• 2011-05-25

    تاڭ سېڭنىڭ قەدىر-قىممەت ئېلىنى ئىزدىشى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/130372574.html

    تاڭ سېڭنىڭ قەدىر-قىممەت ئېلىنى ئىزدىشى

    (فېليەتون)

    ليۇ شىڭيۈ

    ئامىتا بۇددانىڭ ئىككى دانىشمەنى سوۋغاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ نوم ئالغىلى كەلگە تاڭ سېڭنى مەزمۇنسىز قۇرۇق نوم بىلەن يولغا ساپتۇ. ئۇستاز-شاگرت تۆتەيلەن نوملارنىڭ قۇپ-قۇرۇق تۇرغىنىنى بايقىغاندىن كېيىن ئامىتا بۇددانىڭ يېنىغا كېلىشىپتۇ. ئامىتا ئۇلارغا:

    — ھەقىقىي نومغا شۇنداق ئاسان ئېرىشكىلى بولاتتىمۇ، ھەر قايسىڭلار چوقۇم قەدىر-قىممەت ئېلىگە بېرىپ قەدىر-قىممەت ئاتلىق گۆھەرنى ماڭا ئەكىلىپ بەرسەڭلار ئاندىن ھەقىقىي نومغا ئېرىشەلەيسىلەر، — دەپتۇ. تۆتەيلەر ئىلاجىسىز ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆمەك خورى « يوللار قاياقتا دەپ سورايمەن ھەر قاچان» نى توۋلىشىپ يەنە يولغا راۋان بولۇشۇپتۇ.

    ئۇستاز-شاگرتلار سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ نۇرغۇن جەۋرلەردىن كېيىن بىر ئەلگە يېتىپ كېلىشىپتۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قاپقارا كىيىم كىيىشىۋالغان، ئۆرۈۋېتىلگەن ئۆيلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، ئاسمان پەلەك بىنالارمۇ ھەر تەرەپتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كۆزى ئىتتىك بولغاچ بىنادا بىر ئايالنىڭ چاقماق بىلەن ئۆزىگە ئوت يېقىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن تاڭ سېڭ ھەيران بولۇپ، سەۋبىنى سۈرۈشتۈرگەنىكەن، ئەسلىدە ئۇ قىز ئۆيىنى مەجبۇرىي چاققۇچىلارغا مۇشۇ ئۇسۇلدا قارشىلىق بىلدۈرىۋاتقانىكەن. ئۇلار ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ تۇرغانلىقىنى ئۇچرىتىپتۇ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكىسى تۇرغۇدەك. ئەسلىدە بۇلار شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ تەلۋىلەرچە قۇرۇلۇش قىلىشنى توسۇۋاتقانىكەن، 200دىن ئارتۇق كىشى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ مەكتەپنى قوغداۋېتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار سىنىپقا كىرىپ بالىلارغا دەرس بېرىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۆي چاقىدىغان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئۇلارنىڭ مەكتەپ تېمىنىڭ ئۇلىنى توختىماي كولاۋەرگەن، نەتىجىدە 10 نەچچە ئوقۇتقۇچى ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان، كۆپچىلىك قورققىنىدىن ۋارقىرىشىپ كېتىشكەندە، خوجايىن قول ئاستىدىكىلىرىگە مۇنداق دېگەن:

    — كولاۋېرىڭلار، توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار كۆمۈلۈپ قېلىپ ئۆلسە ئۆزىنىڭ شورى.

    تاڭ سېڭسۈرۈشتۈرۈپ بىلدىكى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى قارا رەڭلىك كىيىم كىيىشىدىغان بولۇپ، بۇ يۇرتنىڭ نامى قارا كىيىملىكلەر ئېلى دېيىلىدىكەن، بۇ قارا كۆڭۈللەر ئېلى دېگەندىن بىشارەت بېرىدىكەن. بۇ يەردە ئۆي چاققۇچىلار بىلەن يەر ساتقۇچىلار ھاكىمىيەتنى باشقۇرىدىكەن، كىمدە-كىم ئۇلارنىڭ ئۆي چېقىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمايدىكەن، ھەتتا ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن تارتىپ ئىشتىن قالدۇرۇلىدىكەن. بۇنى بىلگەن تاڭ سېڭ شۇ ھامان قوللىرىنى جۈپلەپ:

    — ئامىتابا، گۇناھ، گۇناھ. بۇ قارا كىيىملىكلەر ئېلىدە پايدا-مەنپىئەتنى دەپ ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن، قەدىر قىممەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن. بۇ يەردىن قەدىر قىممەتنى تاپقىلى بولمايدۇ، تېز كېتەيلى، — دەپتۇ-دە، يولىغا راۋان بولۇشۇپتۇ.

    ئۇلار بىرەر ئاش پىشىمچە ماڭمايلا بىر يۇرتقا كېلىشىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەيۋەتلىك بىر قوۋۇق تۇرغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىدە : ئادالەت ئېلى دەپ يېزىلغانىكەن. قوۋۇقنىڭ يېنىدا بىر تەكشۈرۈش كۆزنىكى بولۇپ، بىر ياش يىگىتنى باشقىلار توسۇۋېلىپ سىرتقا چىقارمايۋاتقانىكەن. يىگىت نېمىشقا چىققىلى قويمايدىغانلىقنى سورىۋىدى، ئۇنىڭ كىملىكى تارتىۋېلىندى. تاڭ سېڭ بىر چەتتە تۇرۇپ ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ شۇنى بىلدىكى يىگىتنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ «پىل كۈچى سېھرى»نى سېتىۋالغانىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ پىل كۈچى سېھرى كىشىنى تېز سۈرئەتتە باي قىلارمىش، بىرىنچى كۈلكە چولپىنى تېلېۋىزوردا بۇ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرغانىكەن. «پىل خەلقى» رەھبەرلىرىنىڭ بىر دەم تېلېۋىزورغا چىقىشى، بىردەم باش مىنىستىرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، تاملارغا تەقدىرنامىلارنى قاتار ئېسىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ بۇ مەھسۇلاتتا زور ئۈمىد باركەن، مەبلەغ سالساق زىيان تارتمىغۇدەكمىز، دەپ ئويلىشىپ بەس-بەستە «پىل كۈچى سېھرى»گە مەبلەغ سېلىشقان. خۇددى پۇلىنى ئالماسلىقىدىن قورققاندەك بەزىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىمۇ دەسمى قىلىپ سېلىشقان، بەزىلىرى ئۆيلىرىنى سېتىشقان. ئەمما بىر كۈنلىرى بۇ كارخانا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ گويا غايەت زور پىل يىقىلىپ بىر توپ چۈمۈلىنى مىجىپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندەك ئىش بولغان، ئەھۋال ئېچىنىشلىق ئىدى. بەزىلەر بالىنىستقا كىرىپ قېلىشقان، بەزىلەر ئۆزلىرىنى تورۇسقا ئېسىۋېلىشقان، گويا قىيامەت قايىم بولغان ئىدى. زىيانغا چىدىمىغان خەلق مۇشۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلىشقا قىيماي، تەرەپ-تەرەپكە ئەرز قىلىشقان. بەزىلەر ئالدامچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چارىسىز بولغان بىلەن ئالدانغۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چارىسى مىڭ خىل. چېرىكلەر بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھەپسىگە ئېلىشتى، بەزىلرىنى بولسا روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا سولاشتى. يۇقىرىغا ئەرز قىلغۇچىلارنى باشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق «پىل خەلقى»نىڭ كىملىك ئۇچۇرى كومپىيۇتېرغا تولۇق كىرگۈزۈلدى، شەھەردىن چىقىشقا توغرا كەلسە «پىل خەلقى»لا بولىدىكەن شەھەردىن چىقارمىدى. كىملىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئارىيەتكە ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ رۇخسەت قىلىمىدى، كىم سىزنى كىملىكىڭىزنى ئارىيەتكە بەرسۇن دەپتۇ، خوپ بولدى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن، قۇيقا چاچلىرى تىكلىشىپ كېتىپتۇ، ۋە تېرىككىنىچە توۋلاپتۇ:

    مۇشۇنداقمۇ ئادالەتسىزلىك بولامدۇ، تېخى ئادالەت ئېلىمىش، تۈفىي، بۇنداق يەردە قەدىر-قىممەتتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، تېز كېتەيلى، ماڭايلى، ئاچچىقتا بوغۇلۇپ قالمايلى يەنە.

    ئۇلار توختىماستىن يول يۈرۈپ بىر يۇرتقا كېلىشىپتۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بېشىغا تاجى تەلپىكى كىيىۋېلىشقانىدى، دېمەك بۇ تاج تەلپەك ئېلىكەن. ئۇلار بىر يىغىن زالىغا كىرىپ قاپتۇ، بۇ يەردە بىر ئىدارە باشلىقى سايلىنىۋاتقانىكەن، سايلام بېلىتىدە پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ئىسمى بارىكەن. رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ سايلام بېلىتىگە ئىسمى يېزىلغان كىشىنىڭ ئىدارە باشلىق بولۇشىغا قوشۇلىدىغانلار بېلەتكە ھېچقانداق بەلگە قويمىسىمۇ بولىدۇ، قوشۇلمايدىغانلار ئىسىمنىڭ ئاستىغا خاتا بەلگىسى قويسا بولىدۇ، دەپ جاكارلاپتۇ. تۆۋەندىكەلەر بىر بىرىگە يېقىن ئولتۇرشقان بولۇپ، سەھنىدىن ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئېنىق كۆرىنىدىكەن. كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن گۇمانلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغان جايىدا قىمىر قىلىشمايتتى، ئاندىن بەلگە سېلىنمىغان سايلام بېلىتىنى ساندۇققا تاشلاشتى. بىر دەمدىن كېيىن سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، سايلام نامزاتى ساڭ مېنشېن تولۇق ئاۋاز بىلەن ئىدارە باشلىقلىقىغا سايلاندى. يېڭىدىن سايلانغان ئىدارە باشلىقى كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەندە، سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەپ كەتتى، بۇ ھېلىقى كېكەچ سانغۇننىڭ قول ئاستىدىكى چىشى چاشقانغۇ؟ بۇ ئەتىدىن كەچكىچە باشقىلارنىڭ ئاشلىقىنى ئوغرىلايتتى، ھەتتا: كىملەرنىڭ نېمىسىنى ئوغرىلىدىم، سېتىۋەتتتىم، يۈرىن سۇلتاننىڭ جىيەن قىزىنىڭ ئوغلىنىڭ قېينى ئىنىسى مېنىڭ يېزنەم بولىدۇ، ھەر قايسىڭ قانداق قىلىشالايتتىڭ،  دەپ كۆرەڭلەيتتى. مانا مۇشۇنداق بىر ئەبگا بۈگۈن ئاشلىق ئىدارىسىغا باشلىق بولدى. جۇباجيېنىڭ ئاچچىق تۈۋىدىن قوپتىدە، مۇنداق دېدى:

    — بۇنداق ھېلە نەيرەڭ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدۇ، كىمنى باشلىق قىلغۇڭ بولسا بىۋاستە ئېلان قىلساڭ بولمىدىمۇ، كىشىنى ئەخمەق قىلىپ نېمە كەپتۇ؟ چىشى چاشقان ئاشلىق ئىدارىسىغا باشلىق بولسا ئاشلىق ساق تۇراتتىمۇ؟ تاج تەلپەك ئېلىمىش تېخى، بۇ يۇرتۇم گاۋ لاۋجۇاڭ جاڭزىسىغا يەتمەيدىكەن.

    تاڭ سىڭ ئامالسىز شاگرتلىرىنى باشلاپ يولغا چىقىپتۇ.

    كۈن مەغرىبكە ئولتۇرغان مەھەلدە ئۇلار بىر يۇرتقا يېتىشىپتۇ. بۇ ئەلنىڭ دەرۋازىسى ناھايىتى ھەشەمەتلىك بولۇپ، سىرتى چەمبەر شەكلىدە، ئىچى كۋادرات شەكلىدىكى يوچۇق ئىكەن. ئوڭ تەرەپتە زىندان بولۇپ، ئىشىك باقار ئۇلارغا ھەر قانچە چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزسىمۇ پەقەت پۇل بولسىلا جازا مۇددىتىنى كېمەيتكىلى، پۇلغا تاينىپ زىنداندا راھەت-پاراغەتتە ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. زىنداننىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۆستەڭنىڭ سۈيى بۇلغىنىپ بەدبۇيلىشىپ كەتكەن، سۇ يۈزىدە بىر قەۋەت ماي پارقىراپ تۇرغان. تاڭ سېڭ ھەيرانلىقتا مۇھىت ئاسراش ئىدارسىنىڭ كارى يوقمىكىنە؟ ئۇلار نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاپتۇ. ئىشىك باقاردىن سورىۋېدى، ئىش ئايان بولدى، مۇھىت ئاسراش ھەققىنى تاپشۇرسىلا سېسىق سۇلارنى قانچىلىك قويۇپ بەرسە بولىۋېرىدىكەن. ئىشىك باقار يەنە مۇنداق دەپتۇ:

    — مۇبادا ھەممە كىشى بۇلغىما سۇ قويۇپ بەرمىسە، مۇھىت ئاسراش ھەققىنى كىمدىن يىغقۇلۇق ؟— بۇنى ئاڭلىغان شاسېڭ مۇنداق دەپتۇ:

    — پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. پۇلۇڭ بولسا ھەر نېمە قىلساڭ ئۆز ئەركىڭ دېگەندەك يەركەن بۇ، قەدىر-قىممەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىغۇدەك، يۇمۇلاق-چاسا ئېلى دېسەك بولغۇدەك.

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئامالسىز يولىغا راۋان بولۇشۇپتۇ.

    ئۇستاز-شاگرت تۆتەيلەن جاھاندا قەدىر-قىممەت ئېلىنى تاپالمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەي، «يېلىيا» ناخشىسىنىڭ نوتىسىغا يېڭى تېكست سېلىپ بولىشىغا توۋلاپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشۇپتۇ: «قەدىر-قىممەت ئېلى، قەدىر قىممەت ئېلى مەن سېنى تاپماي قويمايمەن!»

     

    ليۇ شىڭگو ئىمزالىقىىدىكى بۇ يازما ئەسلى «شاڭخەي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش گېزىتى»نىڭ 2010-يىلى 2-ئاۋغۇست سانىغا بېسىلغان، كېيىن چاڭجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى 2011-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلغان «جۇڭگودىكى 2010-يىللىق تاللانغان فېليەتونلار» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.

    «جۇڭگودىكى 2010-يىللىق تاللانغان فېليەتونلار» ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: