• 2011-01-24

    32-ئىيۇل - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/101738425.html

    32-ئىيۇل

    [ئامېرىكا] رىك نېتزېل

     

    رىك نېتزېل ئامېرىكىنىڭ تەشۋىشىلىك ھېكايە يازغۇچىسى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدن ئاساسلىقى «گۈزەل چاغلار»، «سىرتقا ماڭغان گۇگۇم»، «ئوڭ تەرەپتىن ئىككىنچىسى»، «ئاپتوموبىل بىلەن سەيلە قىلىش» قاتارلىقلار بار. نېتزېل ئادەم ۋە مۇھىتنى ناھاىيىتى ئاددىي تەسۋىرلەيدۇ، پىسخىك تەسۋىر يوق دېيەرلىك، ۋەقەلىك تىلىمۇ ناھايىتى ئاددىي، كىتابخانغا كەڭ ئويلىنىش پۇرسىتى قالدۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنى كىتابخان خالىغىنىچە تەسەۋۋۇر قىلسىمۇ، ھۆكۈم قىلسىمۇ بولىدۇ.

     

    مەن ھەر يىلى باشقىلاردىن بىر كۈن ئارتۇق ياشايمەن، بۇ ئارتۇق كۈن تۇنجى قېتىم 1988-يىلى پەيدا بولدى.

    ئۇ يىلى توققۇز ياشقا كىرگەن چېغىم ئىدى، «تۈگىمەس ھۇزۇر » بېغىشلايدىغان ۋاكانابى يازلىق لاگىرىنىڭ ماگىس خاۋك ئورمانلىقىدا يازلىق لاگىرغا قاتنىشىۋاتقانىدىم. ئۇ چاغدا ئانام يېڭى توي قىلغان ئېرى رونالد مايك گۇففىي بىلەن (مەن ئۇنى «رون» دەپ چاقىراتتىم) ھاۋايغا شىرىن ئاينى ئۆتكۈزۈشكە كەتكەنىدى، مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆگەي دادام رون مېنى بۇ لاگىرغا ئەكىلىپ قويغانىدى. ئۇلار دېڭىز ساھىلىدا ساياھەت قىلىشىپ ئارام ئېلىشتى، مەن 12 ئوغۇل بالا بىلەن بۇ بۇ يەردە ياغاچ ئۆيگە سولىنىپ مارجان گۈللۈك ئىندىئان چورۇقى تىكىشنى، تاماكا چېكىشنى(تاماكىنى جوننىي فىچ ئانىسىنىڭ سومكىسىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەنىكەن) ئۆگەندىم. باشقا بالىلار بۇ يەردە 14 كۈن تۇرۇشتى، مەنلا 15 كۈن تۇردۇم.

    ئەسلىدە 1-ئاۋغۇست كۈنى بولۇشقا تېگىشلىك كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قارىسام، ياغاچ ئۆيدە يالغۇز قاپتىمەن. بۇ كۈنى باشقا چاغلاردىكىگە پەقەت ئوخشىمايتتى، ئادەتتە ۋاراڭ-چۇرۇڭغا چۆمىدىغان لاگىر بۈگۈن جىم جىتلىققا چۆمگەن، تالادا بىرەر قۇچقاچمۇ كۆرۈنمەيتتى، ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىپ ئاشخانىغا ناشتىلىققا مېڭىشقان بالىلاردىن ئەسەرمۇ يوق، بالىلارغا «تىيىنغا تاش ئاتماڭلار» دەپ كايىشىدىغان باشقۇرغۇچىلارمۇ كۆرۈنمەيتتى، ھېچ نەرسىدىن ئەسەر يوق، پۈتكۈل لاگىر رايونى جىم-جىتلىققا چۆمگەن ئىدى. خوشنا كارىۋاتلاردا بىرمۇ بالا يوق، كارىۋات كىرلىكلىرى رەتلىك، تەكشى تۇرىدۇ. ھەر بىر كارىۋاتنىڭ تېگىدە تەنھەرىكەت ئايىغى، سېپىۋالدى ئاياغ، يەنە ئاۋۇ يىرگىنىشلىك ئىندىئان چورۇقى قاتار تىزىقلىق. قارىغاندا بالىلار يالاڭئاياق چىقىپ كېتىشكەن چېغى.

    كىيىملىرىمنى كىيىپ، چىشىمنى چوتكىلاپ، ئاشخانىغا ماڭدىم، ئاشخانىدا بىرمۇ ئادەم يوق، بالىلارمۇ، باشقۇرغۇچىلارمۇ، ھەتتا ناشتىلىقمۇ يوق. ئاشخانىدىن بىر يېشىك سۈت بىلەن بىر قۇتا ئالما براندىسىنى ئېلىپ چىقتىم-دە ئولتۇرۇپ قورسىقىمنى تويغۇزۇشقا باشلىدىم. قارىغاندا باشقىلارنىڭ مەن بىلەن ئوينىغۇسى يوق ئوخشايدۇ، ئۇنداق بولغاندىكەن ئۇلار كەلگىچە مەنمۇ خالىغىنىمنى قىلىپ ئوينىۋالمايمەنمۇ. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كالا سۈتىگە چىلانغان سۇلۇ يارمىسىدن ئىككى قاچا ئارتۇق ئىچىۋالدىم، يەنە ئىچەي دېگەنىدىم، بۇنچىۋالا سۈت قورسىغىمنى غولدۇرلىتىپ ئارامىمنى قويمىدى.

    پۈتۈن بىر كۈننى ئۆزۈم يالغۇز ئۆتكۈزدۈم. قۇتقۇزغۇچى يوق ئەھۋالدا سۇغا چۈمۈلۈۋالدىم(بۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزسەك ئاتا-ئانىمىزغا ئېيتىلاتتى)، يەنە تېخى ئوقيا ئېتىش مەيدانىدا تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ چېپىپ ئوينىۋالدىم(ئادەتتىكى چاغلار بولسا بۇنداق قىلساق باشقۇرغۇچىلار قورقۇپ ۋارقىرىشىپ كېتىشەتتى).

    كەچ كىرشىكە باشلىغاندا تەشۋىشلىنىپ ئازراق قورقۇشقا باشلىدىم، چۈنكى كۈندۈزدە قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئورمان لاگىرىدا ھەر تەرەپنى ئايلىنىش ھېچ گەپ ئەمەس، ئەمما كېچىدە ئورمانلىقتا يالغۇز تۇرۇش بۇ باشقا گەپ بولۇپ ئادەمنى تىترەك باسىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، پۇت-قولۇمنى چۈشەپ قويۇپ پۈتۈن بىر كۈن «قىيىن-قىستاق»قا ئېلىنساممۇ باشقىلارغا بۇ قورقۇنچۇمنى ھەرگىز ئىقرار قىلمايتتىم. تەلىيىمگە بۇ يەردە مەندىن باشقا ھېچ كىم يوق ئىدى.

    مەن ياغاچ ئۆينىڭ ھەممە چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋېتىپ، يوتقىنىمغا كىرىپ يېتىۋالدىم. ئىشىك تۈۋىدە ئازراق شەپىنى سەزسەم، قۇلاقلىرىم دىڭ بولۇپ كېتەتتى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئون نەچچە رەت تەكرارلانغاندىن كېيىن كاللامنى بۇلاڭچى، تاشقى پلانت ئادىمى، دېڭىز قاراقچىسى ۋە ئالۋاستى يەنى: «قان ئىچەر ئەسەبىي ئالۋاستى جەيسون»، «ئاخىرلاشتۇرغۇچى ئالۋاستى» دېگەندەكلەر چىرمىۋالدى. يېرىم كېچە بولاي دېگەندە ئاندىن خىرە-شىرە ئۇيقىغا كەتتىم.

    ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا قوشنا كارىۋاتتىكى بالا يۈزۈمگە بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ چېچىۋەتتى، مەن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن:

    تۈنۈگۈن نەگە كەتتىڭلار، دەپ سورىدىم.

     ئۇلار مېنىڭ سوئالىمنى ئاڭلاپ مېنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ قېلىشتى بولغاي، قاھقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، مەن قايتا-قايتا ئەستايىدىللىق بىلەن سوراۋەرگەندىن كېيىن ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشتى. مەن ئامالسىز يىغلاپ تاشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى تېخىمۇ مازاق قىلىشقىلى تۇردى، بىر باشقۇرغۇچى بۇ قىقاس چۇقاننى ئاڭلاپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ يېنىمىزغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بولدى قىلىشتى. باشقۇرغۇچىلار بىر مەيدان تالاش تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى مېنىڭ چۈشۈمگە چىقىرىۋېتىشتى، ھەمدە مەن بېسىقىغا چۈشسەملا ئاتا-ئانامغا خەۋەر قىلمايدىغان بولۇشتى. ئۇلاردىن مېنى ھاۋايغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندۈم، لېكىن ئۇلار مېنى ئاشخانىغا ئەكىرىشتى.

    ئىككى كۈندىن كېيىن لاگىر ئاياقلاشتى، ئۆيگە قايتىپلا مەن ئۇ «چۈش»نى ئۇنتۇپ كەتتىم، ئىككىنچى يىلى يەنە ئېسىمگە كەلدى.

    1989-يىلى 32-ئىيۇل. مەن 10 ياشقا كىرىدم، بۇلتۇرقىدىن بىر ياش چوڭ بولدۇم ، ھەم خېلى ئەقىل تاپتىم. مەن يەنە ۋاكانابى يازلىق لاگىرىغا كەلدىم(بۇ نۆۋەت ئانام بىلەن رون كېمە بىلەن ساياھەتكە كەتكەنىدى)، باشقا لاگىرداشلىرىم بىلەن بىرگە ئوغۇرلاپ كەلگەن مارلبورو ماركىلىق تاماكا(ئۆتكەن يىلى جونىي فىنچ بىر پاچكا تاماكا ئوغۇرلاپ كەپتىكەن)نى چېكىشىپ بىر يىلدا قانداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز توغرىسىدا پو ئېتىشتۇق. رېدگې پېتېرسون ئۆزىنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان بىر قىزنى سۆيۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بىز ئۇنىڭ لاپ ئۇرغانلىقىنى بىلەتتۇق، چۈنكى ئۇنىڭ چىشلىرى پولات سىم بىلەن قىلېپلاغلىق بولغاچقا ھەر قانداق قىزنى سۆيسە ئۇنىڭ لېۋىنى تىتىۋېتىدۇ. بۇ قېتىم مەن ئەتىگەندە يالغۇز ئويغانغان چېغىمدا قىلچە جىددىيلەشمىدىم، چۈنكى بۇنىڭ چۈشۈم ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، باشقىلار يېنىمدا بولمىسا پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋالالايدىغانلىقمنىمۇ بىلىمەن. باشقۇرغۇچى ۋېللنىڭ ساندۇقىدىن يەل مىلتىقىنى ئېلىپ، بىر كۈن كەچكىچە قارغا ئېتىپ ئوينىدىم. گەرچە بىرەر تىيىن ياكى قۇچقاچ چاغلىق نەرسىنى سوقالمىغان بولساممۇ، دەرخلەرگە ۋە كولا قۇتىلىرىغا قارىتىپ راسا ئېتىۋالدىم.

    بۇ يىل ھەر كۈنى كالىندارنىڭ چىسلاسىغا بەلگە سېلىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ھەر كۈنى كەچلىك تامىقىمنى يەپ بولۇپلا قىزىل قەلەم بىلەن ئاشخانىدىكى كالىندارنىڭ شۇ كۈنلۈك چىسلاسىغا خاتا بەلگىسى سېلىپ قويدۇم. ئاشۇ كۈنى كەچتە ئازراق يەر ياڭىقى مۇرابباسى، ساندىۋىچ ۋە بەرەڭگە توغرامچىسى يېدىم، ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن «1989-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى پەيشەنبە» دېگەننىڭ ئۈستىگە بەلگە قىلىپ قويدۇم.

    ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئويغانسام كۆپچىلىك قايتىپ كەپتۇ. بۇلتۇر يىغلىغىنىم ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىغاچقا مەن ئازراق ھېلى ئىشلەتىم، بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دېمەي سىر تۇتتۇم. شۇغىنىسى، ئاشخانىغا كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم! كالىندار ئىشىكنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئىدى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى دېگەن يەردە ھېچقانداق بەلگە يوق تۇرىدۇ. مەن سىزغان خاتا بەلگىسىنىڭ ئىزناسىمۇ يوق، ھەتتا ئاخشام پەشخۇنغا چېچىۋەتكەن مېۋە ئۇيۇمىسىدىن ئەسەرمۇ يوق. كالىندار قەغىزى ئاشخانىنىڭ پەشخۇنىغا ئوخشىمايدۇ، سىياھمۇ ئۆچۈپ كېتەمدۇ، مەن كالىندارغا قارىغىنىمچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم، بىر چاغدا رىچ مۇرەمدىن تۈرتۈپ مۇنداق دېدى:

    — ھاڭۋاقتى، يولنى توسما.

     ئۇنىڭ قېلىپلاقلىق چىشىدىن چىققان «ھاڭۋاقتى» دېگەن سۆز بىر ھازاغىچە باشقىلارنىڭ دوراپ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىدى، باشقۇرغۇچى جىملىگەندىن كېيىن جىم بولۇشتى. ھېچكىم بۇ يەردە نېمىشقا تۇرغىنىمنى سورىمىدى، مەنمۇ دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.

    شۇغىنىسى بۇ قېتىمقى ئىشنى يىل بويى ئۇنتالمىدىم. ئىككىنچى يىلى، يەنى 1990-يىلىدىكى يازلىق لاگىردىكى ئاشۇ كۈنىدە، مەن كالىندارنى تامدىن ئېلىپ كىرلىكىمنىڭ ئاستىغا باسۇرۇۋالدىم، ئەمما ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە كالىندار يەنە ئۆز جايىدا تۇراتتى. 1991-يىلىدىكى شۇ كۈندە كالىنداردىكى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى(ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)گە كىچىككىنە بەلگە سېلىپ قويدۇم، ئۇندىن باشقا ھېچنېمىگە تەگمىدىم، ئەمما ئىككىنچى كۈنى قارىسام ئۇ بەلگىمۇ يوق. قارىغاندا 32-ئىيۇل كۈنى قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى بەئەينى رەسمىي كالىندارغا ئەمەس كالىندارنىڭ كۆپەيتىلمىسىگە بەلگە سالغاندەك بىكارغا كەتكەندەك قىلاتتى. رەسمىي كالىندار يەنىلا 31-ئىيۇلغا قايتىپ، 1-ئاۋغۇستنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى. كالىندار شۇنداق تۇرسا باشقا ئىشلارمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە.

    ھەتتا ئۆزۈممۇ شۇنداق بولدۇم.

    ۋاكانابى يازلىق لاگىرىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بارغان يىلى يەنە شۇنداق بولامدۇ دەپ ئويلىدىم، نەتىجىدە يەنە شۇنداق بولدى. بۇ قېتىم نۇرغۇن چارىلارنى ئىشلەتتىم، ئەتەي ياغاچ ئۆينىڭ ئەتراپىغا ئاۋارىچىلىق تۇرغدۇرىدىغان  كاشىلىلارنى(ئانچە چوڭ ئاۋارىچىلىقمۇ پەيدا قىلمايتتى) ياساپ قويدۇم. تاملارغا خەت يېزىپ قويدۇم، تەخسە-قاچىلارنى چاقتىم، ئارقا ھويلىغا بەزى نەرسىلەرنى كۆمۈپ قويدۇم، مەڭگۈلۈك يالداما بولسۇن ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىلىكىمگە گۈل چەكتىم.

    ئەتىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىزناسى يوق.

    كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا مەن يەنە بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرغا ئىگە سىناقلارنى قىلدىم، يىلدىن يىلغا ئېغىر ئىشلارنى قىلدىم. ئۆيىمىزنىڭ مېھمانخانىسىدىكى رەڭلىك دەرپەر ئەينەكنى چېقىۋەتتىم، ھۇجرامدىكى تامغا قالايمىقان رەسىملەرنى سىزدىم، چاقماقنىڭ مېيىنى چېچىپ ھويلىدىكى چۆپلۈككە ئوت قويۇۋەتتىم(خىيالىمدىكى تەجرىبە نەتىجىسىدىن ئېشىپ كېتىپ ئىش تېرىلغىنى تاس قالدى)، يەنە تېخى جورجى ۋاشىڭتوننى دوراپ ھويلىدىكى گىلاس دەرىخىنى بىر پالتا چېپىۋەتتىم.

    ئەتىسى قارىسام يەنە ھېچقانداق ئىزى قالماپتۇ.

    بىرلا تەجرىبىنى ھەر يىلى قىلىپ كەلدىم، يەنى ئۇدا ئۈچ يىل 32-ئىيۇل كۈنى ئۇيقۇمنى قاچۇرۇپ ئىككىنچى كۈنى سەھەرگىچە ئويغاق تۇراي، دېگەن مەقسەتتە خېلى كۆپ قەھۋە بىلەن ئۆزۈم ئېچىتقان ۋىسكىدىن ئىچىۋالدىم. ئەمما بۇ ئۇسۇلمۇ كار قىلمىدى، خۇددى «كۈل قىز»غا ئوخشاش ھەممە ئىش تۈن يېرىمدىلا ئاخىرلاشتى. مەن ئۇيقىدىن ئويغانغاندا بولسا ئۆزۈمنى 31-ئىيۇل كۈنى ئەڭ ئاخىردا تۇرغان ئورنۇمدا كۆردۈم.

    1995-يىلى، 16 ياشقا كىرگەچكە پىراۋا ئالدىم. بەش يىلدىن بېرى ئوخشاشلا ھەر يىلى ھېسابقا كىرمەيدىغان 24 سائەتنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ كەلدىم، ئەمما بۇنداق ئىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مەندە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىدىم.

    مەنلا مۇشۇنداق بولغاندىمەنمۇ؟

    ئاشۇ يىلى 32-ئىيۇل كۈنى روننىڭ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقتىم. ئەسلىدە بۇنداق قاتناش يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان چاغدا ئاپتوموبىللار قىستاڭچىلىقتا توسۇلۇپ قالىدىغان ئاتلانتا شىتاتلار تاش يولى بۈگۈن ناھايىتى راۋان ئىدى.

    شەھەر مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن، مەن ئاتلانتا ھايۋانات باغچىسىنىڭ قاشا تېمىنى بويلاپ سەيلە قىلدىم، تۇرنېر كالتەك توپ مەيداننى بىر ئايلىنىپ چىقتىم. ئاپتوموبىلنى جەنۇبقا ھەيدەپ گېئورگىيە مەك دونالد داڭلىق بۇيۇملار مەركىزى يېنىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كەلدىم، مەيداندا بىرمۇ ئاپتوموبىل يوق. بۇرۇن بۇ يەرگە نەچچە رەت كەلگەنىدىم، ئۇ چاغلاردا مەيدانغا ئاپتوموبىللار لىق تولغانىدى.

    دېڭىز ساھىلىغا بارىدىغان 16-نومۇرلۇق شىتاتلار تاش يولىدىن جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. يول بويى قاراڭغۇ چۈشكىچە يولدا بىرمۇ جانلىقنى كۆرمىدىم، بىرەر قۇچقاچ، بىرەر ئىت چاغلىق نەرسىمۇ ئۇچرىمىدى. ئاپتوموبىلنى دايتونا فلورىدا دېڭىز ساھىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توختىتىپ، ئاپتوموبىلدىلا ئۇخلىدىم. بۇ يەردە پەقەت مەن ۋە دېڭىز دولقۇنىلا بار ئىدى.

    ئەتىسى ئويغانسام ئاتلانتىدا تۇرىمەن.

    2001-يىلى 32-ئىيۇل كۈنى ئەمىينى ئۇچراتتىم.

    ئۇ چاغدا، مەن ھەر يىلى خوشنامدىن «ئارىيەت» ئېلىپ كېلىۋاتقان پورسىچ ئاپتوموبىلىغا ماي جىقلاۋاتاتتىم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ ئۈچ يىل بولغان تويوتا كەمرىي ماركىلىق ئاپتوموبىلىم بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئاپتوموبىل ھەيدىسەم بولىۋەرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىۋالغۇم كېلىپ پورسىچنى ئارىيەتكە ئالغان ئىدىم. پىلانىمدا ئۇزۇنراق يول يۈرۈپ 85-نومۇرلۇق تاشيولدىن 95-نومۇرلۇق تاشيولغا چىقىپ ۋاشىڭتون، نيۇ يورك تەرەپكە ماڭغىم بار ئىدى. نيۇ يورك بۇ يەردىن تەخمىنەن 900 ئىنگىلىز مىلى كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنچىۋالا يىراققا بېرىشنىمۇ خالاپ كەتمەيتتىم.

    سايىدا تۇرۇپ ماي جىقلاش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ خەرىتە كۆرۈۋاتاتتىم، ئاپتوموبىل موتورىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا توق قىزىل رەڭلىك ئۈستى ئوچۇق فورد مۇستاڭ ماركىلىق بىر ئاپتوموبىلنى كۆردۈم. مەن توۋلىغاچ، ئاپتوموبىلىمغا چىقىپ سىگنالنى باستىم. سىگنال ئاۋازىنى ئاڭلىدى بولغاي قىزىل ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇز چىرىغى ياندى، شوپۇرنىڭ قايرىلىپ قارىغىنىنى كۆردۈم. ئۇ قىز ئاپتوموبىلىنى يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توختىتىپ، ماڭا قارىدى.

    مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي ئۇنىڭغا قول ئىشارىسى قىلدىم:

    — ياخشىمۇ سىز؟

    ئۇ ئاپتوموبىلىنى ياندۇرۇپ ماي پونكىتىغا كىرىپ توختىدى-دە قارا كۆزئەينىكىنىڭ ئۈستىدىن ماڭا قاراپ تۇرۇپ:

    — بايا مېنى چاقىرغان سىزما؟

    — شۇنداق بولمايچۇ، بۇ يەردە مەندىن باشقا ئادەم يوققۇ، — دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

    — بۈگۈن 32-ئىيۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    — شۇنداق.

    — سىزگە غەلىتە تۇيۇلمىدىمۇ؟

    — مەن ئۇنداق قارىمايمەن، مەن توققۇز يېشىمدىن باشلاپ بۇ غەلىتىلىكنى سېزىشكە باشلىدىم، — مەن ئاپتوموبىلغا يۆلەنگىنىمچە سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم، — شۇغىنىسى مەن كۆنۈپ قالدىم.

    ئۇ ئاپتوموبىلىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ چۈشتى:

    —ئىسمىم ئەمىي تياننا بېن، قوغلىشىپ باقامدۇق؟

    بولغۇسى ئايالىم ئەمىي بىلەن ئۇچرىشىش جەريانى شۇنداق بولدى.

    ئەمىينىڭ كەچۈرمىشى مېنىڭ كەچمىشىم بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئۇ مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولۇپ، 1985-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى 8 يېشىدىن باشلاپ ماڭا ئوخشاش ھەر يىلى بىر كۈننى ئارتۇق ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا نۇرغۇن تەجرىبە-سىناقلارنى قىلىپ بېقىپتۇ، ئۇ خيۇستوندا بولغاچ ئۇچرىشىپمۇ قالماپتۇق، ئۇنىڭ ئاتلانتىغا كېلىشى بۈگۈن تۇنجى قېتىمكەن.

    بۇ كۈننى بىز بىللە ئۆتكۈزدۇق، مەن نيۇ يوركقا بېرىش پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم. بىر قىز بىلەن يالغۇز بىللە بولۇش ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىش ئەلۋەتتە. ئىككىنچى كۈنى مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، بۇنىڭدىن مەقسىتىم پەقەت ئەمىينىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ بېقىش ئىدى، چۈنكى ئۇزۇندىن بېرى 32-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئىز دېرەكسىز غايىپ بولۇشى، ئەمىينى تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىمىكى، دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۇ چاغدا ئەمىيمۇ ماڭا نىسبەتەن شۇنداق تۇيغۇدا بولغان ئىكەن.

    شۇنداق قىلىپ ئالاقىلىشىپ، ئىزدىشىپ، باردى-كەلدى قىلىشىپ يۈرۈپ ئارىلىشىپ قالدۇق. بىر يىلدىن كېيىنكى 32-ئىيۇل كۈنى كەچتە بىز ئاتلانتا شاپتۇللۇق مەيدانى كاتتا مېھمانسارىيىنىڭ 72-قەۋىتىدىكى مۇئەللەق گۈللۈك ياتىقىدا بىر كېچىنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ، تونۇشقانلىقىمىزنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەشتۇق. مەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويدۇم، ھەپتە بۇرۇن سېتىۋالغان بىرىلىيانت كۆزلۈك ئۈزۈكنى سوۋغا قىلىپ ئۇنى خۇش قىلىۋەتتىم. ئەسلىدە بۈگۈن ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىدىن بەش كاراتلىق بىرىلىيانت ئۈزۈكتىن بىرنى ئېپ چىقىپ بەرسەممۇ بولاتتى، لېكىن ئۇنداق قىلسام ئۇ ئۈزۈك ئەتىسىلا غايىپ بولىشى مۇمكىن ئىدى.

    تويىمىزنى روژدېستۋو بايرىمىدا ئۆتكۈزدۇق، ئىككىنچى يىلى روژدېستۋو بايرىمىدا ئۇ ھامىلدار بولغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق بولغاندا ئىيۇل ئېيى ئىچىدە بوشىناتتى.

    دادا بولىدىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشھال ئىدم، ئەمما بالىمىزنىڭ 32-ئىيۇل كۈنى تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتىم. بالىمىز ئەمىي ئىككىمىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىپ قىلارمۇ؟ ئۇ كۈنىدە ئۇ بىز بىلەن بىرگە بولارمۇ ياكى باشقىلار بىلەن ناتونۇش بىر يەرلەردە يۈرەرمۇ؟

    2004-يىلى 32-ئىيۇل. ھامىلە (جېك ياكى ئودتو دەپ ئات قويماقچى) تۇغۇلۇش مۆلچەرىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما دوختۇر ئالدىرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. گرانت دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ 2-3 كۈن ئىچىدە باشقىچە ئەھۋال بولمىسلا تۇغۇتنى تېزلىتىش ئامالىنى قىلدىكەن، مەن 25 يېشىمدا دادا بولغۇدەكمەن.

    ئەمىينىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ بىز ئۇ كۈنىنى ئۆيدە ئۆتكۈزمەكچى بولۇشتۇق. مەن بىر ئىشلارنى قىلسام بولمايتتى، چۈنكى بۇ كۈنى نېمە قىلسام بىكار بولاتتى، چىمنى قىرقىسام ئەتىسى يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ، بوۋاقنىڭ ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىنى ئاقلىساممۇ، قاچا-قۇچا يۇيساممۇ، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى تاپشۇرساممۇ بەرىبىر نەتىجىسىز بولاتتى. شۇڭا ھېچ ئىش قىلماي ئەمىي بىلەن ئۈن-سىن دۇكىنىدىن ئارىيەتكە ئالغان DVD فىلىملىرىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم.

    ئۇ كۈنى مەن ئالايىتەن زەن قويمىغان بولساممۇ، بىردىن بىر قېپ قالىدىغىنى پەقەت كۆڭۈل قويغىنىمىزلا بولاتتى. ئۇ كۈنى ئېسىمدە قالغىنى ئوقۇغان كىتاب، ئەمىي بىلەن قىلغان پارىڭىمىز ۋە ئاڭلىغان مۇزىكىلار بوپتۇ. ئەگەرچەندە ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان كىنولارنى كۆرگەن بولساممۇ ئېسىمدە قالغان بولاتتى. يەنى كۆڭۈل قويغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قېپ قالىدىكەن. ئىلگىرى بۇلارغا ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، مۇندىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن.

    مەن ئاشۇ مۇز پارچىسىنى قارغايمەن، بىپايان ئالەمدە ئەرزىمەس بولغان كىچىككىنە مۇز پارچىسى مېنىڭ دۇنيارىمنى گويا ئاخىر زامانغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، ھەممىنى بەئەينى دىنىزاۋور غايىپ بولغاندەكلا يوق قىلىۋەتتى.

    ئۇ كۈنى يېتىشتىن بۇرۇن، ئەمىي توڭلاتقۇدىن ئىچىملىك ئالغۇچە ئاشۇ قاغىشتەككۈر مۇز پارچىسىغا تېيىلىپ كېتىپ، بالىمىز تۇغۇلدى، نېمە دېگەن ئاسان ئىش ھە. بىر مىنۇتنىڭ ئالدىدا ھەممە ئىشلار جايىدا ئىدى، شۇ بىر مىنۇتتىن كېيىنلا ئۇ بىرلا توۋلاپ يىقىلىدىدە، ھەممە يەر قانغا بويالدى، قان بەك كۆپ ئېقىپ كەتتى.

    مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىشقا سالدىم، بەرىبىر دوختۇر ئەمەسمەن. مەن ئەمدىلا قاننى توختىتىشىمغا ئۇنىڭ بالياتقۇسى يىغىلىۋالدىدە، قان يەنە ئېقىشقا باشلىدى. مانا شۇ چاغدا بىزنىڭ ۋاقتىمىز توشۇپ قالدى، يېرىم كېچىنىڭ داڭ ئاۋازى ياڭرىدى، ھەممە بىكار بولدى. ئۇيقىدىن ئويغانسام، كارۋاتتا ئۆزۈملا قاپتىمەن.

    ئۇ(ئۇلار)نىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدىم، بەلكىم ئۆلۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، بىر يەرلەرگە قاپسىلىپ قېلىپ 1-ئاۋغۇست كۈنى قايتىپ كېلەلمىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇندىن ئېتىبارەن ئەمىينى كۆرمىدىم.

    بەلكىم بۇ يىل ئىيۇلدا جاۋابى بولۇپ قالار. يەنە ئالتە ئايدا ئۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. ھەرقانداق بەدەل تۆلىشىمدىن قەتئىينەزەر ئۇنى چوقۇم تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىمەن.

     

    «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    بۇ ھېكايە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىندى. 


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ،سىزگە كۆپ رەخمەت !
    ئارغۇ回复Texna~i说:
    قەدىمىڭىزگ مەرھابا، پات-پات كېلىپ پىكىر-تەكلىپ بېرىپ تۇرارسىز.
    2011-01-25 10:07:44
  • خخ