• 2011-02-21

    كىملىك-2 - [پوۋېست]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106250097.html

    كىملىك

    (پوۋېست)

    [ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس

    (داۋامى)


    JCنىڭ دادىسى تاج مەھەل قىمارخانىسىدا ئىشلەيدىكەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، دادىسى بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگەن، كېيىن مۇھاپىزەتچى بولغان. JC ئىلگىرى دادىسىنىڭ تاپانچىسىنى ئوينىغانلىقى ۋە ئېتىپ باققانلىقىنى كوز-كوز قىلغانىدى.

    بىر قىز تاپانچىنى ئادەمگە قارىتىپ ئاتقان-ئاتمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ دولىسىنى چىقىرىپ كۈلۈپ قويغانىدى.

    لىسىتتې توققۇز ياشتا ئانىسى بىلەن نېۋجېرسېينىڭ ئاددىسون دېگەن يېرىدىن ئاتلانتا شەھەرىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. ئۇلار خېلى بۇرۇنلا دادىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئەمما ئۇنىڭ دادىسى قىسىمنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان، كېيىن يەنە ئايرىلغانىدى. ھازىر ئانىسى دادىسىدىن ئاجرىشىپ كەتتى.

    لىسېتتې ئانىسى ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ گېپىنى قىلىشقا بەك ئامراق. ئۇ جايلارنىڭ ئىسمى ئۆزگىچە: تاج مەھەل، باللي، خانلىق قىمارخانا دېگەندەك. بىراق ئۇ ئانىسىنىڭ ھازىرمۇ خانلىق قىمارخانىدا قارتا تارقاتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان، ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، بەلكىم قاۋاقخانا مۇلازىملىقىنى قىلۋاتقاندۇ.

    بۇ ئىش لىسېتتېنى ساراڭ قىلۋەتكىلى ئاز قالغانىدى. ئۇ ئاپسىدىن ھەرقانداق سوئالنى ئۇدۇللا يەنى: «ئانا، سەن زادى قەيەردە ئىشلەيسەن؟» دەپ سورىسىمۇ بولىۋېرەتتى، ئەمما ئانىسىنىڭ جاۋابى ئاڭلىماققا يوللۇقتەك قىلغىنى بىلەن ئالدىرىماي ئويلانسا چاتاق باردەك، خۇددى سۇغا تاشلانغان تازىلىق قەغىزى ئاستا-ئاستا ھۆل بولغاندەك بىر ئىش بولاتتى.

    JC نىڭ دادىسى راستىنلا تاج مەھەل قىمارخانىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلاتتى. JC ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قىمارخانا تەرەپكە پەقەت ئۆتمەيتتى، ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا باراتتى، ئۇ يەردە ئەرزان مېھمانساراي، ئەرزان تاماقخانا، كېپىللىككە بېرىش ۋاكالەت شىركىتى ۋە كىچىك چېركاۋ بار ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ يەردە ئۈستى ئوچۇق ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماشىنا توخىتىش مەيدانى ۋە كوچىلارنى پۇخادىن چىققۇچە قاڭدىشىدۇ، ئادەم ئاز قالغان چاغدا ماشىنىلارنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ھېچنېمىنى قويماي ئوغرىلىشىدۇ. ماشىنىنىڭ ئىشىكى ۋە ئارقا ساندۇقىنىڭ قاپقىغىنى ئېچىش ئۇلار ئۈچۈن قولنىڭ ئۇچىدىكى ئىش ئىدى، ماشىنا ئىچدە ھامان ئاياللارنىڭ قول سومكىسى دېگەندەك كېرەكلىك ياخشى نەرسىلەر ئۇچراپ تۇراتتى، نۇرغۇن ئاياللار بازار ئايلانغاندا ئېغىر سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرشتىن بىزار بولۇشۇپ، ماشىنىغا تاشلاپ قويۇشىدۇ. بۇ ئاياللار نېمە دېگەن ئەخمەق ھە! دۇنيادا ئەخمەقلەر نېمانداق كۆپتۇ دەيمەن، بىچارىلەر.

    لىسېتتې تېخى نورۋىچ مۇئەللىمنىڭ ئارقىغا بۇرۇلۇشىنى كۈتۈۋاتاتتى، ئۇنىڭ تاقىتى تاق بولغىلى تۇردى. قەغەزدىكى لەۋ ئىزىنىڭ مەنىسى JC غا : «كېلىڭ جېنىم، مېنى نېمە قىلسىڭىز مەن تەييار» دېگەندىن دېرەك بېرەتتى.

