• 2011-04-29

    ئانىنىڭ كىنوسى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/124028524.html

    ئانىنىڭ كىنوسى
    (ھېكايە)
    جېڭ شاۋلىڭ


    ئاسمان-زېمىن پىرقىراپ قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، ئانا-بالا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تامنىڭ ئاستىدا قالدى، ھەممە يەرنى قىيا-چىيا، يىغا-زارە قاپلاپ كەتتى. ئانا يىغلىدى، بالىمۇ يىغلىدى. ئوغلى:
    ئاپا، ئاغرىپ كەتتى، بەك ئاغرىپ كەتتى! — دەپ توۋلىدى، ئانا بالىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدى، ئۇ ئۆزىمۇ يارىلانغانىدى، بىر يەرلىرىدىن قان ئېقىۋاتاتتى، يارىسى خېلى ئېغىردەك قىلاتتى. ئۈستىدىكى سىمۇنت تاختاي ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلغىلى قويمايتتى. شۇ تاپتىلا ئانا يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدىدە، ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇ ئوغلىغا:
    ئوماق قوزام، يىغلىما، يىغلىمىغىن، دېدى.
    ئانا ئوغلىغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ماگىزىنغا كىرگەنىدى، ئوغلى تېخى ئويۇنچۇقنى تاللاپ بولماستا تۇيۇقسىز يەر تەۋرىدى. ئوغلى تېخى مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەچكە يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلمەيتتى. بالا ئىڭراپ تۇرۇپ:
    ئانا، بەك ئاغرىپ كەتتى، نېمانداق قاراڭغۇ، قورقۇۋاتىمەن، — دېدى.
    ئانا بالا ئىككەيلەن قىش دۆۋىلىرى ئارىسىغا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، كىچىككىنە يوچۇقتىن غۇۋا يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى.
    قوزام قورقما، يېنىڭدا مەن بار، ھەرگىز قورقما! ھېلى ساڭا نۇرغۇنلىغان ئويۇنچۇق ئېپ بېرىمەن، قورقما، يىغلىما بالام، ھازىر بىز كىنودا رولغا چىقىۋاتىمىز، كىنوغا ئېلىۋاتىدۇ بىلەمسەن؟
    كىنوغا ئېلىۋاتىدۇ دېدىڭما؟ — بالا روھلىنىپ كەتتى.
    شۇنداق بالام، تېلېۋىزوردا قويىدىغان كىنونى دەۋاتىمەن، بىز ھازىر رولغا چىقىۋاتىمىز، بىز ئارتىس بولدۇق، چۈشەندىڭمۇ ئوغلۇم؟
    بالا كۈلدى ۋە:
    كىنوغا ئېلىپ بولسا بىز تېلېۋىزوردا چىقىمىز ، ھەممە ئادەم بىزنى كۆرىدۇ شۇنداقمۇ؟
    شۇنداق قوزام، ئۇ چاغدا ھەممە كىشى سېنى تونۇۋالىدۇ، نۇرغۇن بالىلار بىلەن دوست بوپ قالىسەن ...، — بالا خۇش بوپ كەتتى:
    بەك ياخشى بولدى.
    شۇڭا بىز رولغا ياخشى چىقىشىمىز كېرەك، سەن يىغلىماسلىقىڭ، قورقماسلىقىڭ كېرەك.
    ئاپا، مەن يىغلىمايمەن ھەم قورقمايمەن. بىز دېگەن كىنوغا رول ئېلىۋاتىمىز، نېمە دېگەن ياخشى!
    ئانا ئەلەملىك كۈلۈمسىرەپ قويدى. ھازىر ئانا-بالا ئىككەيلەنگە باشقىلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى. قۇتقۇزغۇچىلار كەلگۈچە ئۇلار تەمكىن تۇرۇپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى.
    قاراڭغۇ چۈشتى، قۇتقۇزغۇچىلاردىن ئەسەر يوق ئىدى. ئانا سىرتتا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيتتى، بىزنى قۇتقۇزىدىغانلار چىقارمۇ دەپ ئويلايتتى، ئوغلى ئۇخلاپ قالدى، ئۇ ئىختىيارسىز يېنىككىنە يىغلىدى، ئۆزىنىڭ بارغانسېرى چارچاپ ھالىدىن كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، بەدەنلىرىمۇ بارغانسېرى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى. ئۇ ئوغلىنىڭ يارىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتتى، ئوغلىنىڭ يېنىك نەپىسى ئۇنىڭ تىرىكلىكىدىن دېرەك بېرىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ئوغلى ھايات بولغاندىكەن ئۇ ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزسە بولمايتتى.
    قاچاندىدۇر ئۇمۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئويغىنىپ يورۇقلۇقنى كۆردى، ئەمما ئۇ توڭلاۋاتتى، ئۇ گويا ئۆزىنى ئۆلدۈم دەپ قالدى، پەقەت ئاغرىق ئازاۋى ئۆزىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى ئېسىگە سالدى. ئۇ يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى سەزدى. شۇنىڭ بىلەن سەل جىددىيلىشىپ قالدى، بۇ چاغدا ئوغلىمۇ ئويغاندى، ئويغىنىپلا:
    ئاپا، توڭلاپ كەتتىم، نېمانداق سوغۇق، دېدى.
    قورقما بالام، ھەرگىز قورقما! كىنوغا ئېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ...
    يەنە قاچانغىچە ئالىدۇ؟ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى.
    بىراز چىدايلى، سەل تۇرۇپلا ئېلىپ بولىدۇ، تۈگىسە سېنى ئاشپۇزۇلغا ئاپىرىپ تاماقلاندۇرىمەن.
    بولدىلا، رولغا چىقمايلىچۇ، بەك توڭلاپ كەتتىم ...
    مانا ھازىرلا تۈگەيدۇ، بىردەم چىدىغىن بولامدۇ قوزام؟
    ئاپا، كىنو ئىشلىسە تاماق يېمەي، مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق ئىشلەمدىكىنا؟
    شۇنداق بالام، بىز رولغا چىقىۋاتقان كىنو بەك قالتىس، كىنو قويۇلسا كۆپچىلىك ھەممەيلەن سېنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ھەممە كىشى سېنى كىچىك قەھرىمان دەپ ماختىشىدۇ.
    مەن باتۇر قەھرىمان بولىمەن!
    بولدى، ئەمدى گەپ قىلمىغىن، جىمجىتلىقنى ساقلايلى، كىنوغا ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمايلى! — بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىم بولدى.
    يامغۇر تېخىچە ياغماقتا، شىلدىرلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر سۈيى يىغىلىپ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى، ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ كىيىمى پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتتى، بەدەنلىرىمۇ مۇزلاپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئانا-بالا ئىككەيلەن مىدىر-سىدىر قىلشماي جىم تۇرۇشاتتى. ئۇلار مىدىرلىيالمايتتى، پەقەت ئاغزىنىلا مىدىرلىتالايتتى. گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتى، بىر ئېغىز گەپ قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق ئاغرىق ئازاۋى تارتاتتى.
    سىرت يەنە قاراڭغۇلۇققا پاتتى. قاراڭغۇلۇق ئانىنى ئۈمىدسىزلىككە سۆرەيتتى. نېمە ئۈچۈن تېخىچە قۇتقۇزىدىغانلار كەلمەيدىغاندۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئوغلىچۇ، ئۇ قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەر؟ ئانا قىش پارچىلىرىنىڭ ئارسىدىن ئوغلىنى غۇۋا كۆردى، ئۇ ئوغلىنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزىنى كۆردى. بالا ھېچنېمىنى بىلمەيتتى، چۈنكى ئۇ ئانىسىغىلا ئىشىنىدۇ-دە. ئانا ئۆز-ئۆزىگە: غەيرەت قىل، بەرداشلىق بەر، چۈنكى سەن دېگەن ئانا! دەپ خىتاپ قىلاتتى.
    تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئانا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى، ئۇ سىرتتا ئادەملەرنىڭ ماڭغان ئاۋازى ۋە بىرىنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئانا كۈلدى، قۇتقۇزغۇچىلار كەلگەنىدى. ئۇ جېنىنىڭ بېرىچە ۋارقىرىدى:
    بىز بۇ يەردە ...
    ئۇ قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ ئاڭلىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بار ئاۋازىنى ئىشقا سالدى. قۇتقۇزغۇچىلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى:
    بىز سىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدۇق، يەنە بىر دەم چىداڭلار.
    بۇ چاغدا بالىمۇ ئويغاندى:
    ئاپا، ئادەم كەلدى!
    بىزنىڭ كىنو ھازىرلا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولىدۇ، قورقما بالام!
    ئاپا، بۇندىن كېيىن بۇنداق كىنوغا چىقمايلى، ماقۇلمۇ؟
    ماقۇل، چىقمايلى بالام ...
    يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئانا-بالا ئىككەيلەن قۇتقۇزۇپ چىقىلدى. بالا بىرمۇنچە ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
    پاھ، ئەجەب جىق ئادەم كىنو ئىشلەشكە قاتنىشىپتۇ-ھە!
    بەزىلەر ھەيران قېلىشىتى:
    كىنو ئىشلەش؟
    ئانا بولغان ئىشلارنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى:
    بالامنى قورقۇپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، كىنو ئىشلەۋاتىمىز دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم!
    ياش ئانا سۆزلەپ بولۇپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى، بۇ بىر مەيدان كىنو ئۇنى قورقۇتقان ئىدى، ئۇنى ھالاك قىلىشقا تاسلا قالغان ئىدى. ئەمما، شەك شۈبھىسىزكى ئۇ ماھىر رولچى، مۇنەۋۋەر ئانا ئىدى.

    چاڭجاڭ ئەدەبىيات سەنئەت نەشرىياتى 2011-يىل 1-ئايدا نەشر قىلغان«جۇڭگودىكى2010-يىللىق مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ناملىق توپلامدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: