• 2011-02-26

    كىملىك-6 - [پوۋېست]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106915694.html

    كىملىك

    (پوۋېست)

    [ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس

    (6)

     

     

    بۇ ئىشلارنىڭ قاچانلاردا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇ ئېسىگە ئېلىپ بولالمايتتى، گويا نۇرغۇن قېتىم يۈز بەرگەندەك، نۇرغۇن دادىسى باردەك تۇيۇلىدۇ، ئۇ ھەممە دادىسىنى «كۆرگەن» ئەمەستە.

    بىر قېتىم دادىسى ئانىسىنى ئېلىپ فورد لاۋدېردالېغا بارغاندا لىسېتتېنىمۇ ئېلىپ بارغۇسى بار ئىدى، ئەمما ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بارالمىغان ئىدى. شۇڭا ئانىسىنىڭ مىستى دېگەن دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار ئەسلى فىلورىدادا ئون كۈن تۇرماقچى بولۇشقان، نەتىجىدە ئانىسى ھەپتىدىلا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەممە ئىش ئاياغلىشىپتۇ، ئۈزۈل-كېسىل تۈگەپتۇ، دادىسى مەسلىكتە ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ ، ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالماي ئامالسىز ساقچىقغا مەلۇم قىلىپتۇ. دادسىنىڭ ئاچچقى كەلسە مېھمانخانىلارنىڭ ئۈستەللىرىنى ئۇرۇپ چاقىدىكەن، يۋېتتې بۇ ئىشلاردىن جاق تويغان ئىدى.

    كېيىن ئۇ قىمارخانىدا بىر مۇنچە ئەرلەر بىلەن دوست بولدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى لىسېتتې كۆرمىگەن ئىدى، كۆرگىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مونموس ناھىيىسىدە يەر-مۈلۈك سودىسى قىلىدىغان بىرى بار ئىدى، لىسېتتې ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېسىدە تۇتۇۋالغان، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇپتۇنمۇ ئېئارپ ۋىللمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر نېمە ئىدى.

    ھىندىستانلىق دوختۇر ياش يىگىت ئىدى. تۇتۇق قارا كۆزىگە سېرىق جاھازلىق كۆزئەينەك تاقىۋالغان، ئۇنىڭ چېچى قارا، ئەمما يىرىك، JC نىڭ چېچىدەك يۇمشاق ئەمەس ئىدى.

    ئۇ ئىككى ساقچى ۋە لىسېتتېنى باشلاپ سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە كىردى، مولىنا لىسېتتېنىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇتۇپ دېدى:

    — بىز ئامال بار ورھىي ئازابىڭىزنى يەڭگىللىتىمىز، ھېلى سىز پەقەت قولۇمنى چىڭ سىقسىڭىزلا «شۇكەن» دەپ بىلىمەن.

    شۇكەن، نېمە «شۇكەن»؟ ئۈمىدسىزلەنگەن لىسېتتې تېخىچە مەكتەپ ئاشخانىسىنى خىيال قىلىۋاتاتتى، كېلىشكەن يىگىتلەر بۇلۇڭدىكى ئۇزۇن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا JC ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ بار، بەزىدە ئۇلار بىر نەچچە قىزنى بىللە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشىدۇ. بەلكىم بۈگۈن JC لىسېتتېنى يېنىغا چاقىرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، «لزاتتې! ھەي لىزاتتې!» دەپ چاقىرىشى، ئۇ ئەۋەتكەن سۆسۈنرەڭ لەۋ ئىزىنى ۋە ئۇنىڭ مەنسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.

    — ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ لىسېتتې، يېنىڭزدا مەن بار.

    شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى.

    لىسېتتې ئۇلار تونۇتماقچى بولغان جەسەتنى ئەسلا تونۇمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانىسى بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    جەسەتنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى يۋېتتېنىڭكىدىن توقراق، چېچىنىڭ تۈۋى قوڭۇررەڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاچ ئۆڭۈكلىكىدىن يالغان چاچقىلا ئوخشايتتى. پىشاينىسى ئىششىپ يوغىناپ كەتكەن، كۆزىنى ئەسلا كۆرگىلى بولمايتتى، ئاغزىمۇ ھېچنېمىگە ئوخشىماي قالغان. چىرايدىن ئادەملىكىنى پەرق ئەتمەك قىيىن ئىدى. قارىغاندا ئۇنىڭ يۈزىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغۇدەك.

    — ياق، بۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس.

    لىسېتتې كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب قىلدى. مولىنا تېخىچە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتى، لىسېتتې قولىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتاتتى.

    بۇ جەسەتخانا، كۆز ئالدىدا بىر جەسەت.

    جەسەت ئايالغا ئوخشىمايتتى، ئۇنى پەقەت بىر «نەرسە» دېيىشكىلا بولاتتى. ئۇنىڭ بۇرۇن بىر ئايال ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىش قىيىن ئىدى.

    لىسېتتې جەسەتنىڭ بېشى بىلەن يۈزىگە قارىدى، باشقا يېرىگە ئاق رەخت يېپىلغانىدى، شۇنداق بولسىمۇ جەسەتنىڭ بەدەن شەكلى ۋە چوڭ كىچىكلىكىنى بىلگىلى بولاتتى، مۇقەررەركى بۇ لىسېتتېنىڭ ئانىسى ئەمەس ئىدى. ئۆلگۈچىنىڭ يېشى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭكىدىن چوڭ، گەۋدىسى كىچىكرەك بىلىندى. ھەقىقەتەن پاجىئەگە يولۇققان بىچارە ئايال ئىكەن، قارىماققا دېڭىز سۈيى قىرغاققا لەيلىتىپ ئەپ چىقىپ قويغان جەسەتكە ئوخشايتتى.

    بەختكە يارىشا كۆكسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى ئاق رەخت بىلەن يېپىپ قويۇلۇپتۇ. كۆكسى، قورسىقى، ئەۋرەت تۈكى يەنە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ يوغىناپ كەتكەن يوتىسى .... دېگەندەكلەرنى ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ. ئەرلەر كۆرۈپ قالسا شۇ زامان مەسخىرە قىلىشىدۇ. چىرايى ئادەتتىكىچە، كۆكسى تۈز بولغان ياكى سېمىز ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزەرىدىن تېزلىكتە غايىپ بولۇشقا تىرىشىدۇ.

    — بۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس، بۇ جەسەتنى تونۇمايمەن.

    مولىنا لىسېتتېنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەكرەك قاراپ قارار قىلىۋېتىشىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، پەقەت بۇ جەسەتنى تونۇغاندىلا ئاندىن قەبىھ جىنايەتچىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    لىسېتتې مولىنانى ئىتتىرىۋەتتىدە:

    — مەن دېدىمغۇ، بۇ مېنىڭ ئانام ئەمەس! ئەمەس!

    ئىللىق ئەمما قىرتاق بىر نەرسە لىسېتتېنىڭ ئاغزىغا كۈۋەجەپ چىقتى، ئۇ يۇتىۋەتتى، يەنە چىققانىدى، يەنە يۇيۇتۋەتتى. ئۇنىڭ چىشلىرى گويا قۇتا ئىچىدىكى چايقىلىۋاتقان شىشىخالدەك توختىماي كاسىلدايتتى. ئۇ بۇ بەدبۇي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەمچى بولدى. ئۆي توڭلاتقۇدەك سوغۇق بولۇپ، ئادەمنى قەي قىلدۇرغىدەك پۇراققا تولغان، تالك پاراشۇكى بىلەن تەرنىڭ ئارىلاشمىسىدەك بەدبۇي ئىدى. مولىنا لىسېتتېنى يەنە تۇتۇۋالدى.

    ئۇلار بىر قۇتىنىڭ ئىچىدىن كىيىملەرنى ئېلىپ لىسېتتېغا كۆرسەتتى. نىجاسەت ۋە قانغا بويالغان كىيىم دەسمالغا ئوخشاپ قالغانىدى. يەنە بىر چاپان بولۇپ، ئۇ لىسېتتېنىڭ ئانىسىنىڭ قىزىل تىۋىتلىق چاپىنىغا بەك ئوخشايدىكەن، ئەمما يىرتىۋېتىلگەن، ھەم بەك مەينەت ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئانىسى بۇلتۇر سودا سارىيىدىن باھاسىنى چۈشۈرگەندە سېتىۋالغان پۇزۇر چاپان ئەمەس ئىدى.

    لىسېتتې بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەسلا كۆرۈپ باقىمغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ھاسىرىشى غەلىتە بولۇپ، زىققا كېسىلى بار دوستى كېيشاغا ئوخشاپ قالدى. مولىنا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى، ئەمما ھەممىسى بىكارغا كەتتى، ئۇ تېخى لىسېتتېنى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ھېچقىسى يوق دەيدۇ، ئەگەر بۇ جەسەت ئانام ئەمەس دېسىڭىزمۇ مەيلى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تونۇشقا بىزنىڭ يەنە باشقا ئامالىمىز بار، دېيىشىچۇ تېخى.

    زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بۇ بىر يېڭى ئىسىم. خۇددى جەسەت، ئەۋرەز ئازگىلى دېگەنگە ئوخشاشلا.

    مولىنا لىسېتتېنى قول يۇيۇش ئۆيىگە ئەكىردى، لىسېتتېنىڭ ھاجەتخانىغا كىرگۈسى كەلگەنىدى، ھازىرلا. لىسېتتېنىڭ بەدىنى ئوت كەتكەندەك بولۇپ قۇسقىسى كەلدى. ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە سۇ كۆلچىكىگە قەي قىلدى، ئەمما ھېچنېمە يانمىدى. ئۇ قولىنى يېنىشلاپ نەچچە قېتىم يۇيدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەينەككە قارىدى، كۆز ئالدىدا توق سۆسۈن رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىغان، لەۋلىرى قاراقىزىل بويالغان بىر قىزچاق نامايەن بولدى. ئەگەر سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇنىڭ سول كۆزىدىكى يارا ئىزى ئېنىق كۆرۈنمەيتتى، لىسېتتېمۇ سەپ سېلىپ قارىمىدى. ئەينى چاغدا ئانىسى بىر قېتىملا ئوپېراتسىيە قىلدۇرساق بولىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى، نەتىجىدە يەنە ئۈچ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى.

    — ھېچقىسى يوق، بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بوپكېتىسىز، — دېگەن ئىدى ئانىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.

    ئىككى ساقچى ئۇنى ئائىلە مۇلازىمەت پونكىتىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇشتى، ئەمما لىسېتتېنىڭ مەكتەپكە قايتقۇسى بولغاچ، مەكتەپكە قايتىش ھوقۇقۇم بار دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنداق دەپلا ئۇ يىغلاپ كەتتى، ئۇ قاتتىق غەزەبلەنگەن ۋە تاقەتسىزلەنگەندەك قىلاتتى، شۇڭا قايتا-قايتا مەكتەپكە قايتىمەن، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار ئىلاجىسىز:

    — ماقۇل، گېپىڭىزنى ئاڭلايمىز لىسېتتې، — دېيىشتى-دە، ماشىنا بىلەن ئۇنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويدى. بۇ چاغدا چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىقىدىغان قوڭغۇراق ئەمدىلا چېلىنغان بولغاچقا ئۇ ئۇدۇل ئاشخانىغا كىردى. ئۇ ئۆچىرەتتىمۇ تۇرمىدى، تەخسىمۇ ئالمىدى، چاپىنىنىمۇ سالمايلا ئۇدۇل كىرىپ كەتتى، ئۇ دوستلىرىنىڭ يېقىندىلا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ يەردە كېيشامۇ بار ئىدى، قارىماققا ئۇ خېلى ئەنسىرىگەندەك قىلاتتى، شۇڭا ئۈنلۈك توۋلىدى:

    — لىسېتتې، ھەي قىزچاق، نېمە بولدى؟ سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟

    لىسېتتې ۋاراڭ چۇرۇڭغا تولغان ئادەملەر توپىغا قاراپ كۈلدى:

    — ئەلۋەتتە ھېچ ئىش بولمىدى، مەندە نېمە ئىش بولاتتى؟


    تۈگىدى

     

    «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: