• 2011-02-04

    خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەردىن يەنە كىملەر بار؟ قاتارلىق - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/103400354.html

    يۈز خەتلىك فېليەتونلار

    خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەردىن يەنە كىملەر بار؟

    ما يىيەن

    مەلۇم ماگازىندىكى سۈت پاراشوكىدا زەھەر باركەن، بۇ كىمنىڭ خاتالىقى؟ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، قانۇنسىز كالا باققۇچى دېھقان كالا سۈتىگە مېلامىن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، بۇ كالا باققۇچى دېھقاننىڭ خاتالىقى.

    مەلۇم ئېگىز بىنادا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ، بۇ كىمنىڭ خاتالىقى؟ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، كېنىشكىسىز سۇۋاركىچىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلشىدىن بولغان بولۇپ، بۇ سۇۋاركىچىنىڭ خاتالىقى.

    مەلۇم ھۆسىن تۈزەش دۇكىنىدا بىر قىزنىڭ ھۆسنى مومايغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان، بۇ كىمنىڭ خاتالىقى؟ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوپېراتسىيە قىلغۇچى دوختۇرنىڭ ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان نېرۋا كېسىلى بارلىقىنى بىلمىگەنلىتىن بولغان، بۇ بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خاتالىقى.

    مېنىڭ شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ: خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەردىن يەنە كىملەر باردۇر؟

     

    دېھقانلارمۇ ئۆگنىشكە مۇھتاج

    تەي شەنخۇ

    مەمۇرلار قەرەللىك ھالدا ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ، دوختۇرلار نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ كۇرسلىرى بار...... ئەمما 900 مىليوندىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئۆگىنىش مەسىلىسىنى ھېچكىم تىلغا ئېلىپ قويمايدۇ! دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش دېگەنلەردىن ئۇلارغا دەرس بېرىلسە بەلكىم بۇ دېھقانلار شاخ-شۇمبىلارنى قالىمىغان، جان-جانىۋارلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرمىگەن ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمىگەن ..... بولاتتى. دېھقانلارنى ساپاسىز دەپ ئەيىپلەۋەرمەيلى، دېھقانلارمۇ ئۆگىنىشكە مۇھتاج، بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك! «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دەپتىكەن، بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ 900 مىليون ئادەم تۇرسا؟

     

    ئۆرلىسە

    ليۇ داچۈەن

    مال باھاسى ئۆرلىسە، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشارمىش.

    ئۆي باھاسى ئۆرلىسە، ئەقلىي ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرەرمىش.

    ماي باھاسى ئۆرلىسە، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئىلگىرى سۈرۈلەرمىش.

    دورا باھاسى ئۆرلىسە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئاشارمىش.

    ئوقۇش پۇلى ئۆرلىسە، مائارىپ ئىگىلىكى ئالغا باسارمىش.

    خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى قىممىتى ئۆرلىسە، دۆلەت ئىچىدە چۈشەرمىش.

     

    ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتقان ئىشلار

    سەي خۇڭياڭ

    ئەمەلدارلار چىرىكلىشىپتۇ دېيىلسە

    ئىنكاس قايتۇرىدىغانلار كۆپ بولىدۇ.

    مەلۇم جايدىكى ئەمەلدار چىرىكلىشىپتۇ دېيىلسە

    يازما ئۆچۈرىلىدۇ.

    مەلۇم جايدىكى مەلۇم ئەمەلدار چىرىكلىشىپتۇ، دېيىلسە

    ساقچى ئىشىكنى چېكىدۇ.

    مەلۇم ساھەدە چىرىكلىك بار دېيىلسە

    ئىنكاسچىلار كۆپىيىدۇ.

    مەلۇم ساھادىكى ئەمەلدار چېرىكلىشىپتۇ، دېيىلسە

    يازما يوللاش چەكلىنىدۇ.

    مەلۇم ساھەدىكى مەلۇم ئەمەلدار چىرىكلىشىپتۇ، دېيىلسە

    ئۆلكە ئاتلاپ تۇتقۇنغا ئۇچرايدۇ.

     

    تۆت مەشھۇر ئەسەر دادا ھەققىدە

    لى شياڭجۈن

    «سۇ بويىدا»:

     دادام بولسا باي-غوجام،

    كاتتا ئەرباب ئوردىدا،

    خالىغاننى قىلىمەن،

    نوچاڭ بارمۇ ئالدىمدا.

     

    «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»:

    شاھ ئەۋلادى بولغاچمەن،

    بارھەيۋىتىم  ھەم شۆھرەت.

    بايلىقنى قىلماي تاراج،

    قانداق تاپىمەن قۇدرەت.

    «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»:

    كىچىكىمدىن يىتىممەن،

    بىچارىمەن دادىسىز

    يار يۆلەكسىز قالدىمغۇ،

    ئەلەم تارتىپ يارىسىز.

    «غەربكە ساياھەت»:

    ماھارىتىم كارامەت،

    يىتملىق بىر مالامەت.

    خەققە ئىشلەش بۇرچۇممۇ،

    بىكار تۇرماي داۋامەت.

     

    سوئاللار

    نى شى

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ھېسابلانمىسا، رەتكە تىزىلمىسا، يۇقىرىدكىلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق باشقۇرىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قانداق باشقۇرىدۇ؟

    مەجبۇرىي چاقمىسا، مەجبۇرىي ئىگىلىمىسە، بۇ شەھەر قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ GDP كۆرسەتكۈچى قانداق ئورۇنلىنىدۇ؟

    يىغىن ئېچىلمىسا، تەكشۈرۈلمىسە خىزمەتنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ كادىرلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟

    مەكتەپلەر مۇتەپەتتىشلەنمىسە، نازارەت قىلىنمىسا بۇ «قابىل» كادىرلار ئىشلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانما» 2011-يىللىق 2-(ئالدىنقى) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • مۇشۇ جۇڭگۇدا ھەممەيلەن بىچارىكەن ، ھەي ......
    ئارغۇ回复radiofan说:
    كەلگەن قەدىمىڭزگە رەھمەت!
    2011-02-06 11:53:55