    بىراق بۇ بىر چاقچاق بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. كۆپ ئىشلار پەقەت چاقچاقتىنلا ئىبارەت بولىدۇ، مۇبادا بۇنداق ئىشنىڭ «ئاخىرى» بار دېيىلسە، ئىشتىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ ئۇجۇر-بۇجىرىنى ئويلايدىغان گەپ. قارىماققا لىسېتتېنىڭ «ئاخىرى»نى ئويلايدىغان ۋاقتى باردەك قىلمايتتى.

    گەرچە ئۇ ئوپېراتسىيدىن كېيىن كۆزىنى ئۇۋۇلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يەنىلا كۆزىنى قاتتىق ئۇۋۇلايتتى. لىسېتتې، قولىڭىز مەينەت تۇرسا، كۆزىڭىزنى ئۇۋۇلىسىڭىز قانداق بولىدۇ. ئاھ تەڭرىم، ھاۋا سوۋۇسا، ياكى كۈچلۈك نۇرنى كۆرسىلا ئۇنىڭ كۆزى ياشاڭغۇراپ تۇراتتى، ئۇ بۇنداق تۇيغۇنى بەك يامان كۆرەتتى، ھەر بىر سىنىپتىكى ئاق نۇرلۇق لامپۇچكا ئۇنىڭ كۆزىنى ئارامسىزلاندۇراتتى. شۇنداق بولغاچقىلا ئانىسى ئۇنىڭ قېنىق سۆسۈن رەڭلىك كۆزئەينەك تاقاپ مەكتەپكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى. بۇ كۆزئەينەك ئۇنى ناھايىتى مودا، 16-17ياشلىق تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك قىلىپ كۆرسىتەتتى.

    — توۋا، سىز ئەمدى 13 ياشقا كىردىڭىزما؟

    دەپ سورىغانىدى، ئانىسىنىڭ بىر ئەر دوستى گۇمانىي قاراشتا ئۇنىڭغا تىكىلىپ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق يېتىلگەن قىياپەتتە ياسىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىدۇ؟ چېستېر ئىسىملىك بۇ ئادەم ھەقىقەتەن بىر خۇمپەر ئىدى. شۇغىنىسى ئانىسى لىسېتتېنىڭ كۆزىنى داۋالاتقاندا ئۇنىڭدىنمۇ پۇل قەرز ئالغان ئىدى.

    بۇ كۈنى ئەتىگەندە لىسېتتې ئۆزى ئويغاندى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەچ ناشتا قىلدى، ئەتىگەنلىك تېلېۋىزور نومۇرلىرى يا خەۋەر، يا بولمىسا تايىنى يوق نومۇرلار ئىدى. ئۇ ئۇدا ئۈچ كۈن كىيىمى بىلەنلا ئۇخلاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا قارا كالتە يەڭ مايكا، ئىچ كىيىمى، يۇڭ پايپاق، پادىچىلار ئىشتىنى، ئۆتۈكى، ئانىسى بەرگەن كىرلىشىپ كەتكەن دۈمبىسىدە «تاج مەھەل»دەپ يېشىل خېتى بار قارا يۇڭ مايكىسى بار ئىدى. ئۇ تېلېفوندا قالدۇرۇلغان سۆز بارمۇ يوق قارىدى، ئۇنىڭدا ھېچنېمە يوق ئىدى.

    جۈمە كۈنى كەچتە ئانىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغانىدى، ئەمما ئۇ تېلېفوننىڭ نومۇرىنى كۆرۈپلا ئالىمىدى. يوقال، ئۇزۇن يوللۇق بولۇپ كەت. مەن نېمە دەپ سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىغۇدەكمەن، دەپ ئويلىدى لىسېتتې. ئەمما كېيىن ئۇ يەنە ئازراق قورقۇپ قالدى، كوچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلاردىن قورقۇپ ئانىسىغا تېلېفون قىلماقچى بولدى، ئەمما ئانىسىنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى. ھۇ ئۆلگۈر، قانداق بولشىدىن قەتئىي نەزەر مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن! ساڭا لەنەت ياغدۇرىمەن.

     ئانىسى ئۇنىڭغا سوۋغاتلىق ئېلىپ كەلسە ئۇ باشقا گەپ، ئۆتكەن قېتىم ئانىسى دادىسى  ئىككەيلەن لاۋدېردالېغا «ئىككىنچى قېتىملىق شېرىن ئاي»نى ئۆتكۈزۈشكە باراغاندا ئۇنىڭغا توق ھال رەڭلىك يىغما بەللىك چاپان ۋە كالتە ئىشتان ئېلىپ كەلگەنىدى. گەرچە لاۋدېردالې سەپىرى تامامەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئانىسى لىسېتتېغا سوۋغات ئېلىپ قايتىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدى.

    ۋاقتى كەلدى، پۇرسەت كەلمەكتە!

    نورۋىچ خانىم ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلدى، بىرسى ئىشىكنى چېكىۋاتاتتى. چاققان! لىسېتتېنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، ئۇ ھېلىقى قەغەز ياغلىقنى پۇرلاپ مونەكچە قىلىپ كېيشاغا تاشلاپ بەردى، كېيشا ئۇنى JC نىڭ پارتىسىغا تاشلىدى. JC مۈگدىگىنىچە تورۇستىن چۈشكەن خانقىزنى كۆرگەندەك، كېيشاغا ياكى ئۆزىگە قاراپ ئوتۇرغان لىسېتتېغىمۇ قارىماستىنلا مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى-دە، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن قەغەزنى ئېلىپ ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالدى.

    باشقا يىگىتلەر بولغان بولسا تەقەززالىق بىلەن قەغەزنى ئېچىپ قاراپ باققان بولاتتى، ئەمما JC ئۇنداق قىلمايتتى. قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا قەغەز تاشلىشى ئادەتتىكى ئىش ئىدى، ئۇ قېنىق رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان، چاچلىرى چۇۋۇق بىر قىزنىڭ تاشلىغان قەغىزىگە ئېرەن قىىلىپ كەتمىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قەغەزگە نېمە يېزىلغانلىقى ئۇنىڭغا ئاياندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ خىيالىچە قەغەزدە سۆيگۈدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. مۇھىمى ئۇ كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋەتمىدى، ھەمدە كېرەكسىز قەغەز ئورنىدا پۇرلىۋەتمىدى.

    لىسېتتېنىڭ كالپۇكلىرى قۇرۇپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ JC گە تۇنجى قېتىم قەغەز تاشلىشى، ھەمدە ئوغۇللارغا تۇنجى قېتىم قەغەز تاشلىشى ئىدى. بۇ تاپتا ئىچكەن پىۋا پەيدا قىلغان ھاياجان ۋە ئارزۇ-ئىستەك بارا-بارا يوقاۋاتاتتى.

    ئۇ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىدا ئالاھەزەل يېرىم بوتۇلكا پىۋا ئىچتى. ئۇ جاينى ئاپتوۋۇزلارنىڭ بېنزىن پۇرىقى بىر ئالغان، ئەمما بۇ ئوغۇللارنىڭ خىيالىغا كەلمىگەندەك يەنىلا كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن بەنت ئىدى. لىسېتتې بەزىدە ئوغۇللارنىڭ : لىسېتتېنىڭ پىگۇرىسى خېلى قاملاشقان جۇمۇ، دېگەندەك خىياللاردا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولاتتى.

    لىسېتتې ئېھتىياتسىزلىقتىن پىۋىنى چاپىنىغا ئازراق تۆكۈۋەتتى، توق يېشىل رەڭلىك چىپەرقۇت چاپىنىدا پىۋىنىڭ چەللىرى قالدى، ئانىسى بۇنى ئاسانلا بىلىپ قالاتتى، ئۇ قاچان ئۆيگە قايتسا ئانىسى پىۋىنىڭ پۇرىغىنى پۇراپ قالسىلا پىۋا ئىچكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى.

    بۈگۈن بىرىنچى ئاينىڭ مەلۇم ھەپتىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى، ئەمما لىسېتتې زادى قانچىنچى چىسلالىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ ھېلىقى كۆز دوختۇرى يېزىپ بەرگەن رېتسىپنى قەيەرگە قويغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى، بۇ دوختۇرنىڭ دورىخانىدىن كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ئېلىشقا يېزىپ بەرگەن رېتسىپى ئىدى. ئانىسى ئۆتكەن ھەپتە رېتسىپنى ئۇنىڭغا بەرگەن، ئۇ ئانىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، ئۇ كۈنى پەيشەنبىدەك قىلاتتى، چارشەنبە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ كۆزى گەرچە ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا بىر خىل ستېروئىد ئېرىتمىسى بىلەن داۋالىشى كېرەك ئىدى، شۇغىنىسى ئۇ ھازىر بۇ رېتسىپنى تاپالمايۋاتاتتى، چاپىنىڭ يانچۇقىدا يوق، سومكىسىدىمۇ يوق، ئاشخانىدىمۇ يوق ، ھۇجرىسىدىمۇ يوق، لىسېتتې ئۇنى ھېچيەردىن تاپالمىدى.

    )داۋامى بار(


    历史上的今天:

    كىملىك 2011-02-21

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: