• 2011-01-15

    ساراڭلارنى سۈرەتكە تارتىش - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/99536736.html

    ساراڭلارنى سۈرەتكە تارتىش

    (ھېكايە)

    چىن دېلۇڭ

    تەكلىپكە بىنائەن بىر توپ ساراڭلارنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇشقا بارماقچى بولدۇم. روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تېلېفوندا دېيىشىچە، بىر ساراڭ ماتېرىيالخانىغا بېسىپ كىرىپ بارلىق ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ. ساراڭلارنى باشقۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ئارخىپى سۈرەتلىرى بىلەن ساقلىنىدىكەن، شۇڭا روھي كېسەللەر دوختۇرخانسىدىن مېنى دەرھال كەلسۇن دەپتىكەن.

    روھي كېسەللەر دوختۇرىانىسىغا يېتىپ بارغىنىمدا ساراڭلارنىڭ ھەممىسى ھويلىغا يىغىلىپ بوپتۇ. مەن ساراڭلار ھەجەپ تەرتىپلىكىنا، دەپ ھەيران قالدىم. دوختۇرخانا باشلىقى قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ:

    _ ۋاقىتنى چىىڭ تۇتۇپ تېزراق تارتىڭ، بايىلا تېخى ئۇلارغا تېنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزگەن،_ دېدى.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە غەلىتە بىر خىل ئەپسۇسلۇق پەيدا بولدى. راستىمنى ئېيتسام مەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ سۈرىتىنى تارتقانمەن، مۇنچە كۆپ ساراڭنى سۈرەتكە تارتىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى. ساراڭمۇ ئادەم، ئۇلاردىمۇ غورۇر بار ئەلۋەتتە . ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئيتقاندا مەن يەنىلا ئۇلارغا ھۆرمەت قىلاتتىم. شۇڭا ئۇلارنى ياخشىراق تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئادەملىك ئوبرازىنى تازا بىر نامايەن قىلىش  قارارىغا كەلدىم.

    مەن ئاپپارات تىرىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاپپاراتنى ئورناتتىم، فوكۇسنىمۇ توغرىلىدىم. ئاندىن بىر ساراڭنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قەددىنى رۇسلاتتىم. تېخى ئۇنىڭغا”چەيزە “دېگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تەبەسسۇم چىرايى ئاپاراتىمغا چۈشۈرۈلدى.

    ساراڭلار تېنچلاندۇرۇش دورىسى يېگەچكە ناھىيىتى ياۋاش بولۇپ بەرگەچكە سۈرەتنى ناھىيىتى ئوڭۇشلۇق تارتىپ بولدۇم. قارىسام ساراڭلار رەسىمگە چۈشۈشكە شۇنداق خۇشتاركەن. گۈزەللىكنى سۆيۈش ھەممە كىشىدە بولىدۇ، ساراڭمۇ ئادەمدە.

    ئىككىنچى كۈنى مەن سۈرەتلەرنى يۇيۇپ بولۇپ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا باردىم. ئويلىمىغان يەردىن دوختۇرخانا باشلىقى سۈرەتلەرنى كۆرۈپلا بېشىنى چايقىغىلى تۇردى، ئۇ بېشىنى چايقاۋېرىپ كۆزلىرىمنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتتى. مەن تەخىر قىلالماي دوختۇرىانا باشلىقىدىن سورىدىم:

    _ قانداق، باشلىق سۈرەت يارىمايۋاتامدۇ، نېمە؟ مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، ئۇلارنى پەقەت مۇشۇنچىلىكلا تارتالىدىم جۇمۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار دېگەن ساراڭ تۇرسا.

    _ مەن سىزنى ياخشى تارتالماپتۇ دېمىدىم، بەلكى سىز ئۇلارنى بەك ياخشى تارتىۋېتىپسىز،_ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى ماڭا قاراپ.

    _ قارىڭە، سىز ئۇلارنى شۇنچە روھلۇق، كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك تارتىۋېتىپسىز، سۈرەتكە قارىسا ھەرگىز ساراڭ دېمەيدۇ بۇلارنى، بۇلار ساراڭغا ئوخشىمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا سولىۋېلىشىمىزنىڭ ئورنى يوقتە،_ دوختۇرخانا باشلىقى يەنە مۇنداق دېدى:

    _ ساراڭ دېگەن ساراڭ، سىز ئۇلارنى  بەدئىي سۈرەت قىلىپ تارتماسلىقىڭىز كېرەكىدى، دېمەك سىز ياخشى تارتالماپسىز، بەك ناچار تارتىپ قويۇپسىز دېگەن گەپ.

    _ سىزنىڭچە، مەن ساراڭلارنىڭ كېسەللىك روھىي ھالىتىنى تارتالماپتىمەندە؟ _ دېدىممەن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ.

    دوختۇرخانا باشلىقى ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

    _ شۇنداق ئەمەسمۇ، مۇندىن باشقا يەنە ئىككى مەسىلە بار. بىرىنچى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىرىمۇ ئۇدۇلدىن تارتىلماپتۇ. يەنى كاللىسى ئوتتۇردا ئەمەس، دولىسى ئىككى تەرەپتە تەڭ كۆرۈنمىگەن. قارىڭە، ھەممىسىنىڭ بىر قۇلىقى چىقمىاپتۇ، بۇ كىملىك سۈرىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىككىنچى، ھەممىسى كۈلۈپ، چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ چۈشۈپتۇ، بۇ قانداق بولغىنى؟ كەلگۈسىدە بۇ ساراڭلار جەمئىيەتكە چىقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قالسا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي چىرايى بىلەن بۇ سۈرەتنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، دېمەك دېلونى پاش قىلىشقا پايدىسىز.

    دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتىم. دوختۇرىخانا باشلىقىنىڭ نەزىرى ھەقىقىي كەسپ ئەھلىگە ئوخشايتى، ئۇنىڭ تەلىپى ئىنتايىن يۇقۇرى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن بىر نەچچە ئېغىز مۇنازىرىلەشمەكچى بولدۇم. چۈنكى بۇ قېتىم تارتىلغىنى كىملىك سۈرىتى ئەمەس، بۇ ساراڭلارمۇ جىنايەت شايكىلىرى ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن سەۋرىچانلىق بىلەن دوختۇرخانا باشلىقىغا دېدىم:

    _ باشلىق، مەن پەقەت بۇ ساراڭلارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىراق تارتىپ قوياي دېگەن، شۇڭا مەن ئۇدۇلدىن تارتماي ياندىنراق تارتقان. ئۇدۇلدىن تارتسا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سۈرىتى ياخشى چىقمايدۇ.

    _ مۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟! بۇ دېگەن ئىنتايىن كەسكىن  ئىش، چوقۇم كىملىك سۈرىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇدۇلدىن تارتىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ بەش ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق گەۋدىلىنىدۇ، _ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى ئىنتايىن سوغۇق تەلەپپۇزدا.

    مەن ئىلاجىسىز كۈلۈپ قويدۇم، بۇ يەردە دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن يەنە تالاشقىم يوق ئىدى. ئۇ گەرچە مېنى ساراڭ قاتارىدا سولاپ قويمىسىمۇ،  ئۇنىڭغا جاھىللىق قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىىلەن دوختۇرخانا باشلىقىغا ساراڭلارنى يىغىشنى، ھازىرلا قايتىدىن سۈرەتكە تارتىپ قويىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. دوختۇرخانا باشلىقى بېشىنى لىڭشىتتىدە:

    _ مانا ئەمدى ئاقىلانە گەپ قىلدىڭىز، شۇغىنىسى بۇ ساراڭلارغا يەنە تېنچلاندۇرغۇچ دورا يېگۈزمىسەك بولمايدۇ، بولمىسا جايىدا جىم تۇرمايدۇ ، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا:

    _ بۇ قېتىمقى تېنچلاندۇرغۇچ دورىنىڭ چىقىمىنى مەن ئۈستۈمگە ئالاي.

    شۇنداق دەپ بولۇپلا پۇشايمان قىلدىم، مۇنداق دېگىنىمدىن ماڭىمۇ دورا بېرىڭلار، دېگەن مەنە چىقىپ قالدىغۇ؟

    دوختۇر خانا باشلىقى ناھىيىتى تېزلىكتە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ساراڭلارغا دورا يېگۈزدى، ئاندىن ساراڭلارنىڭ ھەممىسىنى ھويلىغا قاتار قىلىپ تىزدى، مەن ئۇلارنى بىردىن سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدىم. ئۇلار مېنىڭ ئاپپاراتنى توغرىلىغىنىمنى كۆرۈپلا كۈلۈشەتتى. ئەمما مەن ئامالسىز ئۇلارغا:

    _ بۇ قېتىم سۈرەتكە ئاغزىڭلارنى يۇمۇپ چۈشىسىلەر، كۈلمەيسىلەر، چىشىڭلارنى چىقارمايسىلەر، _ دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم.

    بۇنى ئاڭلىغان ساراڭلارنىڭ خۇيى تۇتۇپ قېلىشتى، بىرسى:

    _ مېنىڭ كۈلگۈم كېلىۋاتسا، كۈلمە دېگەنگە ئۇنىمايمەن، _ دەپ ۋارقىرىدى.

    بىرسىنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغان باشقا ساراڭلار ئالا-جوقا توۋلاشقا باشلىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ۋارقىراشسا ، بىر تەرەپتىن كۈلۈشەتتى، تەلۋىلەرچە توختىماي كۈلۈشەتتى.

    مەن ئالدىراپ دوختۇرخانا باشلىقىدىن سورىدىم:

    _ ئۇلارغا تېنچلادۇرغۇچ دورا يېگۈزۈلگەن تۇرۇپ يەنە جىدەل قىلىشىۋاتىدىغۇ؟

    دوختۇرخانا باشلىقى پەس ئاۋازدا:

    _ بۇ قېتىمقى دورا ساختا ئوخشايدۇ، _ دېدى.

    ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، جىدىدلىك ئىچىدە كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى، ئاستاغىنە  دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم. دوختۇرخانا باشلىقى:

    _ مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ، _ دېدى.

    شۇنىڭ بىلەن مەن ساراڭلارغا قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدىم:

    _ كۈلۈڭلار، بولۇشىغا كۈلۈڭلار.

    ساراڭلار ھارغۇچە كۈلۈشتى، ئاخىرى كۈلكىسى بېسىققاندا بىر-بىرلەپ ئۇلارنى سۈرەتكە تارتتىم.

    شەھەردىكى سۈرەتخانىغا قايتقاندىن كېيىن ساراڭلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزدۈم-دە ئۇلارنىڭ چىرايىنى بىربىرلەپ ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە جىلۋىسىنى پۈتۈنلەي ھېسسىياتسىز ھالەتكە ئۆزگەرتتىم. بۇ قېتىم ھەممىسىنى ئۇدۇلدىن تارتقانلىقىم ئۈچۈن، ساراڭلارنىڭ بەش ئەزالىرى ناھىيىتى ماس، كۆرۈنۈشكە تېگىشلىك جايلىرىنىڭ ھەممىسى تەلتۆكۈس  چىقتى، ئەمما كۆزلىرى نۇرسىز، گومۇشتەك، چىرايلىرى تۇتۇق ئىدى.

    مەن سۈرەتلەرنى يۇيۇپ بولۇپلا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈرەتلەرنى دوختۇرخانا باشلىقىغا كۆرسەتتىم. ئۇ بىر ھازا كۆرگەندىن كېيىن ناھىيىتى خوش ھالدا:

    _ ئەمدى قاملىشىپتۇ ئەمەسمۇ، ساراڭ دېگەن ساراڭدەك بولىشى كېرەكتە، _ دېدى.

    دوختۇرخانا باشلىقى خۇشلىقىدا ھەممە خىزمەتچىلەرنى چاقىرتىپ كەلدىدە، ئۇلارنى بىر بىردىن بەدئىي سۈرەتكە تارتىپ قويۇشۇمنى ئېيتتى. ھەمدە: چىشلىرىنى ئازراق چىقىرىپ، كۈلۈمسىرەپ، سىڭىيانراق، قۇلىقىنى كۆرۈنەر كۆرۈنمەس قىلىپ تارتىپ قويۇشۇمنى ئالاھىدە جېكىلىدى.

     

    «مىكرو ھېكايىلاردىن تاللانما» ژۇرنىلى 2006-يىلى 16-ساندىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: