• 2011-01-24

    قورقۇنچلۇق نەتىجە قاتارلىق - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/101693719.html

    يۈز خەتلىك فېليەتونلار

    قورقۇنچلۇق نەتىجە

    شيې شيەنبىن

    بىر كۈنى ئالىملار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھېسابلىيالايدىغان كومپىيۇتېرنى كەشپ قىپتۇ. ئۇلار كومپىيۇتېرنىڭ «بېرىلدى» سىگە مۇنۇلارنى كىرگۈزۈپتۇ:

    پۇل< ئەخلاق

    ھوقۇق< قانۇن

    تەلەپ: پۇل + ھوقۇق  نېمىگە تەڭ؟

    كومپىيۇتېر بىر ھازا ھېسابلىغاندىن كېيىن مۇنداق نەتىجە چىقىرىپتۇ: پۇل + ھوقۇق = ھەممىگە.

    ئۇستاز ۋە ئاسپرانت

    خەن بۇپىڭ

    ئاسپىرانتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا ئۇستازى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن تاماققا تەكلىپ قىپتۇ.

    داستىخاندا ئۇستاز ناھايىتى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەپتۇ:

    − ئۈچ يىلنى سىلەر بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن تولىمۇ خشالمەن. ئەمدى ھەممىڭلار ئىسمىڭلارنى دەڭلار ، بىز تونۇشۇۋالايلى.

    ئۆكتەبىر بايرىمى قانداق كۈن؟

    چۇ گې

    ھازىرقى ئۆكتەبىر بايرىمى، ئۇزۇن دەمئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان «ئالتۇن ھەپتە»، سودا سارايلىرى مال باھاسىنى بولىشىغا چۈشۈرۈپ ئەرزان باھادا ساتىدىغان، ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە بارىدىغان، رېستۇرانلاردا يەپ-ئىچىش راسا قىزىيدىغان، تېلېۋىزورلاردا چولپانلار ككزنى قاماشتۇرىدىغان ..... كۈن. كىممۇ ئۆكتەبىر بايرىمىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئىكەنلىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دۆلەتكە خوجا بولغان كۈن ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ، دەيسىز.

    تەقدىر سېمپونىيىسى

    داڭ جۇڭجۈن

    ئاق مۈشۈك دوختۇرغا نىسبەتەن بىر نوپۇزلۇق ئەربابنى داۋالاپ ساقايتىش، نوپۇزغا باراۋەر، بىر ئادەتتىكى بىمارنى داۋالاپ ساقايتىش، يەنىلا بىر دوختۇرغا باراۋەردۇر.

    قارا مۈشۈك ساقچى باشلىقىغا نىسبەتەن بىر ەھبەرنى قۇتقۇزۇۋېلىش، ھۆكۈمەت قەھرىمانى بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئاددىي پۇقرانى قۇتقۇزۇۋېلىش بولسا ئكزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

    مانا بۇ سېرىق مۈشۈك شەھەر باشلىقىنىڭ ئەمەل تۇتۇش يولىدىن ئىبارەت.

    قورقۇنچلۇق ياكى ئەمەسمۇ؟

    ليۇ رېندې

    چىرىكلىشىش قورقۇنچلۇق ئەمەس. چىرىكلىشىشنىڭ بارغانسېرى ئەدەپ كېتىشىمۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس، چۈنكى چىرىكلىكنى جازالاش سالمىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمما ھەممە كىشىنىڭ چىرىكلىشىشنى ئارزۇ قىلىشى ھەممىدىن قورقۇنچلۇقتۇر.

    راست گەپنى دېمەسلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس، يالغان گەپنى  راست قىلىشمۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەمما بىزنىڭ يالغاننى راستقا ئايلاندۇرۇشقا كۆنۈپكەتكەن مۇھىتتا راست گەپنى ئاڭلىغىنىمىزدا غەلىتىلىك ھېس قىلىمىز مانا بۇ ھەقىقىي قورقۇنچلۇق ئىشتۇر.

    چۈمۈلىنىڭ ئەلىمى

    ۋاڭ پېيجۈن

    ھەسەن-ھۈسەندەك چىرايلىق ئەگمە كۆۋرۈك پۈتۈپتۇ، ئىككى تەرىپىگە: ئېغىرلىق كۆتۈرۈشچانلىق: بەش توننا دەپ يېزىلىپتۇ.

    بىر چۆمۈلە كۆۋرۈكنىڭ گۈزەللىكىگە ھەۋەسلىنىپ كۆۋرۈكتە ئالچاڭشىپ مېڭىپ كېتىپتۇ.

    تۇيۇقسىز كۆۋرۈك يېرىلىپ كېتىپ چۆمۈلە دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. چۆمۈلە ئاران دېگەندە قىرغاققا چىقىپتۇدە، قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:

    − بىر قازادىن قۇتۇلۇپ قالدىڭ، خۇش بولۇشۇڭ كېرەك، − دېيىشىپتۇ.

    ئۇ چۆمۈلە مۇنداق دەپتۇ:

    − ياشاپ مۇشۇ كەمگىچە بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ بەش توننىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي يۈرۈشۈپ ھەقىقەتەن ئەلەملىك ئىش بولدى.

    ھەر يىلدىكى مۇشۇ كۈنلەردە

    كې رۇنئەن

    بىرىنچى مايدا: بارلىق ئەمگەكچىلەر پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە، چۈشىنىشىگە سازاۋەر بولىدۇ.

    سېستىرالار بايرىمىدا: بارلىق سىستېرالار ئاق خالاتلىق پەرىشتە، بىمارلارنىڭ دوستىغا بولىدۇ.

    ئوقۇتقۇچىلا ربايرىمىدا: بارلىق ئوقۇتقۇچىلار جاپاكەش باغۋەن، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى بولىدۇ.

    ئۆكتەبىر بايرىمى: پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇق ۋەتىنىمىزنىڭ شان-شەرىپىدىن، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ.

    چاغاندا: بارلىق «چاكار»لارنىڭ ھەممىسى خەلقپەرۋەر، كەمبەغەللەرنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ياخشى ئەمەلدار بولىدۇ.

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلى 2009-يىلى 1-سانى(ئالدىنقى ئون كۈنلۈك)دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    历史上的今天:

    32-ئىيۇل 2011-01-24

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • بەزىسىنى ئوقۇپ راسا كۈلىۋالدىم. بەزىلىرى مىنى ئويغا سغپ قويدى .
    ھارمەغاسىز تەرجىمان ئەپەندىم.
    ئارغۇ回复Texna~i!说:
    سىزنىڭ باھايىڭىز مەن ئۈچۈن مەدەت، پات-پات كىرىپ تۇرۇنە.
    2011-01-29 00:42:28
  • فىيەتون بىز ئادەتتە دېتەلمەيدىغان گەپلەرنى دەپ بېرىدۇ ، دەردىمىزنى فىليەتۇنغا يۆلەپ دەۋالىمىز ،
    ئارغۇ回复radiofan说:
    سىزنىڭ تەرجىمە فېليەتونلىرىمغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا رەھمەت، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    2011-01-26 21:37:26