-
2011-02-23
كىملىك-4 - [پوۋېست]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/106515341.html
كىملىك
(پوۋېست)
[ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس
(4)
يۋېتتې مۇلۋېي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانمىدۇ؟
لىسېتتې مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە پەقەت ئوكيان ناھىيىسىنىڭ ئائىلە ئىشلار سوتىغىلا بېرىپ باققانىدى. سوتتا لىسېتتېنى بېقىش ھوقۇقى سودىيە تەرىپىدىن يۋېتتې مۇلۋېيگە بۇيرۇپ بېرىلدى، ھەمدە دۇئان مۇلۋېيگە قىزىنى يوقلاش ھوقۇقى بېرىلدى. مۇبادا يۋېتتېدىن چاتاق چىقسا لىسېتتې دارىلئېتامغا ئاپىرىپ قويۇلاتتى. لىسېتتې دادىسى بىلەن تۇرمايتتى، چۈنكى دادىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىدە سېرژانت بولۇپ، يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئىراققا كەتكەن بولىشى مۇمكىن، شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ ئۇنىڭ ئىراققا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشى بولاتتى. بۇيرۇققا بىنائەن(Deployed) دېگەن بۇ سۆز غەلىتە بولۇپ، ئوقۇلۇشىمۇ غەلىتە ئىدى.De_ployed.
دادىسىنىڭ لىسېتتېنى قەستەن زەخمىلەندۈرگۈسى يوق بولۇپ بۇ تەرىپى لېسېتتېغىمۇ ئايان ئىدى. ھەتتا لېسېتتېنىڭ ئانىسىمۇ بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلەتتى، شۇڭا ئەينى چاغدا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان. شۇ چاغدا لىسېتتېنىڭ يۈزىنىڭ ھەممە يېرى قاناپ جاراھەتلىنىپ، قاڭشىرى ۋە كۆز چانىقى سۆڭىكى سۇنغان، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى يۋېېتتېدىن بۇ نېمە سەۋەبتىن بولغان جاراھەت دەپ سورىغاندا، بۇ بىر تەساددىپىيلىق، پەلەمپەيدىن چۈشكىچە يىقىلىپ كەتتى، دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
ئىش ئەسلى مۇنداق بولغان، لىسېتتې يۈگۈرگەن ھەمدە پەلەمپەيدىنمۇ يىقىلغان. دادىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىغان، مۇشتۇملىرىنى شىلتىغان، ئۇنىڭ راستىنلا غەزىپى تۇتقانىدى، ئەمما ئۇنى قەستەن ئۇرغۇسى يوق ئىدى. ئەمما دادىسىنىڭ ئىشتىن كېيىن دېگەنلىرىنى لىسېتتېنىڭ راستىنلا ئاڭلىغۇسى بار گەپلەر ئىدى، شۇڭا ئۇ راسا يىغلىدى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇسى بار ئەمەسمىدى.
— ھە دادىڭىز بىلەنچۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەن؟
ئەر ساقچى ساقچى ماشىنىنى ھەيدىدى، مولىنا يېنىدا ئولتۇردى، ئۇ بۇرۇلۇپ لىسېتتېغا قاراپ تۇرۇپ بۇ گەپنى سورىدى. مولىنانىڭ گىلاسرەڭ لەۋلىرى گويا بوران چاپقۇننى بېشىدن كەچۈرگەن ئېلان تاختىسىدىكى يارقىن نۇقتىدەك شۇنچە جۇلالىق كۆرۈنەتتى. قارا چاچلىرى گويا دېڭىز يىلپىزىنىڭ تېرىسىدەك يالتىرايتتى. كۆزلىرى گويا باشقىلار بىلمەيدىغان سىرلارنى بىلىدىغاندەك مەنە بېرىپ غەلىتە نۇر چاچاتتى. ئۇ پەرۋا قىلماسلىقتىن ئەمەس بەلكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھېسداشلىققا تولغان چىرايدا لىسېتتېغا قاراتتى، لىسېتتې بۇنداق چىراينى دائىم كۆرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئانىسىدن چوڭ ئاياللاردا دائىم مۇشۇنداق چىراي بولاتتى.
لىسېتتې بۇنداق چىراينى ياقتۇرمايتتى. ئۇ نورۋىچ خانىمنىڭ چىرايىدىمۇ مۇشۇنداق قىياپەتنى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭدىن كۆرە نەپرەتلىك، غەمكىن چىراينى كۆرۈشكە رازى ئىدى.
مولىنا دوختۇرخانىغا بېرىپ كىملىك دەلىللەش ئىشىنى لىسېتتېغا ئىككى-ئۈچ قېتىم چۈشەندۈردى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزنى ئېيتىش ئۇسۇلى ئادەمنى قايمۇقتۇراتتى.
كىم ..... لىك. كىم ..... لىك.
— ئۇ يەردە قانچىلىك تۇرغىڭىز كەلسە تۇرۇۋېرىڭ، تۇرغىڭىز كەلمىسە دەرھال قايتىپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق.
مولىنا لىسېتتېغا تەسەللى بەرمەكچى ئىدى، ئەمما بۇنىڭ قىلچە پايدىسى بولمىدى. مەيلى ئۇ نېمە دېسۇن، گېپىنىڭ تېگىدىكى مەقسەتنى لىسېتتې پەقەتلا چۈشەنمىدى. بەزى چاغلاردا چوڭلار لىسېتتېدىن ھاڭۋاقتىدەك كۈلۈۋېرىدۇ، دەپ بىزار بولۇشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ سول كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىسى ۋە كۆز ئۇۋىسى زەخمىلىنىپ، داۋالاشتىن قېپ قالغان يارا ئىزنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىدىكى قىسمەن قاتمال ئىپادىمۇ نېكرۇزلانغان نېرب ۋە مۇسكۇللارنىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى.
— تازىمۇ بىر غەلىتە ھادىسە بولدىغۇ، سېنى پەلەمپەيدە يۈگۈرۈپ ئوينىما دەپ نەچچە رەت ئېيتتىم، بۇ سىزگىمۇ ئايان، بالا ئەمەسمۇ، — دېگەن ئىدى ئانىسى. گەرچە ئۇ بۇنىڭ جاۋابىنى بىلسىمۇ يەنىلا يالۋۇرغان تەلەپپۇزدا دوختۇردىن:
— ساقايتقىلى بولارمۇ؟ ئاۋۇ زەخمەتكە ئۇچرىغان نېربلارنى دەيمەن.
نېربلار زەخمەتكىلا ئۇچرىماستىن بەلكى ئۆلگەن ئىدى.
دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇلار ماشىنىنى بىنانىڭ كەينىگە توختاتتى، مولىنا ئەر ساقچى بىلەن پىچىرلىشىپ بىرنېمە دېيشتى، لىسېتتې ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكىنىنى ئاڭلىيالمىدى، ئاڭلىغۇسىمۇ يوق ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىسپانىيەلىكنىڭ ئەۋلادى بولغان ساقچى مولىنانىڭ ئۆزى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە رازى ئىدى، ھەم ئىشنىشكە بولاتتى. بۇ ساقچى ئايالدا لىسېتتېنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئانىلىرىغا ئوخشاش مۇلايىم، يېقىملىق مىجەزى بار ئىدى. سىرتقى قىياپىتىگە قارىغان مولىنا ھەقىقەتەن مۇلايىم ھەم يېقىملىق، ھەتتا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەتتا نەۋرىلىرى بىلەن بىللە بولغاندىكى ھالىتى كۆز ئالدىغا كەلدى. بىراق، ئۇ ھازىر دېگەن بىر ساقچى، تېخى يېنىدا تاپانچىسىمۇ بار، شۇڭا بارلىق ئىشلار بىراز غەلىتىلىشىپ كەتكەن ئىدى.
لىسېتتېنىڭ ئانىسى بىر مۇنچە ساقچىنى تونۇيتتى، ئۇ تېخى ساقچى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ساقچىلارنىڭ تۇرمۇشى بەك زېرىكىشلىك بولىدۇ، بەزىدە تەساددىپىي بىر نەچچە قېتىملىق ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىشى، شۇنداق چاغدا ھەتتا بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئوق تېگىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما باشقا چاغلاردا بولسا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى زېرىكىشلىك ئۆتىدۇ. بۇ خۇددى 21 نۇقتا قارتا تارقاتقۇچىغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بىمەنە ھاماقەتلەرنىڭ ئۆزىنى پۇل ئۇتالايمەن دېگىنىگە ئوخشاش، قىمارخانىنىڭ پۇلىنى مەڭگۈ ئۇتقىلى بولمايدۇ.
ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە لىفىت ساقلىدى، كىشىلەر گويا رەسىمدىكى غۇۋالاشتۇرۇۋەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتەك ئۇلارنىڭ يېنىدىن جىمغىنە ئۆتۈشمەكتە. مولىنا لىسېتتېنىڭ بىلىكىنى يەنە چىڭ تۇتتى، قارىغاندا لىسېتتېنىڭ گېپى ناھايىتى مۇھىمدەك قىلاتتى، چوقۇم زەن قويۇپ ئاڭلاش كېرەككەن. مولىنا لىسېتتېنى قېچىپ كېتىدۇ، دەپ قالمىغاندۇ؟ ئەر ساقچى بىر نەچچە قەدەم نېرىدا قوشۇمىسىنى تۈرگەن پېتى تۇراتتى.
مولىنا سورىغان سوئاللارنىڭ ھەممىسى لىسېتتېغا قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك تۇيۇلغانىدى، ئەمما ئۇ ئەمدى ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى سېزىشكە باشلىدى. مولىنا ئۇنىڭدىن مىلادبايرىمى توغرىسىدا سورىدى، مىلاد بايرىمى ئىككى-ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى ئىش ئىدى، ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ يېڭى يىلدا نېمە ئىش قىلغانلىقى، ئالاھىدە ئىش بولغانمۇ يوق دېگەنلەرنى سورىدى.
لىسېتتې كۈچىنىڭ بارىچە ئەسلەۋاتاتتى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ بىلەن ئانىسى ئەزەلدىن «بايرام» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتى.
— سىرتقا چىقىپ بەزىلەر بىلەن كۆرۈشتۇق، ئالاھىدە ئىش بولمىدى.
— دادىڭىز بىلەن كۆرۈشمىدىڭلار؟
— كۆرۈشمىدۇق.
— دادىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەنتىڭىز؟
لىسېتتې يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى: دادىسى لىسېتتې يۈز-كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىلا كەنتكەنىدى. ئۇ يازلىق تەتىل بولۇپ، ئالاھەزەل 7-ئاينىڭ 4-كۈنىغۇ دەيمەن.
— ئۇنىڭدىن كېيىن دادىڭىزنى كۆرمىدىڭىز؟
لىسېتتې كۆزىنى ئۇۋۇلىدى، تۇيۇقسىز بۇنداق دئالوگ كۆرۈنۈشىنىڭ ساقچىلارنىڭ ۋەقەلىكى تەسۋىرلىنىدىغان فىلىملەردە كۆپ چىقىدىغانلىقى ئېسىگە كەلدى.
— يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى ئاخشاىمى ئانىڭىز سىرتقا چىقتىمۇ؟
شۇنداق، ئانىسى دائىم يېڭى يىلنىڭ ھارپىسىدا سىرتقا چاپاتتى.
— ئۇنىڭ كىملەر بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
— بىلمەيمەن.
— بىرەرسى ئۆيۈڭلەرگە ئۇنى ئالغىلى كەلمەمتى؟
لىسېتتې داۋاملىق ئويغا پاتتى. ئۆيگە مەيلى كىم كەلسۇن، لىسېتتې مۆكۈۋالاتتى. ئانىسىنىڭ دوستلىرى كەلسىمۇ شۇنداق قىلاتتى، نېمىشقا شۇنداق قىلىدغان بولغىيتتى؟ ئۇ پەقەت سەۋبسىز مۆۈۋېلىشنىلا خالايتتى.
— لىسېتتې چوڭلا بوپ كېتىپتۇ ھە!
— لىسېتتې ئانىسىدنمۇ ئېگىز بوپ كېتىپتۇ ھە؟
ئۇلار لىفىتقا چۈشۈپ ئاستىنقى قەۋەتكە- «جەسەتخانا» دەپ يېزىلغان قەۋەتكە چۈشتى.
بۇ يەر دوختۇرخانىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايتتى، ھاۋاسى ئادەمنى شۈركەندۈرگىدەك سوغۇق، ھەممە يەرنى خىمىيىۋى دورىنىڭ پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى. تېخى ئادەم كەلمىگەچكە، دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. ئالدى ئوچۇق يۇڭ پوپايكا، ئاق ئىشتان، ئاق خالات كىيگەن بىر ئايال ياردەمچىنىڭ ھازىرلا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇلار بىر چەتتىكى ئورۇندۇققا كېلىپ لىسېتتېنى ئارىغا ئېلىپ ئولتۇرۇشتى.لىسېتتې تىزىنىڭ قولىشىپ بوشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇ قولغان ئىلىندى، توختىتىلدى، پەقەت جىنايىتىنى پاش بولۇشلا قالدى بولغاي. لىسېتتېدىن يەنە بەزى مەسىلىلەر سورالدى. مولىنا ئۇنىڭدىن ئاتلانتا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپتوموبىل مېھمانسارىيى توغرىسىدىكى ئىشلارنى سورىدى، ئۇ يەردە يەنە كۆك ئاي دەيدىغان بىر مېھمان سارىيى بار ئىدى. لىسېتتېدىن كۆك ئاي مېھمانسارىيى بارلىقىنى ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىدى، لىسېتتې ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ئەزەلدىن كۆك ئاي دەيدىغان مېھمانساراينىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى. ئاپتوموبىل مېھمانسارايلىرى ئاتلانتا شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىدە بار، بەزىلىرى بەك ئاددىي، لىسېتتې ئانىسىنى ئۇنداق يەردە ئىشلىمەيدۇ دەپ بىلەتتى. مولىنانىڭ گېپىنىڭ ئورانىدىن شۇنى سورايدىغاندەك قىلاتتى. مۇبادا يۋېتتې كۆك ئاي مېھمانسارىيىدا ئىشلىگەن بولسا لىسېتتې ئازراقمۇ بولسا ئاڭلىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئانىسىنىڭ 21 نۇقتا قارتا تارقاتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنداقلارنىڭ مۇنتىزىم تەربىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
(داۋامى بار)
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى:
ئۇسلۇب:تارازا |ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئارغۇ