• 2011-09-27

    ئىككى قېتىم ئۇرۇلغان تېلېفون - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/163650763.html

    ئىككى قېتىم ئۇرۇلغان تېلېفون

     

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     

    تېلېفون بوتكىسىدا بىرمۇ خېىردار بولمىغاچ، دۇكاندار زېرىكىشلىك ئىچىدە كومپىيۇتېردا قارتا ئوينىغىلى تۇردى. بىر چاغدا، بىر يىگىت كىرىپ كەلدى، ئۇ ئولتۇرغاندىن كېيىن، تېلېفون نومۇرىنى بېسىشقا باشلىدى، كومپىيۇتېردا «تېلېفون ئۇلاندى» دېگەن ئۇچۇر چىققانىدى، بىراق، يىگىت تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى، ئالاھەزەل بەش سېكونتلاردىن كېيىن، يىگىت قايتا ئۇرۇش كونۇپكىسىنى باستى.

    يىگىت سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن دۇكاندار بۇرۇلۇپ تېلېفون ھەققىنى ئالدى، ۋە يىگىتتىن سورىدى:

    — بىرىنچى قېتىم بېسىقمىكەن؟

    — ياق، — دېىدى يىگىت.

    — ھە، چۈشەندىم، قىز دوستىڭىزغا ئۇرۇپسىزدە، — دۇكاندار بىردىنلا چۈشەنگەن قىياپەتتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى — ئۇرۇشۇپ قاپسىلەردە؟

    — ھە؟ ئۇنداق ئەمەس. ئۆيگە تېلېفون قىلدىم، — دېدى يىگىت.

    — ئۆيگە؟ ئۇنداق بولسا نېمىشقا ئىككى قېتىم ئۇرۇسىز؟ بىرىنچى قېتىم نېمە دېيىشىڭىزنى ئويلىنىپ بولمىغانمۇ-يا؟ — دۇكاندار قايمۇقۇپ يەنە سورىدى.

    — ئۇنداق ئەمەس، — دېدى يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئاپام، دادام ھەر ئىككىلىسى ئالدىراڭغۇ، تېلېفون جىرىڭلىغان ھامان ئېلىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ. بىر قېتىم ئاپام تېلېفون جىرىڭلىغانى ئاڭلاپ مېنى ساقلاپ قالمىسۇن دەپ تېلېفوننى ئېلىش ئۈچۈن ھويلىدىن ئۆيگە يۈگۈرۈپتۇ، بوسۇغۇدىن كىرگىچە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپ تىزىنى ئىىشتىۋاپتۇ، ئىششىق نەچچە كۈندە ئاران يېنىپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن ئانام-دادام بىلەن ھەر قېتىم تېلېفون ئۇرغاندا نومۇرنى ئىككى قېتىم باسىمەن، بىرىنچى قېتىم ئۇلىنىشى بىلەنلا بېسىۋېتىمەن، ئالدىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم قايتا باسىمەن، شۇڭا يۈگۈرۈپ كەتمەڭلار دېيىشىۋالدىم، شۇڭا ھەر قېتىم نومۇرنى ئىككى قېتىم باسىمەن.

    ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە دۇكاندارنىڭ كۆزى بىلىنەر-بىلىنمەس قىزاردى، ئۇ يىگىتنى كۆرۈپ قالمىسۇن دېدى بولغاي، يىگىت بەرگەن بەش يۈەن پۇلنى شارتلا ئېلىپ ئاشقىنىنى تېزلا ياندۇردى-دە، يىگىتنى يولغا سالدى.

    دۇكاندار دېرىزىدىن يىگىتنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ ئولتۇردى، يىگىت بىر دوقمۇشتىن قايرىلىدى-دە كۆزدىن غايىپ بولدى.

    — ئاپا، بۇ سىزما؟ — تېلېفون ئۇلىنىشى بىلەنلا دۇكاندار تۇرۇپكىغا ئۈنلۈك توۋلىدى، — ئاپا، بۇندىن كېيىن ئۆيگە تېلېفون قىلغاندا ئىككى قېتىم ئۇراي .....

    چىن ھەقىقەت: ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش يالغۇز ماددىي جەھەتتىكى بېقىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىكى غەمخورلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماددىي بېقىشتىن روھىي جەھەتتىكى غەمخورلۇق تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ.

    «كىچىك ھېكايەت چىن ھەقىقەت» ناملىق كىتابتىن


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: