• 2011-01-18

    ئادەم ۋە ھايۋان - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/100288661.html

    ئادەم ۋە ھايۋان

    قارا بېلىق

    ئادەم: سۈپ-سۈزۈك دېڭىزدا بەدىنىڭدىكى قارا سىياھ نەدىن كەلگەن؟.

    قارا بېلىق: ئادەم ئەسلى پاكدىل كېلىدىغان، يامانلىق قەيەردىن كەلگەن؟

    تۆمۈر تۇمشۇق

    ئادەم: سېنىڭ تۇمشۇقۇڭ قۇرتلارنى قانداق پەرق ئېتىدىغاندۇ؟

    تۆمۈر تۇمشۇق: سېنىڭ ئېغىزىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى قانداقمۇ يوشۇرۇپ قالىدىغاندۇ؟

    ئاق قۇ

    ئادەم : ئۆي غېزىنىڭ بوينى سەل ئۇزۇن بوپ كەتكەن بولسا ئاققۇغا ئايلانماسمىدى؟

    ئاققۇ: ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش بىلەنلا شۇغۇللانغان بولسا، بۇ دۇنيا جەننەتكە ئايلانماسمىدى؟

    تاشپاقا

    ئادەم: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى دەپ بەرگىن.

    تاشپاقا: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈڭ بولسا مەندەك تاشپاقا بول.

    ئۆمۈچۈك

    ئادەم: بۇ جانىۋار داۋاملىق بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا ئوۋ كۈتۈپ تۇرغىنى تۇرغان.

    ئۆمۈچۈك: ئادەملەرنىڭ كۈلۈشۈپلا يۈرگىنىنى كۆرىمەن، ئەمما ھەقىقىي كۈلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

    مۈشۈك ياپىلاق

    ئادەم: مۈشۈك ياپىلاق نېمىشقا بىر كۆزىدىلا قارايدىغاندۇ؟

    مۈشۈك ياپىلاق: بىر كۆزىدە ئوچۇق كۆرگەندىكىن، ئىككى كۆزدە قاراشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

    بېلىق

    ئادەم بېلىقنى يېسە تەمىنى تېتىغان بولىدۇ.

    بېلىق ئادەم يېسە قازاغا يولۇقتى دېيىلىدۇ.

    چاشقان

    ئادەم: ئوغۇرلۇق قىلماي ياشىيالمامسەن؟

    چاشقان ئادەمنى كۆرگەندە: سەن يالغان سۆزلىمەي ياشىيالمامسەن؟

    توخۇ

    ئادەم: بۈگۈن تۇخۇم تۇغدۇڭمۇيە؟

    توخۇ: ساڭا زادى قانچىلىك تۇخۇم كېرەك؟

    شاتۇت

    شاتۇتنىڭ ئادەمنى دورىشى ئۇنىڭ ئەقىلىقلىقىدىن.

    ئادەمنىڭ شاتۇتنى دورىشى كۆڭۈل ئېچىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن.

    بۆرە

    بۆرىنىڭ ئادەمنى قوغلىشى ئاچلىقتىن.

    ئادەمنىڭ بۆرىنى قوغلىشى قىساس ئېلىش ئۈچۈن.

    قاپلان

    ئادەم: قاپلان دېگەن بەك پىخسىق نېمىكەن، ھەر قېتىم غىزالانغاندا پەقەتمۇ پۇل بەرمەيدۇ(بۇ يەردە قاپالان تېرىسىدىكى تەڭگە گۈللەر پۇلغا ئوخشىتىلغان-ت).

    قاپلان: ئادەملەر باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭكىنى كۆرمەيدۇ، كاتتا رېستۇرانلاردا قايسى بىرى ئۆزىنىڭ پۇلىغا تاماقلىنىدۇ؟

    سازاڭ قۇرتى

    ئادەم: سېنىڭ يا سۆڭىكىڭ، يا پېيىڭ يوق تۇرۇپمۇ لاي-لاتقىلارنى يېيەلەيسەن، چۇڭقۇر ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسىەن، ئەڭ مۇھىمى تا ئەبەدكىچە داۋاملاشتۇرالايسەن.

    سازاڭ: ئادەملەرنىڭ سۆڭىكى تۇرۇپمۇ ئادەمگە ئېگىلىدۇ؟ تىزلىنىدۇ؟ دېمەك سۆڭەك ئادەمنى جاسارەتلىك قىلالمايدۇ، گەپ ۋىجدانلىق بولۇشتا.

    پەرۋانە

    ئادەم: غايىسى بولۇش ياخشى ئىش، ئەمما لايىقىدا بولغىنى ياخشى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتسە ساڭا ئوخشاش ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ.

    پەرۋانە: مۇھەببەتنى خالىغانچە تاشلىغى بولاتتىمۇ؟

     

    خامىليون

    ئادەم: خامىليوننىڭ زادى قانچە خىل رېڭى باردۇ؟

    خامىليون: ئادملەرنى سۆزىنىڭ قايسىسى راستۇ؟

    قۇلۇلە

    ئادەم: بىچارە، ئۆمۈر بويى ماڭسىمۇ كىچىككىنە يول يۈرەلەيدۇ.

    قۇلۇلە: بىچارىلەر، ئۆمۈر بويى تالاشىش ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت بىلەن ئارزۇسى ھامان پەرقلىق بولغاچقا تولا ئەپسۇسلىنىدۇ.

    زىراپە

    ئادەم: بوينۇڭنىڭ ئۇزۇنلىقى سېنىڭ ئاچكۆزلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ.

    زىراپە: قۇرسىقىڭنىڭ يوغانلىقى چىرىكلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.

    يولۋاس

    ئادەم: شۇنچە نۇرغۇن ھايۋانلارنى يېۋالسىمۇ يەنە ئورمان شاھى بولىدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟

    يولۋاس: نۇرغۇنلىغان خەلقنى قىرغىن قىلسىمۇ دۆلەتكە پادىشاھ بولالايدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟

    تاغىل ئات

    ئادەم: گۈزەل بولغاچقىلا رەڭدار كىيىمنى كىيىۋالغانمىدۇ؟

    تاغىل ئات: ئادەملەر بەتبەشىرە بولغاچقىلا ئېسىل كىيىملەرنى كىيىۋالامدىغاندۇ؟

    پاشا

    ئادەم پاشىلارنى چاۋاك(ھاپاق) بىلەن قارشى ئالىدۇ.

    ئانا پاشا بالا پاشىلارغا: ئادەملەر ئۇچۇش تېخنىكاڭلارنى ماختاپ تەبرىكلىگەندە ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭلار.

    پاقا

    ئادەم: ھەر كۈنى كاركىراپلا تۇرىسەن، راستىنلا ئاچ قېلىۋاتامسەن؟

    پاقا: ھەر كۈنى ئالدىراپلا يۈرىسەن، راستىنلا پۇلۇڭ يوقمۇ؟

    چىۋىن

    ئادەم: دۇنيادا سەندىنمۇ يىرگىنىشلىك نەرسە بارمىدۇ؟

    چىۋىن: ئۇنىڭ كۈلۈپلا تۇرغىنىغا قارىما، دىققەتسىزلىكڭدىن پايدىلىنىپلا پالاق بىلەن سالىدۇ.

    سەكسەن پۇت

    ئادەم: بىزنىڭمۇ سەكسەنپۇتتەك كۆپ پۇتىمىز بولغان بولسا ئاياغ زاۋۇتلىرى تاماكا زاۋۇتلىرىدىن كۆپرەك پايدا ئالغان بولاتتى.

    سەكسەن پۇت: ئادەملەرنىڭ بىر پۇتى زەخمىلەنسىلا ماڭالمايدىكەن، قارىغاندا پۇتى كۆپ بولغاننىڭ پايدىسى بار ئوخشايدۇ.

    ئىت

    ئىتنىڭ ئادەمنىڭ ئالدىدا ماڭغىنى خەتەرنى سەزگەنلىكىدىن.

    ئادەمنىڭ ئىتنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى ئۆزىنىڭ ئىتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن.

    شىر

    ئادەملەر شىرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى قەپەزگە سولىۋالىدۇ.

    ئەگەر شىر ئادەمنى باشقۇرىدىغان بولسا ئادەملەر ئۆزلىرى قەپەزگە كىرىۋالغان بولاتتى.

    پىل

    ئادەم: پىل دېگەن بۇ جانىۋار يوغان دەرەخنى يۇلۇپ ئالالىغان بىلەن، يەردىكى يىڭنىنى تېرىپ ئالالمايدۇ.

    پىل: ئادەم يىڭنىنى تېرىپ ئالاليدۇ، ئەمما دەرەخنى يۇلۇپ ئالالامدۇ؟ بۇ دېگەن دىئالېكتىكا.

    كالا

    ئادەم كالىنى يېتىلەپ ماڭغاندا، كالا ئالدىغا توختىماستىن كېتىۋېرىدۇ.

    كالا ئادەمنى سۆرىگەندە بولسا، ئادەم قامچىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

     

    جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ئادەم: نىمىشقا ئۆزەڭنى ئوتقا ئاتىسەن؟
    پەرۋانە: بىشىڭغا كەلگەندە سەنمۇ بىلىسەن.