• 2011-02-04

    يۈگرەش مۇسابىقىسى قاتارلىق - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/103370899.html

    قىسقا فېليەتونلار

    سۇ تۇڭ

    يۈگرەش مۇسابىقىسى

    ئىدارىدىن يۈگۈرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى يوغان قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكىلەرگە پەقەت يېتىشەلمىدى. ئاخىرقى نۇقتىغا بارغاندا كاتىپ مۇنداق دېدى:

    - سېكىرتار، مەيۈسلەنمەڭ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق سالاپەتلىك يۈگەردىڭىز، ئەگەر سىز ئارقىدىن قوغلىمىغان بولسىڭىز، ئۇلار تېز يۈگۈرەلەمتى؟

    كىم سېمىز؟

    باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۈچ بالا كىمنىڭ دادىسى ئەڭ سېمىز، دەپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ.

    بىرى مۇنداق دەپتۇ:

    - مېنىڭ دادام ئەڭ سېمىز، تۈنۈگۈن ئۇ گىرغا چۈشكەنىدى، قورسىقى بەك يوغان بولغاچقا، گىرنىڭ سائىتىنى كۆرەلمەي، مېنى قاراپ باق دېۋىدى، قارىسام دەل 100كىلوگرام كەپتۇ.

    يەنە بىرى:

    - مېنىڭ دادام سېمىز، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە دادام ئۇخلاۋېتىپ كارىۋاتتىن پولغا چۈشۈپ كەتكەنتى، ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر يەر تەۋرىدى، دەپ قېلىپ تالاغا قېچىپ چىقىشتى.

    ئۈچىنچىسى:

    - شۇنچىلىكمىتى؟ باشقىلار مېنىڭ دادامنى ئولتۇرسا بىر بىنانى ئىگىلەيدۇ ، بىر ئولتۇرۇشىدا بىر بۇقىنى يەپ تۈگىتىۋېىتىدۇ، دېيىشىدۇ.

    كېسەللىك ئالامىتى

    ناھىيىدىن كادىرلارنى «ھايات-ماماتلىق تاللاش» دېگەن كىنونى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىنو يېرىملاشمايلا قارا تەرگە چۆمۈپ، ئورۇندىقدىن پەسكە سېرىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك قول-قول ئۇنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈشتى، ئۇنىڭ ئايالى خەۋەرنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، دوختۇر ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ ئادەتتە قانداق كېسىلى بارلىقىنى سورىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:

    - ئېرىمنىڭ يۈرىكى ئاجىز، ئادەتتە ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرىنى ئاڭلىسا ياكى چىرىكلىككە قارشى كىنو-فىلىملەرنى كۆرسە بۈگۈنكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

    بەزىلەر مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى سەنئەت بۇيۇمىنى چۈشەنمەيدۇ دېۋىدى، كۆپچىلىك ئىشەنمىدى. بىر كۈنى ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ مەدەنىيەت بازىرىنى تەكشۈرۈشكە چىقتى، تەكشۈرۈۋېتىپ ئىدارە باشلىقى بىلىكى يوق ۋېناسنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ:

    - بۇ ليۇ خلەنغۇ؟ - دېدى، كاتىپى شۇ ھامان:

    - بۇ دېگەن ۋېناس، - دەپ ئەسكەرتتى، بۇنى ئاڭلىغان ئىدارە باشلىقى ئاچچىقلىنىپ دېدى:

    - نېمە ۋېناس؟ ۋېناغىمۇ بارغانمەن! چەتئەلگە چىقتىم دەپلا ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرىمىزغا ئەجنەبىيچە ئات قويۇۋالساق قانداق بولىدۇ. بۇ دېگەن ليۇ خلەن، قارا، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى دۈشمەنلەر چانىۋەتكەن گەپ!

     

    «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: