• 2011-02-23

    كىملىك-3 - [پوۋېست]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106515276.html

    كىملىك

    (پوۋېست)

    [ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس

    (3)

     

    نورۋىچ خانىم ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئارقىغا قاراپ قويدى، ئۇ كىمگە قاراۋاتقاندۇ؟ لىسېتتېغا؟ قاباھەتلىك چۈشتەك ئىش بولۇۋاتاتتى، بىرسى لېسېتتېنى كۆرسىتىۋاتاتتى، ناتونۇش بىرسى، ساقچىغا ئوخشاپ تۇرىدۇ، شۇنداق ساقچىكەن، ئۇ سىنىپقا كىرىپ لىسېتتېدىن گەپ سورايدىغاندەك قىلاتتى.

    — لىسېتتې، بىز بىلەن ماڭسىڭىز بوپتىكەن، شۇنداق قىلامسىز؟

    دېدى نورۋىچ خانىمنىڭ يېنىدىكى فورما كىيگەن ئايال. ئۇ ئاتلانتا ساقچى ئىدراسىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ چىرايى ئىسپانىيىلككە ئوخشايتتى، قاپقارا چاچلىرى ئارقىسىغا تۈرۈپ تەكشى بانتىلانغان. سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېسىگە كېلىشىپ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىشتى. بىچارە لىسېتتې دەرمانسىزلىنىپ جايىدا داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ لەۋلىرىنى مەھكەم چىشلىگىنىچە ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. ھۇ ئۆلگۈر، ئۇنىڭ پۇتى سومكىسىنىڭ تاسمىسىغا ئىلنىشىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ كەتتى، ئايال ساقچىنىڭ سۆزى يەنە ئاڭلاندى، ئۇ بايىقى سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى ۋە ئاخىرىغا:

    — نەرسىلىرىڭىزنىمۇ ئېلىۋېلىڭ، رەھمەت، — دېگەننى قوشۇپ قويدى.

    دېمەك، لىسېتتې ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مېڭىشى كېرەككەن، يەنى مەكتەپكە كەلمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن گەپ.

    لىسېتتې قورقۇپ كەتتى، ئاشقازىنىدىكى پىۋا ئۈستىگە ئۆرلەشكە باشلىدى، ساقچى ئايال غەلىتە ئاۋازدا:

    — سىزنىڭ بېرىپ كىملىكنى دەلىللىشىڭىزگە مۇھتاجمىز، سىز لىسېتتې مۇلۋېيغۇ، بىز بىلەن مېڭىڭ.

    كىم...لىك، كىم...لىك، بۇ چىرقىراق ئاۋاز ئادەمنى خاراب قىلىغۇدەك دەرىجىدە دەھشەت ئاڭلىناتتى.

    ئىككى ساقچى ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ.

    ئايال ساقچى ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئۇ ساقچى ئەمەلدارى مولىنا ئىكەن. ئۇنىڭ گېپىدىن لىسېتتې ئۇنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغاندەك ئەلپاز چىقىپ تۇراتتى. يەنە بىرى ئەر بولۇپ، ئايال ساقچىدىن ياش كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ يۈزىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەچكە ئاق تەنلىك ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.

    ئىككى ساقچى ھېسىداشلىق نەزەرى بىلەن لىسېتتېغا قارايتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ كۆزىدىن يىرگىنچلىك نۇر چاقناپ تۇراتتى. ئەر ساقچى ئاۋال لىسېتتېنىڭ بەدىنىگە جىپس كەلگەن پادىچى ئىشتىنىغا سەپ سالدى، ئاندىن ئۇنىڭ تىزىدىكى قىزىل رەڭلىق ياماققا، ئاخىردا ئالاقىزادىلىككە تولغان چىرايىغا قارىدى.

    ساقچى ھەرگىزمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە قەغەز تاشلىغىنىغا ئۇنى قولغا ئالمايدۇ ئەلۋەتتە. لىسېتتې بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر دۇكانغا كىرىپ 69  سېنتلىق سۇلياۋ قاپلىق لەۋ سۇرۇخنى كۆرۈپ بىراقلا ئۈچ تالنى يانچۇقىغا تىقىۋالغانىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقىغا ھەيران قالغانىدى، بەلكىم ساقچىلار مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

    — سىز يۋېتتې مۇلۋېينىڭ قىزى لىسېتتې مۇلۋېي بولامسىز؟

    لىسېتتې ھاۋاققىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.

    سوئال سورىغىنى ساقچى ئەمەلدارى مولىنا ئىدى. ئۇ لىسېتتېنىڭ بىلىكىنى كاپ قىلىپ تۇتتى، لىسېتتې چۆچۈپ كەتكەنلىكىدىن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرالمىدى. مولىنا گەرچە بەك كۈچىمىگەن بولسىمۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى، ئۇ لىسېتتېنى ئېلىپ بىنادىن چۈشۈشكە ماڭدى، ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن لىسېتتېغا قورقماسلىقنى، ئۇلار بىلەن ماڭسا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    — لىسېتتې، ئانىڭىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەنتىڭىز؟ ياكى ئانىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان پاراڭلاشتىڭىز؟ بۈگۈنمۇ؟

    بۈگۈن؟ بۈگۈن سۆزلەشتىممۇ؟ لىسېتتې زادى قاچانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى.

    — ئانىڭىز بىر يەرگە كەتكەنمۇ؟ سىزگە تېلېفون قىلدىمۇ؟

    لىسېتتې بېشىنى چايقىدى.

    — ئانىڭىز بىر يەرگە كەتمىگەنمۇ؟ ئۇ ئۆيدە يوق شۇنداقمۇ؟

    لىسېتتې كۈچىنىڭ بېرىچە ئويلاۋاتاتتى. بۇ توغرا جاۋابمۇ؟ ئۇ بىر خىل غەلىتە، قورقۇنچلۇق ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ، ئاغزىمۇ مايماق بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق كۈلگەندە ئانىسى ئاچچىقلاپ كېتەتتى، چۈنكى ئۇ قىزىنىڭ بۇ ئىپادىسىنى خاتا چۈشىنىپ قالاتتى.

    — لىسېتتې، ئانىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان پاراڭلاشقانتىڭىز؟ — دېدى مولىنا. قورقۇپ كەتكەن لىسېتتې غۇدۇرغىنىچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    — بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن گەپلەشمىدىڭلارما؟

    — ياق، بۈگۈن ئەتىگەن ئەمەس، —دېدى لىسېتتې بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ.

    ئۇلار سىرتقا، مەكتەپنىڭ كەينىگە كەلدى، بىر ساقچى ماشىنىسى ئوت ئۆچۈرۈش يولىدا توختاغلىق تۇراتتى. لىسېتتې بىر خىل قورقۇنچقا چۆمدى. ئۇ قولغا ئېلىنغانمىدۇ؟ ياشلار، ئۆسمۈرلەر سوتىغا ئېلىپ بارامدىكىنە؟ JC ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى داۋاملىق ياشلار-ئۆسمۈرلەر سوتىنى تىلغا ئېلىپ چاقچاقلىشاتتى.

    نەمخۇش سوغۇق ھاۋادا لىسېتتې پىۋىنىڭ كۈچىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئىككى ساقچىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرشىدىن نەپرەتلىنەتتى، ئۇلار بۇرۇن بۇنداق بىچارە ئادەمنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك، خۇددى بىر بەدبۇي بىچارە كۈچۈككە قارىغاندەك قاراۋاتاتتى. لىسېتتېنىڭ پىشانىسىغا بىر مۇنچە ھۈررەك ئۈنۈپ چىققان بولغاچقا، چۇۋۇق چاچلىرى پاخپىيىشقا باشلىغان ئىدى، شۇڭا چېچىنى تاراشتىن ئېرىنەتتى. ئانىسى كەتكەندىن كېيىن 4-5 كۈندىن بېرى بېشىنى يۇيۇپ باقمىدى، مۇنچىغىمۇ چۈشمىدى.

    ئانىسى ھەپتە ئاخىرىنى كىم بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىكىنە؟ يۋېتتې بۇنى قىزىغا قەتئىي دەپ بەرمەيتتى. بەلكىم قىمارخانىدا يېڭى تونۇشقان بىرەر ئەر «دوستى» بىلەن چىقىپكەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاتلانتا شەھەرىدە بۇنداق لەيلەپ يۈرىدىغان بويتاق ئەرلەر دېگەن كۆپقۇ. ئۇلار قىمارخانىدا ئۇتۇپ قالسا بىرەر كىشىنى تېپىپ تەبرىكلىشىدۇ؛ ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسىمۇ بىرەر ئادەم تېپىپ ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ. يۋېتتې بۇنىڭغا تازا مۇۋاپىق كېلەتتى. ساپسېرىق چاچلىرى دولىسىغا چۈشكەن، نۇرلۇق كۆزلىرى، شۇنداقلا ئەرلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان شوخ كۈلكىلىرى جايىدا بولۇپ، ئەرلەرگە تازا ياقاتتى.

    لىسېتتې بۇرۇن ئانىسىدىن كىم بىلەن شەنبە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى سورىغان، ئانىسى:

    — بەرىبىر دەپ بەرسەممۇ تونۇمايسەن، — دەپلا ئۆتكۈزۈۋېتەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسى گويا تاقلاش تاختىسىدىن ھاۋاغا تاقلايدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. ئۇ لىسېتتېغا قاراپ كۈلمەيتتى، بەلكى ئۆزى ئوغرىلىقچە كۈلەتتى. تۇيۇقسىز بىر ئادەم لىسېتتېنىڭ خىيالىدىن يالت قىلىپ كەچتى، داداممىدۇ؟

    گەرچە ئانسى ئۇنىڭغا دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەنلىكىنى بىلەتتى. ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن ئىدى. دادىسى لىسېتتېغا ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ياخىشى قىزى ئىكەنلىكىنى، بىر  يەردە تۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ھەتتا ھەر ئىككەيلەن باشقىلار بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

    لىسېتتې كۆپ ھاللاردا ئانىسىغا ئېسىلىۋېلىپ دادام بىلەن بارىسىز، شۇنداقمۇ؟ دەپ سورايتتى، ئانىسى بولسا كۈلۈپ قوياتتى-دە:

    — ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن بارمايمەن، نېمە دەپ ئۇ خۇمپەر بىلەن بارغۇدەكمەن،— دەيتتى.

    ئۇ ھەپتە ئاخىرى سىرتقا چىقىشنىڭ ئالدىا لىسېتتېغا دېدى:

    — لىسېتتې، مەن ساڭا ئىشەنسەم بولامدۇ؟

    — ئەلۋەتتە ئىشنىشىڭ كېرەكتە.

    ئۆيدە يالغۇز قالسا لىسېتتې خالىغانچە ئۇخلىيالايدۇ، خالىغان قانالنى كۆرەلەيدۇ، ئۇ تېخى دىۋاندا يېتىپ ئۇزاققىچە تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ.

    ئەتراپتىكى دۇكانمۇ يىراق ئەمەس، كېنتۇكي، پىسا دۇكىنى ۋە مېكسىكا تاماقخانىسىمۇ بار. مۇزدەك كەچلىك تامىقىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئىسسىتىپ تېلېۋىزور كۆرگەچ يېسىمۇ بولىدۇ.

    بىرىنچى كۈنى كەچتە كېيشا كەلدى. ئىككەيلەن كېيشا ئېلىپ كەلگەن DVD پىلاستىنكىسىنى كۆردى، ئۇلار توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەچ تېلىۋىزور كۆرۈشتى.

    — ئاناڭنىڭ ئۆيدە بولمىغىنى ھەجەپ ياخشى بولدى، ئۇ نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى كېيشا.

    لىسېتتې ئويلىنىپ قالدى، ئانام بەلكىم ئەر دوستى بىلەن لاسۋىگاسقا كەتكەندۇ، ياكى باشقا بىرەرسى بىلەن كەتكەندۇ. بۇ پەسىلدە دېڭىز بويى سوغۇق، لاسۋىگاسقا بېرىشىئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن.

    — ئۇ قىمارخانىدا نۇرغۇن دوست تېپىۋاپتۇ، ئۇ قىمارخانىغا قاچانلا بارمىسۇن، ھەر ۋاقىت قارشى ئېلىناتتى. ئەگەر مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسام مەنمۇ بىللە بارغان بولاتتىم.

    — ئانىڭىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم قاچان پاراڭلاشقانتىڭىز؟

    ئىككى ساقچى ئۇنىڭغا تىكىلىپ جاۋابىنى ساقلاۋاتاتتى، لىسېتتې جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك دۇدۇقلاشقا باشلىدى:

    — شۇ ... تۈنۈگۈنغۇ دەيمەن، بەلكىم ئۈلۈشكۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

    ئۇنىڭ يۈرىكى گويا ئۆزىنى كۈچەپ دەرىزىگە ئۇرۇۋاتقان قۇچقاچتەك دۈپۈلدەپ كېتىۋاتاتتى. بۇرۇن ئۇ ماشىنا ئىسكىلاتىدا قۇچقاچنىڭ دەرىزىگە ئۆزىنى ئۇرغىنىنى كۆرگەنىدى، ئىسكىلاتنىڭ ئۈستى يېپىق بولغاچقا بىچارە قۇچقاچ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆزىنى ئۇراتتى، تاكى ماجالى قالمىغانغا قەدەر تىركىشەتتى.

    (داۋامى بار)


    历史上的今天:

    كىملىك-4 2011-02-23

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: