• 2011-02-08

    دادا ئىجارىگە ئېلىش - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/103772762.html

    دادا ئىجارىگە ئېلىش

    (ھېكايە)

    جۈنزى

    بۇ كۈنى مەن ياتاققا كىرگەندە ساۋاقدىشىم دادامنىڭ تېلېفون بەرگەنلىكىنى، مېنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى دەپ، تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھەيران قالدىم. بىزنىڭ يۇرت بۇ شەھەرگە 1000چاقىرىمدىن كۆپرەك كېلىدۇ، دادام ئادەتتە بەك تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزىدىغان، قانداق بولۇپ مېنى كۆرگۈسى كەپ قالدىكىنە؟ ئۇنىڭ قالدۇرۇپ قويغان تېلېفون نومۇرىغا قارىسام مۇشۇ شەھەرنىڭ نومۇرى ئىكەن. مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم، دېمەك، دادام بۇ شەھەرگە كلېىپ بوپتۇ-دە.

    مەن دادامغا ياتاقتىن تېلېفون بېرىشنى خالىماي سىرتتىكى تېلېفونخانىغا چىقتىم، بۇ پۇل تېجەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىمدىن ئىدى. ئالىي مەكتەپكە كەلگىنىمگە ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۆزۈمنى بۇ شەھەرگە پەقەتلا سېغىشالمىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئالتە ياتاقدىشىمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەندىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى بىرى پۇلدارنىڭ، بىرى ئەمەلدارنىڭ بالىلىرى ئىدى. ئۆيىدىكىلىرى ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر قېتىم پىكاپ بىلەن مەكتەپكە ئۇلارنى يوقلاپ كېلىپ تۇرىدۇ. پەقەت مېنىڭ ئاتا-ئانام سەھرادا يەر تېرىيدىغان دېھقان، ھال كۈنى ياخشى ئەمەس. مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېنى كۆزگە ئىلماسلىقىنى خالىمايتتىم، نامرات دېھقان بالىسىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق غۇرۇرى باردە.

    دادام تېلېفونۇمنى ئېلىپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ راستىنلا بۇ شەھەرگە كېلىپ مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپتۇ. ئۇ:

    شەھەرگە كېلىپ ئىشلىسەم خېلى پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات-پات سېنى كۆرەلەيدىكەنمەن، دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىم پىررىدە قايدى. دادام بەللىرى مۈكچەيگەن، ئۈستۋاشلىرى توپا-توزان، سېرىق ھەربىچە رېزىنكە ئاياغ كىيگەن ھالىتى بىلەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدىغان بولسا، يۈزۈمنى نەگىمۇ قويىمەن؟ شۇنىڭ بىلەن باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ: كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقىتتىن باشقا چاغدا مەكتەپتە تۇرالمايمەن، شۇڭا مەكتەپكە كەلمىگىن، دەپ يالغان ئېيتتىم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشىم يەنىلا دادامغا ياخشى بولسۇن دېگىنىم ئىدى. چۈنكى دادام ئىنتايىن تېجەشلىك ئادەم، مەكتەپكە مېنى يوقلىغىلى كەلسە ئاپتوبۇسقا چىقىشى، ئىشتىن قېلىشى تۇرغانلا گەپ، شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە پۇل زىيان بولىدۇ، قايتىپ كەتكەندىن كېيىن بۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ ئىچى ئاغرىيدۇ.

    دادامنى ئالداپ ئىشنى پۈتتۈردۈم، ئەمما بىر دەمدىن كېيىن مېنى يەنىلا جىددىيلىك چۇلغۇۋالدى. دادامنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ياتاقداشلىرىم بىلىدۇ، ئەمما دادام كەلمىسە ئۇلارغا نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۆيدىكىلەردىن بىرەرسىمۇ يوقلاپ كەلمىسە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا يەنىلا يۈزۈم تۆكۈلمەمدۇ؟ شۇ ئارىلىقتا ئالدى تەرەپتە بىر-توي تۆكۈن مۇلازىمەت دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسى دىققىتىمنى تارتتى، ئۇنىڭدا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغانىدى: «خېرىدارلانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەر خىل توي-تۆكۈنلەرگە ئابرويلۇق مېھمانلارنى تەمىنلەيمىز». كۆڭلۈم پاللىدە يورۇغاندەك بولۇپ، بىر ئىشنى ئويلاپ دۇكانغا قاراپ يۈگۈردۈم.

    دۇكاندار مېنىڭ تەلىپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى روھلىنىپ كەتتى، ئۇ دولامغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:

    ناھايىتى سىزگە بىر دادا ئىجارە بېرىدىغان ئىشكەنغۇ؟ بۇ قانچىلىك ئىشتى؟ بۇرۇن بىز يىگىت-قىزلارغا دادا ئىجارە بېرىپ، ئۇلارغا زور ئابروي كەلتۈرگەن، تېخى بىرەر كىشى دادا ئىجارە ئېلىپ ساۋاقداشلىرىنى ئالدايدىغان ئىش بولۇپ باقمىغان. سىزنىڭ تەلىپىڭىز بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تىجارەت يولىمىزغا بىر يول ئېچىپ بەردى. مۇنداق بولسۇن، سىز بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۇنجى خېرىدارىمىز بولغاندىكىن، سىزگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، سىزدىن ئىجارە ھەققى ئالمايلى. سىز دادىڭىزغا، ھە راست، دادىڭىزنىڭ رولىنى ئالغۇچىغا ئاز-تولا چاي پۇلى بەرسىڭىز كۇپايە.

    پاھ، مانا قىيىن ئىشىممۇ ئاسانلا ھەل بولدى، مەن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم.

    ئىككى كۈندىن كېيىن،كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە ھېلىقى توي مۇلازىمىتى دۇكىنىغا يەنە كەلدىم. دۇكاندار ليۇ فامىلىلىك 50 ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنى ماڭا تونۇشتۇردى. ئۇ ئوتتۇرا بوي، ياداڭغۇ كەلگەن، يارىشىملىق كىيىنگەن كىشى ئىدى. ئەسلى ماڭا سېمىز، يۈزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان كىشىدىن بىرنى تېپىپ بەرسە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرىگەنتىم، مانا ئەمدى ئىچىمدە دۇكاندارنىڭ كۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇشقا باشلىدىم. ليۇ فامىلىلىك بۇ تاغا قارىماققا بەك دۆلەتمەن بولمىسىمۇ، ئەمما نامرات چىراي ئەمەس ئىدى، بۇ تەرىپى ماڭا بەك يارىدى.

    مەن ليۇ تاغىنى باشلاپ ياتاققا قايتتىم. ساۋاقداشلىرىم ئۇنىڭغا ناھايىتى سىپايە مۇئامىلىدە بولدى، ھەممىسى ئالدىغا كېلىپ سالام قىلىشتى، ليۇ تاغىنىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، گەپ-سۆزلىرى جايىدا بولۇپ، ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتۇۋالمىدى، بەك ئۈستۈنمۇ تۇتمىدى. مەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئىشنىڭ چېنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ بىلەن ياتاقتا بىرئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئازراق ئىشىمىز بار ئىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ ياتاقتىن چىقتۇق، ليۇ تاغا مەكتەپكە شۇنداق قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى، ئۇ:

    — مەكتەپ ئىچىنى بىر ئايلانساق، — دېدى. مەن بۇمۇ بولىدىغان گەپ، دەپ ئويلىدىم-دە، ئۇنى قولتۇقلاپ خۇددى راست دادا-بالىدەك قىياپەتتە مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلاندۇردۇم. ئاندا-ساندا تونۇش ساۋاقداشلار ئۇچراپ قالاتتى، ئەمما مەن قىلچە ھودۇقماستىن ئۇلارغا: بۇ مېنىڭ دادام، ئۇنىڭغا مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسىتىۋاتىمەن، دەيتتىم. ليۇ تاغىنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ ياخشى ئىدى، ئۇ توختىماستىن «پاھ، نېمە دېگەن ياخشى قىرائەتخانا بۇ!»، «نېمە ئانچە چىرايلىق گۈللۈك بۇ!»، «بۇ مەكتەپتە ئوقۇسا ھەقىقەتەن ئەرزىگۈدەك» دەپ سۆزلەپ تۇراتتى. مەن سەل كۈلكىلىك ھېس قىلدىم، كۆڭلۈمدە: «سەن بۇ يەرگە پۇل تېپىش ئۈچۈن بىر قېتىم ئارتىسلىق قىلغىلى كەلگەن، كۆڭلۈڭدە راست چاغلاپ قېلىۋاتامسەن؟» دەپ ئويلايتتىم.

    مەكتەپنىڭ ئىچىنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ تاغىنى مەكتەپتىن ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولۇپ دەرۋازىدىن چىقاي دېگەندە، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ دەرۋازا يېنىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋالدى. ھە، راست تېخى پۇلىنى بەرمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇرۇلۇپ ئارقامنى قىلىپ تۇرۇپ، يېنىمدىن 100يۈەن پۇلدىن بىرنى سۇغۇرۇپ ئالدىم، كۆلۈمدە، بۇ يېتەر، دەپ ئويلايتتىم. ئويلىمىغان يەردىن مەن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىغاندا، ليۇ تاغىمۇ 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تۇتۇپ سەل قورۇنغان ھالدا:

    — بالام، سېنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم، مۇشۇنى بەرسەم بولارمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇنى مەن ئىجارىگە ئالغان تۇرسام، ئەكسىچە ماڭا پۇل تەڭلەپ يۈرىدۇ، دەپ ئويلاپ تۇرۇپلا قالدىم.

    مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغىنىمغا قاراپ، ليۇ تاغا قاتتىق بىر ئۇھسىندى-دە، بوشقىنە مۇنداق دېدى:

    — ئوغلۇم، ھەقىچان سەن مېنىڭ ئوغۇل ئىجارە ئېلىپ ئۇنىۋېرىستېتنى ئايلىنىشىمغا ھەيران قالدىڭغۇ دەيمەن، مەن ساڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.

    نېمە؟ ئەسلىدە ئۇ ئوغۇل ئىجارە ئاپتىكەن-دە، ماۋۇ ئىشنىڭ دەل كېلىپ قالغىنىنى، ئۇ زادى نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ مەن ئويلىنىپ قالدىم.

    — مېنىڭ سېنىڭدەك بىر ئوغلۇم بار ئىدى، — ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئوغلۇم مۇشۇ ئۇنىۋېرىستېتقا ئوقۇشقا كىرگەنىدى. ئۇ كەنتىمىزدىن نۇقتىلىق ئۇنىۋېرىستېتقا ئۆتكەن بىردىنبىر بالا ئىدى. كېيىنچە ئۇ ماڭا بۇ مەكتەپ بەك ياخشى، كېلىپ بىر كۆرۈپ كەتسەڭ، دەپ خەت يېزىپتۇ. ئەمما، مەن بىر سەھرالىق گاداي تۇرسام، مەكتەپكە كېلىپ بالىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ يۈرمەي، دەپ ئويلاپ كەلمىگەنىدىم. بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە ئۇ ماڭا ئۇچامدىكى بۇ بىر قۇر كىيىمنى ئەۋەتىپ، بۇ كىيىمنى كىيسەڭ سەھرالىقتەك كۆرۈنمەيسەن، بۇ قېتىم چوقۇم ساڭا مەكتەپنى كۆرسىتىمەن، شۇ باھانىدا بۇ شەھەرنىمۇ كۆرۈپ كېتەرسەن دېگەنىدى.

    ليۇ تاغا سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى، مەنمۇ پۈتۈن زېھنىم بىلەن تىڭشاۋاتاتتىم، ئۇنىڭ دېگەنلىرى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا بەك ئوخشاپ كېتىدىكەن.ئۇ سۆزلەۋاتاتتى:

    — ئويلىمىغان يەردىن مەن كەلگەن كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى، لاي-لاتقىلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىدى،ئوغلۇم مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ لاتقا ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالدى ...

    سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ليۇ تاغىنىڭ يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ كەتتى،مېنىڭ قەلبىممۇ ھاياجانغا چۆمدى، مەن قولۇمدىكى پۇلنى ئۇنىڭ پۇل تۇتقان قولىغا زورلاپ تىقتىم-دە، چۇڭقۇر ھۆرمەت ئىلكىدە:

    — دادا، رەھمەت ساڭا! — دەۋەتتىم ۋە ئۇچقاندەك مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئېتىلىپ چىقتىم. مەن دادامنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئۇنىڭغا مەكتىپىمنى كۆرسىتىمەن!

     

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژرۇنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    «قەشقەر» ژرۇنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • Tesirlik hikayingizga rehmet dostum , nahayiti yahxi qikiptu .
    ئارغۇ回复ئەسكى说:
    قەدىمىڭىزگە قۇتلۇق بولغاي. پات-پات كېلىپ پىكىر بېرىپ تۇرارسىز.
    2011-02-12 00:01:50
  • باشتا ئوقۇغاندا بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك ھىس قىلغانتىم ، ھىس قىلغىنىم توغرىكەن ...
    يۇز - ئابروي ئۇچۇن نۇرغۇن ئشلارنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتۇققۇ ....