-
2011-02-04
سوڭ ئاتامانغا يېزىلغان خەتلەر - [فېليەتون]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/103370840.html
لياڭشەن تۇراسىدا خادىملارنى قىسقارتىش باشلاندى ، ئەزىمەتلەر قۇرساق كۆ پىكى قىلىشتى
سوڭ ئاتامانغا يېزىلغان خەتلەردىن تاللانمىلار
(فېليەتون)
ياڭ خەندۇەن
لىكۈينىڭ خېتى
سوڭ ئاغا، ياخشىمۇسىز !
سىزنىڭ ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاش توغرىسىدىكى دوكلاتىڭىزنى ئاڭلاپ ناھىيىتى ئىلھاملاندىم . دېمىسىمۇ بۇ كىچىككىنە تاغ تۇرايىمىزدا 108رەھبىرى كادىر (تېخى«ئەزىمەت» تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى دېگەندەك « تىرناق»ئىچىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا)، بىرەر ھۆججەت چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە 108 دۈگلەك سىزىلمىسا چۈشۈرگىلى بولمىغان ، يىغىن بولسا سەھنىدە رەھبەرلەر تىقماتىقماق ئولتۇرۇشقان......... بۇنداق ئەھۋاللار بىلەن يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلاشماق ھەقىقەتەن قىيىن ، شۇڭا مەن سىزنىڭ لياڭشەن رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنى ئىخچاملاش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى قەتئىي قوللايمەن .
ئەمما ، سىز مېنى«مەدەنىيەت سەۋىيىسى بەك تۆۋەن»دېگەننى باھانە قىلىپ ، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ ئارام ئالسۇن ، دېگەن تەشەببۇسىڭىز تازا مۇۋاپىق بولماپتۇ . ھەقىقەتەن مەن ساۋاتسىز بولغىنىم بىلەن ، رەئىس سەھنىسىدىكى مېنىڭ مۇبارەك نامىم يېزىلغان تاختىنى تونىيالايمەنغۇ ؟ ھەر قېتىم مائاش ئالىدىغاندا بارمىقىمنى دەل جايىغا بېسىۋاتىمەنغۇ ؟ باشقىلار ھۆججەتنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن دۈگلەكنى يۇمۇلاق سىزالايمەنغۇ ؟ ئەمدى مېنىڭ ساۋاتسىزلىقىمغا كەلسەك ، كىچىكىمدىن جاپا- مۇشەققەتتە ياشاپ ، پومىشچىكلارنىڭ ئېزىشى تۈپەيلىدىن ،ھەمدە گاۋچۇ دېگەن مۇناپىۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن دەپ ساۋاتسىز قالمىدىممۇ ! سوڭ ئاغا ، ئەينى چاغدا جاڭجۇدا غەليان كۆتۈرۈپ سىزنى قۇتقۇزۇشتا مەن بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ ، ئاي پالتامنى ئوينتىپ سوت مەيدانىغا بېسىپ كىردىمغۇ ؛ تاغ تۇراغا چىققاندىن بېرى سىزگە ساداقەتمەن بولۇپ ، چۈشەنسەم ، چۈشەنمىسەم بۇيرۇقلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى بىجاندىل ئورۇنداپ كېلىۋاتىمەن ، تۆھپەم بولمىىسمۇ ئەجرىم باردە . شۇڭا بۇرۇنقى بۇرادەرچىلىكنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ مېنىڭ يەنە بىر قارار ئىشلىشىمگە قوشۇلسىڭز !
سىزگە مەدھىيەلەر ئوقۇپ ، ئامان بولۇشىڭىزنى تىلەپ
ھۆرمەت بىلەن :
قارا قۇيۇن لىكۈي (قەلەم تەۋرەتكىچى :ۋۇيۇڭ) .
سۇن چوكاننىڭ خېتى
سوڭ ئاغا :
سىز مېنى«بۇرۇن دۇكان ئاچقان»دېگەننى باھانە قىلىپ مەرتلەر سارىيىدىن ئايرىلىپ ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇپ سودا-تىجارەت قىلسۇن دېگەن مەقسىدىڭىزگە قوشۇلىمەن . ئەمما مېنى تاغدىن چۈش دەيدىكەنسىز چوقۇم تۆۋەندىكى شەرتلەرگە قوشۇلىشىڭىز كېرەك :
1. مېنىڭ نوپۇس ، تەشكىلىي رەسمىيىتىم يەنىلا تاغ تۇرادا بولىشى ،« ئەزىمەت»لىك مەرتىۋەم يەنىلا ساقلاپ قېلىنىشى كېرەك . ئەگەر تىجارەت ئاقماي قالسا ، چوقۇم تاغقا قايتىپ ئەسلىدىكى ئەمىلىمدە ئولتۇرۇۋېرىمەن .
2. قۇرغان ئىقتىسادىي گەۋدە چوقۇم لياڭشەن كۆلى تەۋەلىكىدە بولىدۇ ، ھەمدە پەخرىي باش مۇدىرلىقىنى سوڭ ئاغا ئۆزىڭىز ئۆتەيسىز ، لياڭشەنگە كېرەكلىك ماددى ئەشيالار چوقۇم مېنىڭ مۇشۇ دۇكىنىمدىن سېتىۋېلىنىشى شەرت .
3.ئەگەر زىيان تارتىپ قالسام تاغ تۇرا چوقۇم مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشى كئرەك. پايدا ئالسام %20 پىرسەنتىنى تاغ تۇراغا تاپشۇرىمەن .
سوڭ ئاغا ، ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ شەرتلىرىمگە كۆنمىسىڭىز مەن تاغدىن ھەرگىز چۈشمەيمەن .
ھۆرمەت بىلەن:
سۇن چوكان
شىچەننىڭ خېتى
سوڭ ئاغا ، ياخشىمۇسىز !
مېنىڭچە سىزنىڭ مېنى چېكىنسۇن ،دېگەن قارارىڭىز پەقەت ئادىل بولماپتۇ . ئەلۋەتتە مەن تاغ تۇراغا چىققاندىن كېيىن ئۇنى –بۇنى ئوغرىلاپ قويدۇم ، بۇ قىلمىشلىرىم ئوبيېكتىپ جەھەتتە لياڭشەن تېغىنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى . ئەمما مېنىڭ ئوغرىلۇق ئادىتىمنىڭمۇ ئىككى تەرىپى باردە ، مەن شىنىڭنىڭ پۆ پۈك زەنجىرلىك دۇبۇلغىسىنى ئوغرىلاپ تۇرايىمىزدىكىلەرنىڭ چاتما ئات نەيرىڭىنى يېڭىشتە باش تۆھپە كۆرسەتتىمغۇ ؟ شۇڭا ئاغامنىڭ ماڭا تارىخ نۇقتسىدىن ئوبيېكتىپ مۇئامىلىدە بولىشىنى سورايمەن ، بىر كالتەك بىلەن يوقاتسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ مەن مەرتلەر سارىيىدىكى رەھبەرلىك ئورىنىدا ئولتۇرالمىساممۇ ، ئەقەللىسى يەنە بىر نەچچە يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بولۇپ ئىشلىسەمغۇ بولار ؟
ھۆرمەت بىلەن
شىچەن .
《فېليەتونلار ئايلىق ژورنىلى(تاللانمىلار )》 نىڭ 2005-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى: