• 2011-02-12

    تېپىۋېلىنغان پۇل - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104626785.html

    تېپىۋېلىنغان پۇل

    (ھېكايە)

    [رۇسىيە] ۋىكتور كۇكرۇشكىن

     

    ئادەتتە تاماقنى يەپ بولۇپ سىرتنى ئايلىنىمەن. بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە كىچىك يولنى بويلاپ نىشانسىز ھالدا كېتىۋاتتىم، تۇيۇقسىز ئالدىمدا بىر نەرسىگە كۆزۈم چۈشتى. قولۇمغا ئېلىپ قرىسام بىر قەغەز بولاق بولۇپ، ئىچىدىن 100مىڭ دوللار چىقتى. شۈبھىسىزكى بىرەرسى ئېھتىياتسىزلىق چۈشۈرۈپ قويغانىدى. كاللامدا: «دەرھال ئۆيگە قايت» دېگەن سادا ياڭرىدى، مېنىڭمۇ شۇ ھامان ئۆيگە قايتقۇم كەلدى، ئەمما ئىككى پۇتۇم گەپكە كىمىدى بولغاي، ساقچى ئىدارىسىغا كېپ قالدىم.

    — ماڭا ھېچقانداق رەھمەتنىڭ كېرىكى يوق، پەقەت بۇ پۇللارنى تىزىملاپ قوبۇل قىلساڭلارلا كۇپايە، — دېدىم بىر ساقچىغا.

    ئۇلار شۇ ھامان بۇ پۇللارنى تىزىملاپ قوبۇل قىلدى. شۇ چاغدا بىر ساقچى باشلىقى پەيدا بولدى-دە، ماڭا قاراپ مۇنداق دېىدى:

    — سىز بەك قالتىسكەنسىز! پۇل تېپىۋېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا كەپسىز. تورا قىلدىڭىز، ھىم ... سىز نورمالدۇرسىز ھە؟

    — مەن نورمالسىزلىق سەزمىدىمغۇ؟ — مەن ھەيران قالدىم.

    — ھىم ....، — ساقچى باشلىقى باش ئايىغىمغا قايتا-قايتا سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن سورىدى:

    — ئۇنداقتا بەشكە بەشنى كۆەيتسەك قانچە بولىدۇ؟

    — 25 بولىدىغۇ، — دېدىممەن شۇ ھامان.

    ئۇ مېنىڭ توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلىمىدى بولغاي، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. توساتتىنلا ئۇ ئالتە ئاتار تاپانچىسىنى چىقىىرپ ئالدىمدىكى ئۈستەلگە پاققىدە، قويۇپ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

    — بولدى قىلىڭ! ئەمدى گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەيلى، يەنىلا راست گەپ قىلىڭ. سىز نورمال ئادەم، ئەمما نورمال ئادەم بىكاردىن بىكار ساقچى ئىدارىسىغا پۇل ئەكىلىپ بەرمەيدۇ. سىز كەلگەنىكەنسىز بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئىش مۇنداق، قولىمىزدا ئۇزۇنغىچە پاش بولمايۋاتقان دىلولار بار. سىز پەقەت ئىككى ئادەمنى ئۆلاتۈرگەنلىكىڭىزنى، بىر ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىڭىزنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى ئوغرىلىغانلىقىڭىزنى ئىقرار قىلسىڭىزلا، بۇ 100 مىڭ دوللارنىڭ ئىشىنى ھېچكىمگە تىنمايمىز.

    مەن ئاچچىغىمدا، جىددىلەشكىنىمچە ئۆزۈمنى ئاقلاشقا كىرىشتىم:

    — سىلەر بىكاردىن بىكار ئادەمگە ئۇۋال قىلساڭلار قانداق بولىدۇ؟! مەن ئاپتوموبىل ھەيدىيەلمەيمەن، باسقۇنچىلىق قىلىشقا قولۇم بارمايدۇ، مېنى ئادەم ئۆلتۈردى دېسەڭلار ھېچكىممۇ ئىشەنمەيدۇ.

    ساقچى باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇ فورمىلىرىنى تۈزەشتۈرۈۋېتىپ، ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن دېدى:

    — مەن ئىشنىمەن!

    ئارقىدىنلا ئۇ خاتىرلىگۈچىنى چاقىردى. بىر خاتىرلىگۈچى قولىدا قەغەز قەلەمنى ئېلىپ كىرىپ ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ خاتىرە قالدۇرۇشقا كىرىشتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «جىنايەت»لەردىن باشقا ماڭا يەنە ئىككى قېتىم زەھەر ساتقانلىق، بىر قېتىم بۇلاڭچىلىق ۋە بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى يۈكلەندى.

    مەن «جىنايتى چېكىدىن ئاشقان» لىقمىم ئۈچۈن قارىغاندا بۇ يەردىن قۇتۇلالمايدىغاندەك ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن جىددىيلىك ئىچىدە بىر ئەقىل كەلدى، ئۇلارغا قاراپ ئۈنلۈك قىلىپ :

    — بايا مەن سىلەرگە چاقچاق قىلىپ قويغانتىم، مەن باج ئىدارىسىدىن كەلدىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئاۋۇ 100مىڭ دوللار قەيەردىن كەلدى؟ — دېدىم.

    ئويلىمىغان يەردىن ساقچى باشلىقى قورقۇپ ئالاقىزادە بوپ كەتتى، ئۇ جىددىيلىشىپ:

    — بۇ پۇلنى سىز ئەكەلگەنغۇ؟ — دېدى.

    — مەن قاچان بۇيەرگە پۇل ئەكەپتىمەن؟

    — بايا ئەكەلمىدىڭىزمۇ؟ بىز تىزىملىدۇققۇ؟

    — جۆيلۈمەڭ! مەن يا ساراڭ بولمىسام، نېمىشقا سىلەرگە پۇل ئەكەلگۈدەكمەن؟!

    تەلەپپۇزۇمنى بارغانسېرى كۈچەيتتىم.

    شۇنىڭ بىلەن ساقچى باشلىقى ئامالسىزلىقتىن يالۋۇرۇشقا باشلىدى:

    — كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ھامان ئاز-تولا ئىشەنچ بولۇشى كېرەكقۇ؟

    — نېمە دېدىڭىز؟ سىزمۇ ئىشەنچتىن ئېغىز ئېچىۋاتامسىز ؟!

    مەن شۇنداق دېدىم-دە، بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتىم.

     

     

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 23-سانىدن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ishench digen bek muhim jumu.....
  • بازارغا مال سېتىۋالغىلى قىغغان ۋاقتىمدا ئشەنچنىڭ بارغانسىرى كەملەپ قىلىۋاتقانلىقنى ھىس قىلىۋاتىمەن ...
    ھەي جۇڭگوچىلىق ....