• 2011-02-25

    كىملىك-5 - [پوۋېست]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106718267.html

     

     

    كىملىك

    (پوۋېست)

    [ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس

    (5)

    لىسېتتې بىر نەرسىنى ئاڭقىرغاندەك بولدىدە، مولىنادىن سورىدى:

    — ئانام، .... ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

    ئۇنىڭ قەلبىدىن غەزەپ ئوتى ئۆرلەشكە باشلىدى، ھەممىسى ئانامنىڭ كاساپىتى دەپ ئويلىدى ئۇ.

    مولىنا ئۆزىنىڭمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، كىملىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    — بىز سىزنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىڭىزگە مۇھتاج لىسېتتې، كىملىكىنى دەلىللەشتە ياردەم قىلىشڭىز كېرەك.

    غەلىتە ئىشقۇ، مەكتەپتە بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا خۇددى تۇرغۇن توك ئاڭلاش سېزىمىغا دەخلى قىلغاندەك ھەجەب سوزۇپ ئاڭلانغان، كىم...لىك دەپ. ئەينى چاغدا ئۇ پەلەمپەيدىن يىقىلغاندىن كېيىن بېشى ۋە يۈزى ئۇرۇپ-سوقۇلغاچقا، تامغا تاينىپ ئاران ماڭالايتتى، ئۇ چاغدا بېشى قېيىپ، كاللىسى قۇپ-قۇرۇقتەك، چوڭ مېڭىسى ماس بولۇپ قالغاندەكلا تۇيۇلغان ئىدى.

    — لىسېتتې، بۇ نەرسىلەرنى تونۇدىڭىزمۇ؟ بۇلار سىزگە تونۇشلۇقتۇ؟

    دىژۇرنى خادىم مولىناغا بىر ساندۇقنى ئەكىلىپ بەردى، ئىچىدە ئايالچە قول سومكا، ھەميان قاتارلىقلار تۇراتتى. مولىنا قولىغا پەلىيىنى كىيىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئاۋايلاپ ئالدى.

    لىسېتتې قول سومكا بىلەن ھەميانغا تىكىلىپ قارىدى، بۇ نېمىدۇ، ئانامنىڭ نەرسىلىرىمىدۇ؟ لىسېتتې بۇ نەرسىلەرنى بۇرۇن كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيتتى. ئۇ قوڭۇر رەڭلىق خرۇم سومكىغا قارىدى، ئۇنىڭغا تۇچ تۈگمە، خىرۇم شوينا دېگەندەك بېزەكلەر ئېسىلغانىدى. قارا ھەميانغا قارىدى، ھەميان قارىماققا ئەسكى بولۇپ، يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن تېرىۋېلىغاندەكلا ئىدى، ئادەم ئۇنداق ھەمياننى ئېلىپ ئىچىدە پۇل بار يوقلىقىغا قاراشقىمۇ ئېرىنىدۇ.

    مولىنا بۇ نەرسىلەرنى كۆك ئاي مېھمانسارىيىنىڭ كەينىدىكى ئەۋرەز ئازگىلىدىن بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئۇندىن باشقا ئۇ يەردە «ئېغىر دەرىجىدە چىرىپ كەتكەن» بىر ئايال كىشىنىڭ جەسىتى   بايقالغان، جەسەتنى تونۇغىلى بولمايدىكەن.

    مولىنا بۇلارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېيتتى، ئۇ قولىنى لىسېتتېنىڭ بىلىكىگە بوشقىنە قويدى. لىسېتتې كۆزىنى ئۇۋۇلاشتىن توختىدى.

    — ھەميان باشقىلار تەرىپىدىن قۇرۇغدىلىپتۇ، ئىچ ئەستىرىمۇ يىرتىۋېتىلىپتۇ. ئۇنىڭدا نېۋ جېرسېي شىتاتىدىن تارقىتىلغان بىر شوپۇرلۇق كېنىشكىسى باركەن، ئۇنىڭدا «يۋېتتې مۇلۋېي» دېگەن ئىسىم بار، بىراق كرېدىت كارتىسى ياكى نەق پۇل يوقكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىملىكنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. بۇندىن باشقا بىر تەرىپىگە بىرەيلەننىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرى،يەنە بىر تەرىپىگە «جىددىي چاقىرىش» دېگەن خەت يېزىلغان بىر پارچە قەغەز باركەن. ئەمما ئۇ تېلېفون ئۇلانمىدى. بۇ نومۇر ئانىڭىزنىڭ نېۋ جېرسېيلىك ياكى بۇرۇن شۇ يەردە تۇرغان بىر تۇغقىنىنىڭ نومۇرىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى: ئايرېس پېدېرسېن ئىكەن، سىز ئۇ كىشىنى تونۇمسىز؟

    لىسېتتې بېشىنى چايقىدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە ئۇ ئىنكاس قايتۇرشقا ئامالسىز ئىدى. لىسېتتې قول سومكا بىلەن ھەمياننى تونۇمايتتى، بۇنىڭغا جەزم قىلالايتتى. ئۇنىڭ يەنە جاۋاپ بەرگۈسى يوق ئىدى. قول سومكىسى بىلەن ھەميان بەك كۆرۈمسىز ۋە ناچار بولۇپ، ئۇنى يۋېتتېنىڭ دېيىش ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلىق بولاتتى.

    لىسېتتې مولىناغا يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ بەك چىرايلىقلىقىنى بايقىدى، كىرپىكلىرى قويۇق ھەم قاپ-قارا ئىدى، لىسېتتېنىڭ ئانىسىمۇ كىرپىك لاكى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. مولىنانىڭ كۆزىنىڭ ئاستىدىكى تېرىسى ناھايىتى يۇمشاق، ئەمما سەل قارىداپ قالغان. بوينىدا بىر نەچچە تال قارا مەڭ بار ئىدى. قارىغاندا مولىنامۇ بىر ئانا ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ تۇرقىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، كاسىلىرى يوغان، چاپىنىنىڭ ئىچىدە پەسكە ساڭگىلىغانلىقى بىلنىپ تۇرغان كۆكسى. مۇشۇنداق بىر ئايالنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيدۇ-دە، كەمىرىگە تاپانچا ئېسىۋالغان، ئەگەر ئۇ خالىسىلا تېخى ئوق چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. لىسېتتې كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، ئەگەر مولىناغا ھۇجۇم قىلسام توساتتىن ئۇنى تەپسەم، ئۇرسام ياكى چىشلىۋالسام، مولىنا چوقۇم ماڭا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، دېگەنلەرنى خىيال قىلدى.

    ئەر ساقچىلارنىڭ تاپانچا ئېلىپ يۈرۈشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال، ئوق چىقىرىشىمۇ نورمال ئىش.

    دادىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىككى تاپانچىسىنى كۆرسىتىپ قويغانىدى، بۇ ئىككى تاپانچىنى ئىراقتىن ئەكەلگەنىكەن. ئۇ تاپانچىلار ئارمىيىنىڭ ياراقلىرى بولماستىن بەلكى شەخسىي تاپانچىلار ئىدى، بىرى كىچىك ياغاچ ساپلىق تاپانچا، يەنە بىرسى ئالتە ئاتار ئىدى. دادىسى بۇلارنى قىماردا ئۇتۇۋالغان ئىدى.

    بەلكىم بۇ تاپانچىلارنى ئۇ ئىراقتىن ئەمەس، بەلكى فورت براگدىن ئەكەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىسمى شۇ يەردىمۇ تۇرغان ئىدى.

    — شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئاشۇ ھەمياندىن چىققان بولسا، ھەميانمۇ ئانامنىڭ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەمياننى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل، — دېدى لىسېتتې.

    ئايرېس پېدېرسېن لىسېتتېنىڭ ئانىسىنىڭ ھاممىسى ئىدى. ئايرېس ھاممىنىڭ يېشى خېلىلا چوڭ بولۇپ، لىسېتتېنىڭ مومىسى دېمەتلىك كېلەتتى. لىسېتتېنىڭ ئۇنى كۆرمىگىنىگە نەچچە يىل بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ پەرىزىچە ئانىسىمۇ ئۇنى كۆرمىگىنى نەچچە يىل بوپ قالغاندۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ  موماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

    — بىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولدۇق، ئاددىسوندىكى ساقچىلارمۇ ئالاقىلاشتى، بىراق ...

    — يۋېتتې مۇلۋېينى تونۇيدىغان كىشى كېلىپ جەسەتنىڭ كىملىكىنى دەللىللەپ بېرىشىگە مۇھتاجمىز، — مولىنا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    — ئاۋۇ جەسەتنىڭ ئانىڭىز شۇمۇ ئەمەسمۇ كۆرۈپ بەرسىڭىز، ياكى ئۇ ئانىڭىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك باشقا بىر ئايالدۇ. جەسەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ياكى قىمارخانا خىزمەت كېنىشكىسىدىكى رەسىمگە قاراپ جەسەتنى پەرق ئەتكىلى بولمىدى.

    مولىنا لىسېتتېغا جەسەتنىڭ كىملىكىنى دەلىللەشكە دادىسى دۇئان داۋىد مۇلۋېينىمۇ ئىزدىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر نېۋ جېرسېيدىن كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

    — دادام ئامېرىكا ئارمىيىسىدە سېرژانت، بۇرۇن فورت براگدا تۇرغان، ھازىر ئىراقتا، ­— دېدى لىسېتتې.

    — ئۇنداق ئەمەسكەن لىسېتتې، ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن. دادىڭىز ئارمىيەدە ئەمەسكەن، ھازىر ئىراقتىمۇ ئەمەس، قىسىمدا دۇئان داۋىد مۇلۋېي ئىسىملىك كىشى يوقكەن، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 26-كۈنى دادىڭىز قىسىمدىن سەۋەبسىز ئايرىلىپ كېتىپتۇ.

    لىسېتتې ھەيرانلىقتىن گەپمۇ قىلالمىدى، مولىنا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالمىغان بولسا سەكرەپلا قېچىپ كەتكەنمۇ بولاتتى.

    ئۇ يەڭگىل تىترەۋاتاتتى، چىبەرقۇت چاپىنى بۇ سوغاققا دالا بولالمايۋاتاتتى. ئەگەر ئۇ كۈنى ئەتىگەندە ئانىسى بولغان بولسا چوقۇم ئۇنىڭغا:

    — قېلىنراق كىيىۋېلىڭ، سادىغاڭ كېتەي، بۇ دېگەن بىرىنچى ئاي! — دېگەن بولاتتى.

    بۇ چاغدا يەنە بىرەيلەن كەلدى. ئۇ ھىندىستانلىقتەك قىلاتتى، قارىغاندا دوختۇر ئوخشايدۇ پەس ئاۋازدا مولىناغا بىرنېمىلەرنى دېدى. لىسېتتې ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كۆزىنى يۇمۇۋالدى. ئۇ يەنە سىنىپىنى خىيال قىلىشقا باشلىدى: نورۋىچ خانىم دوسكىغا جىجىلاپ بىرنېمىلەرنى يازماقتا؛ JC خامۇش ھالدا ئولتۇرىدۇ، چاچلىرى يۈزىگە چۈشۈپ قالغان؛ كېيشا قورقۇپ ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك ئېغىزى بىلەنلا نەپەسلىنىپ ئولتۇرىدۇ؛ لىسېتتېنىڭ ئورنى بوش قالغان. ھازىر ئۈچىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى، JC بۇ ۋاقىتتا لىسېتتېلارنىڭ سىنىپىدا ئېنگىلىزچە دەرسكە قاتناشمايتتى. بۇ سائەتلىك دەرستىن چۈشسە چۈشلۈك دەم ئېلىش بولىدۇ. سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەنلا كۆپچىلىك ھەممەيلەن سىنىپتىن يوپۇرۇلۇپ چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرىشىدۇ، تاماقنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، فرانسىيەچە ياغدا پۇشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى، كاۋاك ئۈگرە، ئىرىمچىك، ئاچچىق قىياملىق مېۋىلىك بولكا ... لىسېتتېنىڭ شۆلگەيلىرى ئېقىشقا باشلىدى.

    ئۇ قەغەز ياغلىقتىكى لەۋ ئىزى ئېسىگە كېلىپ كۈلۈپ كەتتى، JC ئۇنى ئېچىپ كۆرسە چوقۇم ھەيران قالغان بولاتتى.

    گەرچە ئانىسى لىسېتتېنىڭ لەۋ سۇرۇخ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى. قىزلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىدۇ ئەمەسمۇ.

    ئۆتكەندە ئانىسى دادىسى بىللە چاغدا دادىسى ھەربى فورما بىلەن ئىدى، ئۇنىڭ چېچىمۇ تەكشى قىرقىۋېتىلگەن بولۇپ قارىماققا ناھايىتى سالاپەتلىك ئىدى.

    ئۇنىڭ ئالدىدا دادىسى تۇنجى قېتىم ئىراقتىن قايتىپ كەلگەندە ئانىسى توق سۆسۈنرەڭلىك لەۋ سۇرۇخ سۈرتىۋېلىپ دادىسىنىڭ يۈزىگە بولىشىغا سۆيگەنىدى. ئۇ چاغدا لىسېتتې تېخى بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇ سۆسۈن رەڭ لەۋ سۇرۇخ ئىزىنى جەڭگاھتىن قالغان يارا ئىزى ئوخشايدۇ، دادام نەلەردە بۇنچە ئېغىر يارىلانغاندۇ، دەپ قالغانىدى.

    (داۋامى بار)

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: