• 2011-02-11

    قىرتاق پاراڭلار - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/104391612.html

    قىرتاق پاراڭلار

    شۈ چياڭ

    ئاپەتنى زىياپەت دەپ بىلىدىغانلار، يەنە بىر مەيدان ئاپەتكە ئۇچرايدۇ؛ زىياپەتنى ئاپەت دەپ بىلىدىغانلار يەنە بىر مەيدان زىياپەتكە داخىل بولىدۇ.

    مۇستەبىتسىز ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا دېموكراتىيە «كۆپ» بىلەن «ئاز» ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ؛ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولسا دېموكراتىيە مەسىلىسى «بار» بىلەن «يوق» نىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.

    يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۈزلەنگەن دېموكراتىيە «ئىلتىپات» ھېسابلىنىدۇ؛ تۆۋەندىن يۇقىرىغا يۈزلەنگەن دېموكراتىيە «ھوقۇق» ھېسابلىنىدۇ.

    بەزىلەر «كۈچلۈكلەر سىياسىسى»گە تەشنا، ئېيتىلىشىچە، «كۈچلۈكلەر»نىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئارقىلىق ئەركىن دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بەرھەق، بەرھەق، شۇغىنىسى مەن دەيمەنكى: «كۈچلۈكلەر»نىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلگەن دېموكراتىيە يەنە شۇ «كۈچلۈك»لەرنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىقىدا قولدىن كېتىپ قالىدۇ.

    گېتلېر گەندىنى تىلغا ئالغاندا، كەمسىتىش نەزەرى بىلەن مۇنداق دېگەن: «ھۆرلۈكنى توقۇش ماشىنىسىغا تاينىپ قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، بەلكى توپ-زەمبىرەككە تاينىپ قولغا كەلتۈرىمىز» (كرىستا شېرويدېر«گېتلېرنىڭ يېنىدا ئۆتكەن 12يىل»). بۇ سۆز كىشىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئۆزىنى «ھۆرلۈكنىڭ ئىنتلىگۈچىلىرى»دەۋالغانلارنىڭ ھۆرلۈكنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.

    ئادەمنى ئاساس قىلىش. جۇڭگونىڭ تارىخىغا قارىغىنىمىزدا كۆپىنچە ئادەم «تۈپ ئاساس» قىلىنماستىن بەلكى «دەسمايە» قىلىنغان؛ ئادەمنى يا ئۇرۇشنىڭ دەسمايىسى قىلغان، ياكى بولمىسا تەجرىبىنىڭ دەسمايىسى قىلغان.

    جۇڭگونىڭ تارىخى «قوزغىلاڭ» بىلەن تولغان. ھەممە كىشى ئۆزىنى «ئادەلەت» ئۈچۈن «قوزغالدىم» دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە «قوزغالغان»لار كۆپ، «ئادەلەت» ياقلىغانلار ئاز بولغان. بۇ خىل ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان سەۋەب: «قوزغىلاڭ»چىلار پەقەت ھوقۇقنى قانداق تارتىۋېلىشقىلا كۆڭۈل بۆلاۈشكەن، لېكىن ھوقۇقنى قانداق ئىشلىتىشكە ئېتىبار بەرمىگەن، ھوقۇقنى چەكلەشنى ئەسلا ئويلاپ بېقىشمىغان.

    كەسكىن تەنقىتنىڭ ئۆزى بىر كۆيۈنۈش ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا مەدھىيەدىن بەكرەك كۆيۈنگەنلىك بولىدۇ. بەزىلەر تەنقىت ئالدىدا «ئەتمىشلىرىنى ئويلىماسىتىن» ، ئەكسىچە «قايتۇرما ھۇجۇم» قوزغايدۇ، ياكى «تالايدۇ».

    بەزىلەر ئۇستازلارنى تەنقىد قىلغاننى ئاڭلىسا ئاتا-ئانىسى قازا قىلغاندەك ئالاقىزادە بولۇپ كېتىشىدۇ. ھەقىقى ئۇستازلار ئەزەلدىن تەنقىدتىن قورقۇپ كەتكمەيدۇ. بىر-ئىككى ئېغىز تەنقىد بىلەن ئۆز ئىمتىيازىنى خەۋپكە ئۇچرىدى دەپ قارايدىغان «ئۇستاز»لار ھەقىقىي ئۇستاز ئەمەس بەلكى ساختا ئۇستازلاردۇر، ئۇلار شەرەپ تاجىسى ئاستىدىكى ئاجىز مەبۇدلاردۇر.

    بىر جەمئىيەتنىڭ چېكىنىشى ئوڭايلا ئىش، بىر كېچىدىلا بىر نەچچە ئەسىر كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى بەسى مۈشكۈلدۇر، ئۇنى ھەتتا سانتىمېتىر، مىللىمېتىر بىلەن ھېسابلاش مۇمكىن. ئىجتىھاتلىق ئەجدادلىرىمىزغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىر سانتىمېتىر ئالغا سىلجىشى ئۈچۈن تۆككەن تۈمەندىن بىر تۆھپىسىمۇ زور نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

    يېزىقچىلىق قەلبنىڭ ئەركىن بايانىدۇر. يېزىقچىلىق سېنىڭ بىر نەرسىنى «چوقۇم» يېزىشىڭ ئەمەس، ياكى باشقلارنىڭ سەندىن بىر نەرسە يېزىشىڭنى «تەلەپ» قىلىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ نېمىنى يېزىشنى«خالىشىڭ»دۇر. ھەددىدىن زىيادە مەنپەئەتكە بېرىلگەن، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ قىلىنغان يېزىقچىلىق قەلبنى دەپسەندە قىلغانلىق، شۇنداقلا ھۆرلۈكنى دەپسەندە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

     

    «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: