• 2011-01-18

    باشلىقنىڭ مۇنچىغا كىرىشى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/100289507.html

    باشلىقنىڭ مۇنچىغا كىرىشى

    مەلۇم تېلېگراف شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەينى يىللاردا ئۆزى چېنىققان يېزىغا دوستلىرىنى يوقلىغىلى بېرىپ يېزا بازىرىدىكى سارايغا چۈشتى. ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا ئۇ يۇيۇنماقچى بولدى . ئەمما ساراينىڭ شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، بىرلا ئاممىۋى مۇنچا بار ئىدى ;باشلىق مۇنچا ئالدىغا كەلگەندە بىر مۇلازىم ئۇنىڭغا: ئەپەندى، ئەگەر سىز يۇيۇنماقچى بولسىڭىز 15 يۇەن جۈمەك ئورنىتىش ھەققى تاپشۇرۇڭ ، بىز سىزگە بىر جۈمەك ئورنىتىپ بېرىمىز، دېدى. باشلىق ھەيران بولۇپ ، بۇ مۇنچا ئادەمنى قويامدۇ نېمە ، دەپ ئويلىدى، ئەمما سالاپىتىدىن چۈشمەسلىك ئۈچۈن 15يۈەننى تۆلەپ مۇنچىغا كىرىشكە تەمشەلگەندە، مۇلازىم: كەچۈرۈڭ ئەپەندى، باشقۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ھەممە جۈمەككە بىردىن نومۇر سېلىنغان ،شۇڭا ئالدى بىلەن 10يۈەن نومۇر تاللاش ھەققى تاپشۇرىسىز ، پۇلنى تاپشۇرغاندىن كېيىن شۇ نومۇرلۇق جۈمەك سىزنىڭلا ئىشلىتىشىڭىزدە بولىدۇ، دېدى. باشلىقنىڭ بىراز ئاچچىقى كەلدى،شۇنداقتىمۇ 10 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ، 8 نى تاللىدى .مۇلازىم يەنە ;سىز 8 نى تاللىدىڭىز بۇ نومۇر خەيرلىك نومۇر شۇڭا 8 يۈەن ئالاھىدە نومۇر قوشۇمچە ھەققى تاپشۇرىسىز ،_دېدى؛ ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، باشلىق زورىغا ئاچچىغىنى بېسىپ:_ئەمىسە مەن 4نى تاللاي، ئالاھىدە نومۇر بولمىغاندىن كېيىن ئالاھىدە نومۇر قوشۇمچە ھەققى تۆلىمەسمەن دېدى. مۇلازىم ھەقىقەتەن ئادەتتىكى نومۇر ،ئەلۋەتتە ئالاھىدە نومۇر قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئەمما سىز 5 يۈەن نومۇر ئۆزگەرتىش ھەققى تاپشۇرىشىڭىز كېرەك ;باشلىق ئامالسىز بېشىنى چايقاپ، ئەينى ۋاقتتا بۇ يەردىكىلەر شۇنچە ساددا ، سەمىمى كىشىلەر ئىدى ، بۇ كەمدە پۇلنى دەپ مۇشۇنداق قالايمىقان ھەق ئالىدىغان بولۇشقانلىرىنى كۆرمەمدىغان، دەپ ئويلىدى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەغرۇرانە ھالدا;ئەمدىغۇ كىرىپ يۇيۇنسام بولار ،_دېدى، مۇلازىم: ئەلۋەتتە بولىدۇ،مەرھەمەت. باشلىق مۇلازىمغا بىرنى ئالىيىۋېتىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى .مۇلازىم توساتتىن قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى :كەچۈرۈڭ، مەن يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي،4 -نومۇرلۇق جۈمەكنى ئۆزىڭىزلا ئىشلىتىسىز، شۇڭا سىز مەيلى يۇيۇنۇڭ، ياكى يۇيۇنماڭ ھەر ئايدا 7يۈەن 50فۇڭ ئايلىق ئىجارە تۆلىشىڭىز كېرەك؛ ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا ھەر 30 مىنۇتىغا 6يۈەندىن يۇيۇنۇش ھەققى تاپشۇرىسىز، ئۇندىن باشقا ھەر ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرۇپ بولىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا تاپشۇرمىسىڭىز يەنە بەلگىلىك مىقداردا كېچىكتۈرۈش ھەققى تۆلەيسىز بولدى بەس، يۇيۇنمايمەن _باشلىق شۇنداق دەپ بېشىنى بۇراپلا ماڭماقچى بولدى، مۇلازىم: سىز راستلا يۇيۇنمامسىز ؟_ دەپ سورىدى. باشلىق: شۇنداق، مەن ھەرگىز بۇ يەردە يۇيۇنمايمەن! _مۇلازىم كۈلۈپ تۇرۇپ: سىز 4-نومۇرلۇق جۈمەكنى ئىشلەتمىسىڭىز 9يۈەن 8مو نومۇر ئۆچۈرۈش ھەققى تۆلەيسىز ،مۇشۇ پۇلنى تۆلىۋەتسىڭىز ئىككىنچى باشقا ھەق تاپشۇرمايسىز : ;باشلىقنىڭ غەزىپى قاتتىق ئۆرلەپ، مۇلازىم بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى، بۇ چاغدا مېھمانساراينىڭ دىرېكتورى جىدەلنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلدى، دېرىكتورنى كۆرۈپ باشلىق ئەرز قىلىمەن، دەپ داۋراڭ قىلىشقا باشلىدى. دېرىكتور ئىشنىڭ باش-ئاخىرنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن كەچۈرۈڭ ئەپەندى، بىلمەسلىكىڭىز مۈمكىن، سىزنىڭ تېلېگراف ساھەسىگە ئوخشاشلا بۇ يەردە مۇنچا بىرلا بولغاچقا بىز مونوپول تىجارەت قىلىمىز، دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باشلىق لام -جىم دېيەلمىدى.

    ; 中国博客;تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • مۇشۇنداق گەپلەر شۇلارغا ئۆتەرمۇ ؟ مېنىڭچە ئۇلارمۇ قۇلاقنى يوپۇرچىلىپ يۇرۇيدۇ ھەقىچان !
    ئارغۇ回复radiofan说:
    قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆ رەھمەت، پات-پات كىرىپ تۇرارسىز.
    2011-01-19 04:57:15