• 2011-09-16

    قارانچۇق - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/161903320.html

    قارانچۇق

    (ھېكايە)

    ليۇ گوفاڭ

    بالا كۈندە دېگۈدەك سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ تۇرۇۋېلىۋالاتتى، بالىنىڭ مومىسىمۇ نەۋرىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. .ەمما، بالىنىڭ ئانىسى بارغىلى قويمىدى، ئۇ سەھرانى مەينەت دەپ قارايتتى. بىر قېتىم بالىسى قاتتىق يىغلاپ مومامنىڭ ئۆيىەە بارىمەن دەپ بەك جىدەل قىلدى، ئانىسى ئامالسىز بالىنىڭ بىر مۇنچە كىيىملىرنى ئېلىپ ماشىنىسى بىلەن بالىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى، ئۇ ئوغلىغا جېكىلەپ مۇنداق دېدى:

    — قالايمىقان چېپىپ يۈرمە، سەھرا دېگەن مەينەت، پاكىزلىققا دىققەت قىلارسەن.

    بالىسىغا شۇ گەپلەرنى جېكىلەپ بولۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئىشىغا كەتتى.

    ئانىسى مېڭىشى بىلەنلا بالا كەنتنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتى. دەسلەپ مومىسى ئۇنى ئېلىپ چىقتى، بىردەمدىن كېيىن مومىسىنى تاشلاپ ئۆزى يالغۇز ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈردى. كەنتنىڭ سىرتىدا بالا ئېتىزلىقتا بىر ئادەمنىڭ تۇرغىنىنى كۆردى، ناھايىتى كۆرۈمسىز بىر ئادەم ئېتىزلىقتا تۇراتتى. بالا قورقۇپ يېنىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى-دە، جايىدا تۇرۇپ قالدى. بىر دەم قارىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ راست ئادەم بولماستىن بەلكى قارانچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بالىلار چۆچىكى كىتابلىرىدا قارانچۇق توغرىلىق چۆچەكلەرنى ئوقۇغان، ئۇنىڭدا رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقى،ناھايىتى چىرايلىق كېلىدىغانلىقى تەسۋىرلىنەتتى. ئەمما بۇ قارانچۇق كىتابتىكىگە ئوخشىمايدىكەن، ئۇنىڭ كىيىملىرى جۇل-جۇل، ناھايىتى كۆرۈمسىز ئىكەن. بالا بىردەمدىنكېيىن قارانچۇقنىڭ يېنىغا باردى، ھەمدە قارانچۇققا قاراپ:

    — سېنىڭ كىيىملىرىڭ نېمانچە ۋەيرانە؟— دېدى. ئۇ يەنە:

    — ھە، چۈشەندىم، سەھرادا چىرايلىق كىيىملەر يوق، شۇنداقمۇ؟ — دېدى.

    بالىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بار ئىدى، ئانىسى يەنە بىر جۇچاق كىيىمنى سەھراغا بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. بالا يۈگۈرۈپ مومىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر قۇر كىيىم ئېپ كەلدى-دە قارانچۇققا كەيدۈرۈۈپ قويدى. ھەمدە ئۇنىڭغا قاراپ:

    — سەن ئەمدى چىرايلىق بولدۇڭ، — دېدى.

    بۇ كۈنى بالا يەنە بىر نەچچە قارانچۇقنى كۆردى، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ۋەيرانە، جۇل_جۇل ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ ئۇچىسىغا پەقەت بىر پارچە لاتا ئارتىپ قويۇلغانىدى. بالا بۇ قارانچۇققا:

    — سەھرادا كىيىم يوقما؟ — ئۇ شۇنداق دەپ يۈگۈرۈپ ئۆيگە بېرىپ ئۆزىنىڭ كىيىمدىن بىر قۇر ئېپ كەلدى. بالىنىڭ قىزىل، يېشىل، سېرىق دېگەندەك ھەر خىل رەڭدىكى كىيىملىرى بار ئىدى، بۇ كىيىملەر قرانچۇقلارنىڭ ئۇچىسىغا چىقىپ ئۇلارنى چۆچەكلەردىكى قارانچۇقلاردەك چىرايلىق قىلىۋەتتى.

    بۇ كۈنى كەچقۇرۇن مومىسى بالىنى يۇيۇپ كىيىمىنى ئالماشتۇرىدىغاندا، كىيىملىرىنىڭ خېلىلا ئازلاپ قالغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن نەۋرىسىدىن سورىدى:

    — بالام،كىيىملىرىڭ ھەجەب ئازلاپ قاپتىغۇ؟

    — قارانچۇقلارغا كەيدۈرۈپ قويدۇم، — دېدىدە، مومىسىنىيېتىلەپ قارانچۇقلارنى كۆرسەتكىلى ماڭدى. مومايمۇ قارانچۇقلارنىڭ شۇنداق چىرايلىق بوپ كەتكەنلىكىنى كۆردى-دە، دېدى:

    — بۇ قارانچۇقلار ھەقىقەتەن چىرايلىق بوپ كېتىپتۇ، — موماي شۇنداق دېگەچ قارانچۇقلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى سالرۇدۇشقا باشلىدى، ئەمما بالا ئۇنىمىدى، ئۇ:

    — نېمىشقا سالدۇرۇۋېتىسەن؟

    — ئاناڭ كۆرسە خاپا بولىدۇ.

    — ئانام بىلمەيدىغان تۇرسا؟

    موماي قايتا ئەزۋەيلىمىدى، ھەمدە:

    — بوپتۇ، ئەتە سالدۇرۇۋالايلى، — دېدى.

    ئەمما ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا بالىنىڭ ئانىسى كەلدى، ئۇ بالىسىدىن ئەنسىرەپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ كۆزى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا كەنتنىڭ سىرتىغا كېلىپلا بالىسىنىڭ ئېتىزدا تۇغىنى كۆردى. ئۇنىڭ بەك ئاچچىقى كەلدى، ماشىنىسىنى توختىتىپ ئېتىزلىققا كىردى، يېقىن كېلىپ كۆردىكى ئۇ قارانچۇق ئىدى، ئانا قارانچۇقنىڭ ئۇچسىدىكى ئوغلىنىڭ كىيىمى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدى، ئۇ گاڭگىراپ قالدى، ئۇ بالىسىنىڭكىيىمىنىڭ قانداق بولۇپ قارانچۇقنىڭ ئۇچىسىغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ قالدى.

    ئۇ ماشىنى يەنە ئالدىغا ھەيدەپ يەنە ئېتىزلىقتا بالىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى ككردى، بېرىپ قارىۋىدى ئۇمۇ قارانچۇق ئىكەن، بۇ قارانچۇققىمۇ بالسىنىڭ كىيىمى كەيدۈرۈلۈپتۇ. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە بىر قارانچۇقنى كۆردى، ئەمما بۇ قارانچۇق ئەمەس بەلكى ئېتىزدا ئويناۋاتقان بالىسى ئىدى. بالىمۇ ئەتىگەندىلا قېچىپ چىقىپ ئېتىزلىقتىكى قۇچقاچلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ ئېتىزدا قۇچقاچ قوغلاۋاتاتتى. ئۇ ئوغلىنى كۆردى،ئەمما يەنە شۇ قارانچۇق دەپ ئويلاپ ماشىنىسىنى توختاتماي ئۆتۈپ كەتتى.

    ئۇ ئۆيگە كېلىپ بالىسىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى-دە، ئانىسىدىن سورىدى:

    — ئانا، مەن ساڭا بالىنىڭ مەيلىگە قويۇۋەتمە، ھەرياندا چېپىپ يۈرمىسۇن دېسەم، ئۇنى توسىمىدىڭما؟

    — كەنتىمىزدىكى بالىلارمۇ سىرتلاردا چېپىپ يۈرۈپ ئوينىشىدۇ، مەلىمىزدە يا دەريا بولمىسا ئەنسىرەمىسەڭمۇ بولىدۇ.

    — ئەنسىرىمەيدىغان ئىش بولامدۇ، — شۇنداق دېدى-دە، ئۇ بالىسىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئېتىزلىقتا قۇچقاچ قوغلاۋاتقان «قارانچۇق»نىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ بالىنىڭ يېنىغا باردى-دە، بىر تەستەك سالدى، ھەمدە زەردە بىلەن:

    — بۇ ئېتىزلىقتا نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟

    — قۇچقاچ قوغلاۋاتىمەن.

    — سەن قارانچۇقمىدىڭ؟ — ئانىسى بالىنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە سۆرەپ ماشىنىغا چىقاردى. بۇ چاغدا موماي يېتىپ كەلدىدە، دېدى:

    — توختا، ئاۋۇ كىيىملەرنى سالدۇرۇپ كېلەي، ئېلىپ كەت.

    — قارانچۇققا كەيدۈرگەن كىيىملەرنى يەنە بالىغا كەيدۈرگىلى بولاتتىمۇ، بولدى، ئالمايمەن.

    بالىنىڭ ئانىسى شۇنداق دېدى-دە، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.

    ئۇلار موماي بىلەن كارى بولماي كېتىپ قېلىشتى، موماي ئېتىزلىقتا يالغۇز پېتى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ يېنىدىلا نەۋرىسىنىڭ كىيىمىنى كەيگەن بىر قارانچۇق تۇراتتى، موماي قارانچۇققا قارىغانسېرى ئۇنى نەۋرىسىگە ئوخشىتىپ قالدى.

     

    «كىچىك ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلى 2011-يىللىق 7-سانىدا ئېلان قىلىنغان


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: