تومسوننىڭ قاراملىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ  بىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

    مايكنىڭ سالماقلىقى تومسوننى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتاتتى: بۇ دەل خىزمەت كۆرسىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى تۇرسا، مايك مېنى بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتسۇن دەمدىكىنا؟ ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس دېگەن شۇدە!

    مايك تومسونغا تىكىلگىنىچە دېدى:

    — ئىنىم، بىلىشىڭكى كېرەككى بۇ بىنانىڭ دېرىزە سۇپىسىنىڭ كەڭلىكى ئاران 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەگەرچەندە سەن شۇنداق بىرنى ۋارقىرايدىغان بولساڭ، چۆچۈپ كەتكەن ئوغرى تېيىلىپ كېتىپ بىنادىن يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. تەڭرى ساقلىمىسا ئۆلىدۇ دېگەن گەپ.

    — باشلىق ئۇ ئوغرىلىق قىلىۋاتسا! ئەجىبا بىزنىڭ ئۇنى توسۇش مەجبۇرىيىتىمىز يوقما؟ ناۋادا يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ دېگەن بىر جىنايەتچى تۇرسا، ئۆزىنىڭ شورى ئەمەسمۇ!

    تومسون سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى.

    — ياق، — دېدى مايك كەسكىنلىك بىلەن — ئىش ئايدىڭ بولماستىن بۇرۇن ئۇنى جىنايەتچى دېيىشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇ ئوغرىلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ ھاياتىمۇ قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك. بەلكىم ئۇنىڭ جىنايىتى ئۇنىڭ ھاياتىنى بەدەل قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەندۇ. مۇبادا بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتسە، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغىنىمىز بولمامدۇ!

    — نېمە؟ بىر جىنايەتچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەكما؟ ئاھ تەڭرىم، مايك قىزىتپ قالمىغانسىز ھە؟

    مايكنىڭ سۆزى تومسوننى تېخىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرۇۋاتاتتى.

    — ئون نەچچە يىل ساقچىلىق قىلىپ، ھەر خىل قىيىن جەڭلەرنى بېشىڭىزدىن كەچۈرگەن، ھەر ئىشتا كەسكىن، باتۇر ساقچى تۇرۇقلۇق، بۈگۈن ئەجەپ ئەزمىلىك قىلىسىزغۇ؟

    — مەن يەنە ئەسكەرتىپ قوياي: ئۇ پەقەت بىر گۇماندار، جىنايەتچى ئەمەس!

    مايكنىڭ ئاچچىغى كەلگەندەك قىلاتتى.

    — ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ قېچىشىغا قاراپ تۇمىزما؟ — دەپ سورىدى تومسون.

    — ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلمايمىز. ئۇنىڭ ھازىرقى يۆتكىلىش سۈرئىتى بويىچە تەخمىنەن ئالتە مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن كىرمەكچى بولغان دېرىزىنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارالايدۇ. مەن ئالتىنچى قەۋەتتىكى بارلىق دېرىزىلەرنى ساناپ چىقتىم، ئۇ چوقۇم 608-ئۆينىڭ دېرىزىسى. بىزنىڭ ئۇ ئۆيگە يېتىپ بېرىشىمىزغا ئۈچ مىنۇت يېتىپ ئاشىدۇ. ساڭا يەنە تېخى ئىككى مىنۇتلۇق ھېكايىمۇ ئېيتىپ بېرەلەيدىكەنمەن، ئاندىن 608-ئۆيگە كىرىپ بىر مىنۇت مۆكۈپ تۇرىمىز، ئۇ دېرىزىنى چېقىپ كىرگەن پەيتتە بىزمۇ ئىشىكنى بۆسۈپلا كىرىمىزدە ئۇنى نەق قولغا چۈشۈرىمىز.

    مايكنىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىدى، ئۇ تومسوننىڭ ئاڭلاش ئاڭلىماسلىقى خىيالىغا كەلمىگەن ھالدا ئالدىرىماي ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە باشلىدى:

    — كىچىكىمدە بىز سەھرادا تۇراتتۇق، ئۆيىمىزگە يېقىن جايدا بىر مېۋىلىك باغ بولىدىغان، باغدا ھەر يوغان نەشپۈت دەرەخلىرى بارىدى. كۈز كېلىشى بىلەن نەشپۈتنىڭ خۇشپۇراقلىرى يىراق-يىراقلار تارايتتى، بۇ پۇراق بىلەن ئاكام ئىككىمىزنىڭ شۆلگەيلىرىمىز ئېقىشقا باشلايتتى. بىر قېتىم باغۋەن كرېتې تاغامنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاكام ئىككىمىز نەشپۈتكە بىر تويىۋالايلى دېگەن مەقسەتتە ئوغرىلىقچە باغقا كىردۇق. ئاكام ئېگىز نەشپۈت دەرىخىگە ياماشتى، مەن پەستە پوستتا تۇردۇم. كىم بىلسۇن مەن ئاكامغىلا قاراپ تۇرۇپتىمەن، كرېتې تاغام بىزگە تۇيدۇرماي غىمىسسىدە دەرەخنىڭ يېنىغا كەپتۇ، بۇ چاغدا ئاكام ئىنچىكىرەك بىر تال شاخقا دەسسەپ ئېگىزرەكتىكى يوغان بىر نەشپۈتكە قول ئۇزۇتىۋاتاتتى. مەن تېخى تۇيمىغان ئىدىم، تۇيۇقسىز گۈلدۈرمامىدەك بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم:

    — چۈشە، ھۇ ھارامتاماق شۈمتەك!

    بۇ تۇيۇقسىز گۈركىرەپ چىقققان سادادىن قورقۇپ ئاكام دەرەختىن يىقىلىپ چۈشتى، شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇ ئورنىدىن تۇرالماي، چاقلىق ئورۇندۇققا بەنت قىلىندى ...

    سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مايكنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.

    — ئەلۋەتتە، نەشپۈت ئوغرىلاش خاتا قىلمىش، ئەمما تېخى ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان بالا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بەك زور بەدەل بولۇپ كەتتى. ھەي، مېھرى-شەپقەتلىك كەڭ قورساق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىپ ئاندىن مۇلايىملىق بىلەن قارار چىقىرىشى ناتايىن، بولمىسا ئۇ تەڭرى بولۇپ قالمامدۇ.

    مايك گېپىنى تۈگىتىپ تومسوننىڭ ئىپادە بىلدۈرشىگە ساقلىماستىنلا فوسفورلۇق سائىتىگە بىر قارىۋەتتى-دە، بۇرۇلۇپلا ماڭدى. ئىككەيلەن تېزلىكتە بىناغا كىرىپ بىردەمدە 6-قەۋەتكە چىقتى.

    608-ئۆينىڭ مۇداپىئە ئىشىكى ھەقىقەتەن مۇستەھكەمدەك قىلاتتى، قانداق كىرىش كېرەك؟ تومسون شۈبھىلىك نەزەرى بىلەن مايكقا قارىدى. مايك تەمكىنلىك بىلەن يانچۇقىدىن بىر ئاچقۇچنى چىقىاردى، ئاچقۇچ تومسوننىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭشىيتتى، مايك پەس ئاۋازدا دېدى:

    — تۈنۈگۈن تۇتۇلغان ئوغرى ئېسڭدىمۇ؟ ئۇ بۇ ئەپلىك ئۇنىۋېرىسال ئاچقۇچنى ياساپتۇ، بۇ ئاچقۇچ نۇرغۇن سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن دېگىنە.

    ئۇ شۇنداق دەپ ئاچقۇچ بىلەن بۇ مەزمۇت پولات ئىشىكنى ئېچىۋەتتى، ئىنسانىي پۇراققا تولغان قەلب دەرۋزاسىمۇ تەڭلا ئېچىلدى.

    ئەسلىدە 608-ئۆيدە بىر تەنھا بىر بوۋاي ئولتۇرىدىكەن، بۇ كېچە ئۇنىڭ يۈرەك  كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئۇ تىرمىشىپ يۈرۈپ ئۇدۇل خوشنىسىنىڭ ئىشىكىگە ئۇلاغلىق قوڭغۇراقنى بېسىپتۇ، ئەمما ئىشىكنى ئېچىشقا پەقەت ماجالى يەتمەي، كارۋىتى يېنىغا يىقىلىپ قاپتۇ. ئۇدۇلدىكى ئۆيدە سىمون ئىسىملىك بىر يىگىت ئولتۇرۇىدىكەن، ئۇ ئەركىن ماقالە يازغۇچى بولۇپ كېچىسى يېزىقچىلىق قىلىدىكەن. يىگىت بوۋاينىڭ ياردەم سوراش قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىشىككە ئۆزىنى ئېتىپتۇ، ئەمما پولات ئىشىك مەھكەم ئېتىكلىك بولغاچقا بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرەلمەپتۇ. بىر ھازا ئىشىكنى چەكسىمۇ ئۆي ئىچىدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن يىگىت ئىشنىڭ چاتاقلقىنى سېزىپ، دەرھال ساقچى ۋە جىددى قۇتقۇزۇقا تېلېفون قىلىۋېتىپ خەتەرگە قارىماي دېرىزىدىن ئۆيگە كىرىشكە تۇتۇش قىپتۇ. ئۇ بوۋايغا دەرھال دورا يېگۈزۈش كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن. مايك بىلەن تومسون ئۆيگە بېسىپ كىرگەن چاغدا تېلېفوننى ئالغان ساقچىلار كەلدى دەپ ئويلاپ ئۇ ئىككىسىگە قاراپ دەرھال سۇ ئەكىلىشنى بۇيرۇدى.

    بوۋاي قۇتقۇزۇۋېلىندى. سىموننىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە تومسوننىمۇ قۇتقۇزۇۋېلىندى دېيىشكە بولاتتى. بوۋاينى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىرىپ دوختۇرخانىغا يولغا سالغاندىن كېيىن تومسۇن مايكنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ بىر نېمە دېمەكچى بولدى.

    — شۇك، ئۈنۈڭنى چىقارما، — دېدى مايك.

     

    «جۇڭگودىكى 2010-يىللىق تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر» ناملىق كىتابتىن


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: