• 2011-02-05

    تەسىراتلار - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/103440673.html

    تەسىراتلار

    لىن كەي

    ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيە توقۇنىشى مەڭگۈ ئاياغلاشمايدۇ: بەزىلەر تىرىك ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى بىلەن توقۇنىشىدۇ، بەزىلەر ئۆلۈكلەرنىڭ ئىديىسى بىلەن توقۇنىشىدۇ، بەزىلەر توقۇنۇش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئەسىر بولىدۇ، بەزىلەر توقۇنۇش جەريانىدا ئۆز ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    ئامما قوللىغاننىڭ ھەممىسى ياخشى ئادەم بولۇشى ناتايىن، چۈنكى ئەسكى ئادەملەرمۇ ئاممىۋى ئاساس يارىتىشنى ئويلايدۇ؛ ئامما قارشى تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى يامان ئادەم بولۇشى ناتايىن، چۈنكى ئاممىنىڭ كۆزى ھەر ۋاقىت ئۆتكۈر بولۇۋېرىشى ناتايىن.

    بۈگۈنكى ئۇلۇغ زات ئەتە پەسكەش ئادام بولۇشى مۇمكىن؛ بۈگۈنكى پەسكەش ئادەم ئەتىلىككە ئۇلۇغ زاتقا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلۇغلۇق بىلەن پەسكەشلىكنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى تارىخنىڭ ئەسلىگە قايتىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.

    پۇقرالىق نەزەرى بىلەن دۇنياغا قارىغاندا، دۇنيا تەڭسىزلىككە تولغان بولىدۇ؛ بايلىق نەزەرى دۇنياغا قارىغاندا، دۇنيا پەسكەشلىككە تولغان بولىدۇ؛ ھوقۇق نەزەرى بىلەن قارىغاندا دۇنيا تەرتىپسىز بولغان بولىدۇ.

    مۇھىتنىڭ كىشىگە قورقۇنچ ئاتا قىلىشى ئادەمنىڭ ھايۋانلىق مىجەزىنىڭ بولغانلىقىدىن؛ ئادەمنىڭ ئادەمگە قورقۇنچ ئاتا قىلىشى ئۇنىڭ ئادىمىلىكىنىڭ بولغانلىقىدىن.

    ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زور پاراسىتى ماددىي دۇنيانى يارىتىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەنىۋىي دۇنيانىمۇ ياراتقانلىقىدا. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زور تېڭىرقىشى ماددىي ۋە مەنىۋىي دۇنيانى مەڭگۈ مۇكەممەل يارىتالمايدىغانلقىدا.

    «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» 2011-يىل 2-(ئالدىنقى) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: